تارىختىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئون ئايال
يوللانغان ۋاقتى: 18:17 11-04-2011 مەنبە: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
تارىختىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئون ئايال
(Екатерина II Алексеевна (1729 - 1796
يېكاتېرىنا II يەنە ئىمپېراتور كاتېرىن دەپمۇ ئاتالغان، ئۇ تارىختا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت رۇسىيەنىڭ بىپايان زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى 34 يىل داۋاملاشقان بولۇپ ، 1796–يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ھوقۇق يۈرگۈزگەن.
Hatshepsut
خاتشىپسۇت قەدىمىي دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئاياللارنىڭ بىرى. ئۇ قەدىمكى مىسىرنىڭ 18 - خاندانلىقىنىڭ فىرئەۋىنى، ئۇنىڭ 5 - قېتىم مىسىرنى ئىدارە قىلغان ۋاقتى تارىختىكى باشقا ھەرقانداق ئايالنىڭكىدىن ئۇزۇن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان مىسىرلىق قەدىمكى ئەسۋاب - جابدۇقلار ئالىملىرى ۋە تارىخشۇناسلار خاتشىپسۇتنى قەدىمكى مىسىرنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شاھلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدىكەن.
Eleanor
ئېلىئانور ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدىكى ئەڭ باي ھەم قۇدرەتلىك ئايال. ئۇ مۇستەقىل ھۆكۈمران بولغان، كىنەز Aquitaine نىڭ خانىمى ۋە Poitiers كىنەز شەرىپىگە ئېرىشكەن.
(1819 - 1901)Victoria
ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ۋېكتورىيە تارىختىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئايال. ۋېكتورىيەنىڭ ئىمپېرىيەسى 14 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئالتە چوڭ قىتئەنى كېسىپ ئۆتكەن، بۈيۈك بىرىتانىيە ئىمپېرىيەسى ئەڭ چوڭ مۇستەملىكە ئىمپېرىيە بولۇپ، 19 - ئەسىردە تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك ئىمپېرىيە بولغان. ئۇ دۇنياغا داڭلىق ‹‹ۋېكتورىيە دەۋرى›› نى ياراتقان.
Theodora
خانىش سېئودورا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك قۇدرەتلىك ئاياللارنىڭ بىرى، ئۇ راك كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
Elizabeth
ئايال پادىشاھ ئېلزابىت تاج كىيىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تۇنجى ھەقىقىي ھۆكۈمران. ئۇ بىر ئۆمۈر ياتلىق بولمىغاچقا، ئادەتتە يەنە ‹‹قىز پادىشاھ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلزابىت ئەنگىلىيە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتقان. ئۇ يەنە ئىسپانىيەنىڭ تەڭداشسىز كېمە ئەترىتىنى مەغلۇپ قىلغان، ئەنگىلىيەدە پروتېستانت دىنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، رىم كاتولىك دىنىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن.
(Maria Theresa (1717 - 1780
ئاۋستىرىيەلىك مارىيا سېرىسا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئۇ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ شاھى CharlesVI گە ئوخشاش ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ قاتناشچىسى. ئۇ مائارىپ ۋە ھۆرلۈك سىياسىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەن.
Isabella
ئىسابېللا ئىسپانىيە تارىخىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ دەپ قارالغان، ئۇ كولومبونىڭ سۇ يولى ئارقىلىق غەربىي يېرىم شارغا بېرىشىنى قوللىغان، ئىسپانىيە دىنىي ھۆكۈم مەھكىمىسىنى قۇرغان، مۇستەقىل ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىسپانىيە خاندانلىقىنى مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئۇ 1504 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
سىشى (1835~1908)
سىشى (يىخى نارا) جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئايال بولۇپ، ئۇ ۋۇزېتيەندىنمۇ قۇدرەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادىلىك ۋە مۇتەئەسسىپ ھوقۇقدار.
ۋۇزېتيەن (624 - يىلى 17 - فېۋرال ~ 705 - يىلى 16 - دېكابىر)
ۋۇزېتيەن جۇڭگو تارىخىدىكى بىردىنبىر ئايال پادىشاھ ، فېئودالىزم دەۋرىدىكى مەشھۇر سىياسىيون. تاڭ سۇلالىسىنىڭ 290 يىللىق تارىخىنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن دەۋرىگە بۇ ئايال پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تۆھپىسى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد باھالىنىپ كەلدى.
|
------分隔线----------------------------