نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خانىم-قىزلار >

قىزلار بىلمەيدىغان 11 تۈرلۈك ئىش --- قەلىب سىرى

يوللانغان ۋاقتى: 04:28 12-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
1. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، كۆڭلى نازۇ

1. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قارىماققا كۈچلۈكتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ، كۆڭلى نازۇك بولىدۇ . شۇڭا ئۇلار يېنىدىكى قىزنىڭ ئۆزىنى ئەڭ ياخشى دەپ بىلىشى ئۈچۈن ، كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدۇ .

2. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرمۇ ياش تۆكىدۇ . ئۇلار ياش تۆككەندە ، بىر مەزگىللىك مۇھەببىتىگە خاتىمە بېرىدۇ .

3. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئازابلانغاندا تاماكا چېكىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قويۇق ئىس ئىچىدە ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ۋاقىتلارنى ئەسلەپ ، كۆڭلى تىنچىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ .

4. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن كېيىنمۇ ئۆزىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىز بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشنى ئويلىغىنى ئەمەس ، بەلكى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئىلگىرىكى مۇھەببەتنى قايتۇرۋالماقچى .

5. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يىغلاپ – قاقشىغانلىقىنى كۆرسە ئاچچىقى كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر قىزلارنىڭ يىغىسىنى بالايىئاپەتنىڭ بىشارىتى دەپ قارايدۇ .

6.قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەر ئاخشىمى ھاراق ئېچىپ مەست بولۇۋالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار مەست بولۇۋالمىسا ، شۇ كېچىنىڭ ئەسلەش ۋە ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ .

7. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەردلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىزنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن .

8. قىزلار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى سىزنى سۆيمىگەنلىكى ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە باشقىلارنىڭ شېرىن – شېكەر گەپلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن .

9. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن لايىقىنىڭ بۇرۇنقى يىگىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكى ئەمەس ، بەلكى لايىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىنى تاشلاپ ، ئىلگىرىكى يىگىتنىڭ قېشىغا كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى .

10. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلار ئۈچۈن يازغان كۈندىلىك خاتىرىسنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ، سوغۇققانلىق بىلەن بۇنى چۈشەندۈرۈشنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئاچچىقلىنىشنى خالىغانلىقى ئەمەس ، بەلكى قىزنىڭ ئاغزىدىن زادى كىمنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن .

11. قىزلار ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹‹ سىزنى سۆيىمەن ›› دېمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەرلەر ئۆز مۇھەببىتىنى تىلى ئارقىلىق ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ .


سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر