ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى 13 – مارت گېئولوگىيەلىك يۆتكىلىشى تۇراقسىز بولغان بەش ‹‹خەۋپلىك شەھەر›› نى تىزىپ چىققان. توكيو. توكيونىڭ يەر پوستى تۇراقسىز بولۇپ، دېڭىز تاشقىنىنىڭ زەربە دائىرىسىگە جايلاشقان. كىشىلەر توكيونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەل، دەپ قاراپ، خەتەرلىكئامىلغا ئېتىبارسىز قارىغان. ئىستانبۇل. 1999 – يىلى ئىستانبۇل بىلەن بولغان ئارلىقى 60 ئېنگلىز مىلى كېلىدىغان ئىزمىردا 7.9 بال يەر تەۋرىگەن. ئىستانبۇلدا ھازىر 13 مىليون ئاھالە بولۇپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇستەھكەملىك دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس. سېئاتېل. سېئاتېل رانىئېردىكى ئۇيقۇدىكى يانارتاغقا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، يانارتاغ پارتلىغان ھامان بۇ شەھەر ۋەيران بولىدىكەن. لوس ئانژېلىس. لوس ئانژېلىس يەر كۆپ تەۋرەيدىغان شەھەر بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئىككى قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 45 يىلدىن 144 يىلغىچە ئىكەن. بۇ كەلگۈسىدە بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئانالىزچىلار: كېيىنكى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە 50 مىڭ ئادەم ئۆلۈشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان. سان فىرانسىسكو. بۇ شەھەر سان ئاندېرېس ئۈزۈلمە قاتلىمىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. گېئولوگ داۋىدنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى 30 يىلدا سان فىرانسىسكودا يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى %62 بولىدىكەن.
|