ئەي جاھان ئەھلى، تۈزەي مۇشائىرە سۆھبەتسىمان، باغىقىم بولسۇن بۇ نەزمەم ھەممىگە خىزمەتسىمان، خاس كىيىملەرنى كىيىپ ھەم ياسىنىپ خىسلەتسىمان، سەھنىسى شەۋكەتتە ئەيلەپ چوڭ كۆرەك ھەيۋەتسىمان، ھەق، پەخىرلەنمەك ماڭا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتسىمان.
دەرھەقىقەتكى، ھامان ئىنساندا ئوخشاشلىق تولا، ئەمما، ھەر مىللەت بېغىدا ئۆزگىچە گۈلزار جۇلا، مىلىتىم كىيگەندە ئايەملىك كىيىم توزدەك گويا، چاقنىتار تەندىن قۇياش ئەركەكلىرى ئويناپ ساما، پەرى-پەيكەرگە زېمىن بەرمەي ئېسىل سۆلەتسىمان.
باش كىيىمدىن باشلىساق گەپ، نۇسخىسى بار نەچچە يۈز، خوپ ياراشقاي كىيسە تاللاپ ياز، نورۇز، قىش، ياكى كۈز، دوپپا، ياغلىق ھەم شىلەپە ئەۋجىگە يەتمەيدۇ سۆز، تۈرى كۆپ تەلپەك، تۇماققا مىڭ بېقىپ تويمايدۇ كۆز، باشقا قونغان بەخت قۇشىدەك، بەلكى تاج-دۆلەتسىمان.
تېرە، يۇڭ، پاختا، يىپەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، نە بۇيۇمكى، ئوت يۈرەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، يىپ ئەمەس، رىشتە-تىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، گۈل چېكىپ تالماس بىلەكلەردىن پۈتەر سەرخىل كىيىم، ئۈستىۋاشقا چىقسا چاقنار ئەڭ گۈزەل سەنئەت سىمان.
تاش كىيىم ھەم ئىچ كىيىم تۈر-پاسۇنى چەندان يەنە، ئىش، مۇراسىملاردا ھەرخىل ياسىنار جانان يەنە، ئۆيدە باشقا، سىرتتا باشقا كىينەر ھەرجان يەنە، ئۆزگىچە ئارتىس ۋە ئاشپەز، ساتىراش، دېھقان... يەنە، قوزغىتار قەلبىڭدە دەريا، ئۆركىشى ھۆرمەتسىمان.
كىيىمى بوۋاي-موماينىڭ خوپ سىپايە يارىشار، خويمۇ ماس كەلگەن كىيىمگە ھەممە زوقتا قارىشار، قىز-جۇۋانلار ئۇز ياسانماق كويىدا چاچ تارىشار، ئايلىنىپ بىر پارچە ئوتقا، بارچە ئەر ئىز مارىشار، قان تومۇر، ياق گەۋدىلەردە ھېسسىيات شەربەتسىمان.
ئەر-ئايال كىيملىرىدە رەڭ، شەكىللەر باشقىچە، پەرقى روشەن يەتتە ياشتىن بەستى يەتمىش ياشقىچە، ياشقا باغلىق چاچ-ساقال، ھەتتا بۇرۇتتىن قاشقىچە، جابدۇقى قىز ئاياللارنىڭ ئۆزگە زەر، قاشتاشقىچە، ياش يىگىتلەر يانغا ئاسقان تىغ-پىچاق زىننەتسىمان.
ئاق كىيم − ساپلىق، خەيرلىك قۇتقا تەڭداش ئەسلىدىن، قاپقارا − قايغۇ ئەلەملىك، مۇسىبەتلىك پەسىلىدىن، قىپقىزىل رەڭ بەرق ئۇرار شوخلۇق، خۇشاللىق ۋەسلىدىن، كۆك غەيۇرلۇقتىن، سېرىق مىسكىن، پەرىشان بەستىدىن ... رەڭ بىلەن قانداش ھايات، كىيىم-كېچەك ھېكمەتسىمان.
سەل قارالماس تېخىمۇ ئاياغ كىيىمگە ھەر پەسىل، تۇرسا پۇت ئىسسىق، قۇرۇق، ئەلۋەتتە ساقلىققا كېپىل، كۆن، خۇرۇم، شاۋرۇن ... بىلەن موزدۇز ئاجايىپ دوست ئىجىل، مەسە-كەش، سەندەل، ئۆتۈك، بۆكۈش، بەتىنكە ... زەپ ئېسىل، قىز-ئايال سۈلكەتسىمان، ئەرلەر يۈرەر قۇدرەتسىمان.
پوتا باغلاپ روھلىنىپ پالۋانچە قامەت ئەيلىدۇق، ئەلمىساقتىن بەلنى چىڭ تۇتماقنى ئادەت ئەيلىدۇق، ئادىتى ئىللىق تۇرۇشتىن بەلكى ئامەت ئەيلىدۇق، ساقلىنىپ قورساق سېلىشتىن، شۇنچە راھەت ئەيلىدۇق، تەن سالامەتلىكنى ئاسراش ھەممىدىن قىممەتسىمان.
ئەنئەنەمدىن سۆزلىسەمم، تىل بۇلبۇلۇم خەندان بولۇر، ھەم غورۇرلانسام، بېشىمغا كىيگىنىپ ئاسمان بولۇر، رەڭمۇرەڭ كىيىم-كېچەكتىن كاتتا بىر داستان بولۇر، مەنىلەر يىلتىز سۈرۈك، تەكلىماكان ئورمان بولۇر، ئۆزلۈكۈم تارىخ بېتىدە نۇرلىنار شۆھرەتسىمان.
ژۇرنىلىمىز 2003 -يىل -5سانىدىن ئېلىندى (ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدىن)
|