ھەممىمىزگە ئايان بېيجىڭ كىنو ئۇنۋېرىستىتى ھەر يىلى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان مەزگىل، نۇرغۇنلىغان چىرايلىق ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئوتتۇرىغان چىقىدىغان ۋاقىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بېيجىڭ كىنو ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ 2011-يىللىق مەخسۇس كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغان تۇنجى كۈنى، ئەتراپتا بالىلىرىنى ساقلاپ تۇرغان ئاتا-ئانىلاردىن باشقا، ھەريەرلەدىن كەلگەن مۇخپىرلار، تېلىۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ ئارتىش تاللاش خادىملىرى، جەمئىيەتتىكى ئەركىن سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، فوتوگرافلار، رەسساملار بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەقەززالىق بىلەن كەلگۈسىنىڭ داڭلىق چولپانلىرىنىڭ تېزرەك سەھنىگە چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى، شۇ كۈنى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىمتىھان بەرگۈچى قىزچاق گۈلناز ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشى بىلەنلا، گۈزەل جەلپكار چىرايى بىلەن ئولتۇرغانلارنى ھەيران قالدۇردى، مۇخپىرلار، فوتوگرافلار ۋە پەستە ئولتۇرغانلار بەس-بەس بىلەن ئۇنى رەسىمگە تارتىشقا باشلىدى، ھەتتا تېلىۋىزىيە شىركەتلىرىنىڭ ئارتىس قۇبۇل قىلىش خادىملىرى نەق مەيدانغ چىقىپ ئۇنىڭغا تەكلىپ قىلىش ئىلتىماسلىرىنى سۇندى. ![]() ئىمتاھان نەق مەيدانىدىلا كىنو شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى گۈلنازنى ئېكران سىناشقا تەكلىپ قىلدى.
![]() ![]() ئىمتاھان مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر
![]() ![]() |