نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خەۋەر >

رەئىس نۇربەكرى مۇھىم سۆزقىلدى.

يوللانغان ۋاقتى: 12:51 03-03-2011 مەنبە: شىنخۇا تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى نۇر بەكرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا شىنجاڭ ئۇيغۇر شىنجاڭ ئۇي

 تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى

 
نۇر بەكرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا

    شىنجاڭ ئۇيغۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش يىلىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى! ، دېدى.

    ‹‹خەلقنى بېيىتقانلىق پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرگەنلىكتۇر››

    نۇر بەكرى ‹‹11 – بەش يىل››دىكى مول نەتىجىلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹11 – بەش يىل›› شىنجاڭ تارىخىدىكى تەرەققىيات ئەڭ تېز، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى ئەڭ زور، ھەر مىللەت خەلق ئېرىشكەن نەپ ئەڭ كۆپ مەزگىل بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا شۇكى، ئاپتونوم رايون خەلقنى بېيىتىش جەھەتتە نۇرغۇن سىناق قىلدى، سېلىنمىنى زورايتتى. خەلقنى بېيىتىش پۇقرالارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي مەنپەئەتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشتۇر.

    ‹‹11 – بەش يىل››دا شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى مىسلىسىز بولدى، بولۇپمۇ 2010 – يىلى، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن چىقىمى 119 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت چىقىمىنىڭ %71ىنى ئىگىلەپ، ‹‹10 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىدىكىدىن %26.4 ئاشتى. 191 مىڭ دېھقان – چارۋىچى ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ بېيىتىش ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ياردىمىدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى؛ 85 مىڭ يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، 12 مىڭ يۈرۈش جامائەت ئىجارە ئۆيى يېڭىدىن سېلىندى، 70 مىڭ ئائىلىلىك كەپە مەھەللە ئۆزگەرتىلدى؛ ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 40 مىڭغا يېقىن ئائىلىدىن ئاز دېگەندىمۇ بىردىن كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %80 تىن كۆپرەكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى 10 مىليون 340 مىڭ دېھقان – چارۋىچىنى قاپلىدى، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىگە قاتناشقانلار %98.6كە يەتتى.

    ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ‹‹11 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.6، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %22.7، پۈتكۈل ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.2، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %16.7، تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى %16.6، شەھەر، بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ۋە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11 ۋە %12.7 ئاشقان، شەھەر، بازارلاردا جەمئىي 2 مىليون 70 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان.

    ‹‹تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى››

    تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. نۇر بەكرى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، مۇقىملىق بىرىنچى مەسئۇلىيەت. مەركەز شىنجاڭغا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تاپشۇردى، ۋەھالەنكى، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، بىز ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرىمىز.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: تەرەققىيات بولمىسا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىياتنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ‹‹5 – ئىيۇل›› ۋەقەسىدىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن راھەت – پاراغەت، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش ئاساسى مۇستەھكەم، ئۇنى ئاسانلىقچە بۇزغىلى بولمايدۇ.

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزەرى، كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى ۋە ھاياجانلىنىش نۇقتىسى بېيىشقا، زامانىۋىلىشىشقا، يۇرت – ماكاننى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مەركەزلەشتى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش، ئىشچان بولۇش، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەش روھىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشى، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى، ئىناق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

    ‹‹تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن››

    نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل›› شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت. تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى خەلق ئۈچۈن. يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچتا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بارلىق خىزمەنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ قوللىشى، جايلارنىڭ ياردىمى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنمىسىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا نۇقتىلىق ئىشلىتىمىز.

    مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقى، شۇنداقلا 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ شىنجاڭغا كۈچەپ ياردەم بېرىشى بىلەن، ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭ مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما تەييارغا ھەييار بولۇش ئىدىيەسىدە بولماي، ئېغىر يۈكنى، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشقا، بۆسۈشكە، نى – نى ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئاڭنى تۇرغۇزۇپ، تېگىشلىك تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، مەركەز تاپشۇرغان ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە كەم – كوتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ۋە ئورۇندىشىمىز كېرەك.

ياخشىكەن
(1)
20%
ناچاركەن
(4)
80%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر