ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى يامان خۇيلىرى ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى: 20:52 09-09-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
گەپ ئاڭلايدىغان ، جانابىي ھەقنىڭ ئەمىرىنى ئادا قىلىدىغان گۈزەل ۋە ياخشى ئايال گاداينى شاھ قىلىدۇ. قوينىڭدا ياتقان خانىم كۆڭلۈڭگە مۇ
گەپ ئاڭلايدىغان ، جانابىي ھەقنىڭ ئەمىرىنى ئادا قىلىدىغان گۈزەل ۋە ياخشى ئايال گاداينى شاھ قىلىدۇ.
قوينىڭدا ياتقان خانىم كۆڭلۈڭگە مۇۋاپىق ۋە چىقىشقاق ئايال بولسا ، ئىشىكىڭدە ھەر كۈنى پادىشاھلاردە بەش قېتىم نۆۋەتچى قوي.
كۈن بۇيى ھەر خىل دەرتلەرنى تارتىپ ، تۈندە ئۈيۈڭدە دەردىڭگە دەرمان بۇلىدىغان ياخشى خۇتۇنۇڭ بولسا ھېچ غەم يىمە . كىمنىڭ ئۈيى پاراۋان ۋە ھەمرايى ئۇنى جاندىن سۆيسە ، ھەقتائالا ئۇنىڭغا شەپقەت نەزەرى بىلەن قارايدۇ.
ئايال ھەم گۈزەل ھەم نۇمۇسلۇق بولسا ، ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغىنىدا ئۆزىنى جەننەتتە بىلسۇن .
قەلبى خانىمى بىلەن بولغان كىشى مۇرادىغا يىتىدۇ .
ئايال دىدارى ۋە شىرىن سۆز بولسا ، ئۇنىڭ گۈزەلىكىنى ئىزدەش ئۇرۇنسىزدۇر .
ئەخلاقى گۈزەل بولغان ئايال چىرايى ، بەدىنى گۈزەل بولمىسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق . ئۇنىڭ ياخشى خۇيى كەمچىلىكلىرىنى ياپىدۇ .
سەت بولسىمۇ ئەخلاقى گۈزەل ئەيال پەرى چىراي ، ئەمما خۇلقى ئەسكى جىدەلخور ئايالدىن ئەۋزەلدۇر .
ياخشى خۇيلۇق ئايال ئېرىنىڭ قۇلىدىن سىركىنى ھالۋا دەپ يەيدۇ .
يامان خۇيلۇق ئايال ھالۋا يىسىمۇ تەلەتى سىركە ساتىدۇ .
ياخشى ئايال روھنىڭ ئۇزۇقى ، كۆڭۈل شادلىقى ، يامان خۇيلۇق ، جىدەلخور ئاياللارغا كەلسەك ، بۇنداقلاردىن خۇدا ساقلىسۇن .
ئەسكى مىجەزلىك ئاياللارنى ئالغان ئەر قاغا بىلەن بىر قەپەستىكى تۇتى قۇشقا ئوخشايدۇ . ئۇ قەپەستىن قۇتۇلىشىنى جان دەيدۇ .
يامان خۇتۇنغا يولۇقۇپ قالساڭ ، يا بېشىڭنى ئېلىپ كەت ، يا نىمە دىسە خوپ دەپ ئولتۇر .
جدەلخور ئايال بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ جىدەللەشكەندىن سەپەرگە چىقىنىڭ ئەۋزەل . ھالبۇكى ، كەش ئاياغنى قىستىسا يالىڭاچ ماڭغان راھەتتۇر .
ئۆيۈڭدە تەلەتى يامان ھەمىراھىڭ بولغىنىدىن زىنداندا ياتقىنىڭ ئەۋزەلدۇر .
ئۆيدە يامان خۇتۇنى بار ئادەم سەپەرگە چىقسا ھېيت - بايرام كەيپى سۈرىدۇ .
ئۆيدىكى ئايالنىڭ ئاۋازى قاتتىق بولسا ، ئۇ ئۆيدە خەيىر بولمايدۇ .
خۇتۇنىڭنى بازارغا قۇيۇپ بەرمە . گەپ ئاڭلىمىسا ئۇر . ئەگەر گىپىڭنى ئۆتكۈزەلمىسەڭ قويۇپ بەر ، ئۇ ئەر كىشىدەك يۈرىۋەرسۇن ؛ سەن بولساڭ ئايال كىشىدە ئۆيدە ئولتۇر .
خۇتۇن ئېرىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىسا ، ئەرنى ئەر دىگىلى بولمايدۇ . بۇنداقلار خۇتۇنىنىڭ ئىشتىنىنى كىيىپ ئۆيدە ئولتۇرغىنى تۈزۈك .
ئالغان خۇتۇنۇڭ بىلىمسىز ۋە ۋاپاسىز چىقسا ، بېشىڭغا بالا ئالغان بۇلىسەن.
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|
------分隔线----------------------------