نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خانىم-قىزلار >

ئىلى يېقىنقى زامان مائارىپىدىكىئانىلار

يوللانغان ۋاقتى: 03:51 12-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھۆرىدە مىجىت 1933-يىلى 12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن

ھۆرىدە مىجىت

   1933-يىلى «12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگىرىشى» يۈز بېرىپ، شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىنكېيىن ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا بىر مەزگىل جانلىنىشبولدى.مىللىي زىيالىيلار ئارىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغاچىقىپئوقۇش،بىلىم ئاشۇرۈش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى.چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلار يېڭى مائارىپنىڭ تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئايلاندى.گەرچەئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرئوقۇتقۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىسىمۇ،ئايال ئوقۇتقۇچىلارمۇ مولمېۋىلىك نەتىجىلىرى بىلەن مەڭگۈ مەدھىيلىىنىشىگە مۇيەسسەربولۇپ كەلمەكتە.
   ئايال ئوقۇتقۇچىلارمائارىپىمىزنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلغان،ئورنى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقان ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىۋاتقانبۈگۈنكى كۈندە مەرىپەتپەرۋەر ئاياللارنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇشيەنىمۇ زۆرۈردەپ قارايمەن.
   تۆۋەندە مەن ئىلىدا ياشاپئۆتكەن، بارلىقىنى ئىلىنىڭ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىئۈچۈن تەغدىم قىلغان ئۇلۇغ ئانىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
   ئىلى تارىخىدا<<خەيرىيە مەكتىپى>>دېگەن نام بىلەن ئاتالغان.بۈگۈنكىغۇلجا شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگەجايلاشقان 21-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ <<ئايخان مەكتەپ>> دېگەن يېقىملىق نامىمۇ بار.بۇمەكتەپنىڭقۇرغۇچىسى ئايخان ئانا 1933_يىلى ئۆزىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى 16 ئېغىزلىق قورۇ -جاينى شۇ مەزگىلدىكى باي سودىگەرلەرنىڭياردىمى بىلەن قۇرۇلغان<<خەيرىيە مەكتەپ>> (ئورنى ھازىرقىئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەربىرلەشمىسى بىناسىغا توغرا كېلىدۇ)نىڭ سىنىپ قىسلىق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلدى. 1934 _يىلى ئايخان ئانا يولدىشى بەختاخۇن ۋە دادىسىدىن قالغان مال -دۇنياسى بىلەن ئۆزقورۇسىدا مەكتەپ ئاچتى . 1937 -يىلى <<خەيرىيە مەكتىپى>>دىكى بالىلار بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدى.شۇندىن تارتىپ بۇ مەكتەپمۇ<<خەيرىيە مەكتەپ>>دەپ ئاتالدى.1882 -يىلى غۇلجىنىڭ شەھەر ئىچى مەھەللىسىدە دۇنياغاكەلگەن ئايخان ئانا 1942-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەنئالەمدىن ئۆتتى.كىشلەر ئايخان ئانىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر روھىنىياد ئېتىپ،مەكتەپنى<<ئايخان ئانا مەكتىپى>>دەپ ئاتاشتى.
   ئىلى يېقىنقى زامان مائارىپىنىڭتەرەققىياتى ئۆچۈن 55يىل خىز مەت قىلغان زەينەپ خانىم 1921 -يىلدىن 1976-يىلىغىچە غۇلجا شەھرىدە قۇرۇلغان <<نەمۇنە مەكتەپ>>،<<سايرامىيە مەكتەپ>>،<<تائالىيە مەكتەپ>>،مۇرات مەكتەپ>>لەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، نۇرغۇنئەۋلادلارنى تەربىيىلەپ يېتۇشدۈردى.
   ئۇ ئۆزىنىڭ باغۋەنلىك ئەجرىنىئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىۋە ئازادلىقتىن كېيىن خەلىق ھۆكۈمىتى تەقدىم قىلغان <<ساداقەت>>ئوردىنى،<<قەھرمان>>ئوردىنى بىلەن نامايەن قىلدى.
ئۇ يەنە 1956-يىلى ئاپتونوم رايۇنلۇق ۋە مەملىكەتلىك ئىلغارلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ مۇكاپاتلاندى،مانا بۇلارنىڭھەممىسى زەينەپ خانىمنىڭ مېھنىتىدىن ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەر ئىدى.
   زەينەپ خانىم 1930-يىللاردىكى ئىلىيېقىنقى زامان مائارىپىغا ئالاھىدە تەسىركۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتلاردىلا <<ئىلى گېزىتى>> قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدائىلغار ئىش- ئىزلىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغانۋە زەينەپ ئانا دېگەن ھۆرمەت نامى بىلەن ياد ئېتىلىپ كەلگەن.
  شىنجاڭ ھازىرقى زامان بالىلار مائارىپىنىڭ ئاساسچسى ئىلى يېڭى مائارىپىنىڭ تەشۋىقاتچىسى،پىشقەدەم ئۇستاز رەشىدەخانىم 1912-يىلى 7 -ئايدا غۇلجىدا تۇغۇلغان.
   ئۇ 1919- يىلدىن 1928-يىلغىچەتولۇق مەلۇمات بىلەن تاتارمەكتىپى(ھازىرقىغۇلجا شەھەر 6-باشلانغۇچ مەكتەپ)نى پۈتۈرۈپ ئەلا نەتىجىسى بىلەن مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
   رەشىدە خانىم1931- يىلى سابىقسوۋېت ئىتىتىپاقغا بېرىپ،تاشكەنت پىداگوگىكائۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا -ماتېماتىكا فاكولتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان.1933-يىلىغۇلجىغاكېلىپ ،ئانا مەكتىپى(تاتارمەكتەپ)دە ئىشلىگەن.1935 -يىلدىن 1946-يىلغىچە غۇلجا،ئۈرۈمچى ۋە نىلقا ناھىيىسىدە مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن.1946 يىلى ئۈرۈمچىگە بېرىپ،<<قىزلارئوتتۇرا مەكتىپى>>گەمۇدىر بولغان.1947 -يىلى ئۇ ئۈرۈمچى غالبىيەت يولىدا شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى مىللىي بالىلار باغچىسىنىقۇرۇپ مەسئۇل خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
   رەشىدەم خانىم 1955 - يىلىبېيجىڭغايۆتكىلىپ بالىلار مائارىپىنى ئىشلىگەن.ئۇمائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن شەىسىيەتسىز مېھنەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يېقىنقى زامان ئىلى مارىپ تارىخىدىلا ئەمەس،پۈتكۈل شىنجاڭ يېقىنقى زامانمائارىپ تارىخىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
   ئىلى يېقىنقى زامان پەننىيمائارىپ سېپىدىكى جاپاكەش ئۇستاز،يېڭىمەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغۇچى خەدىچە ئابستاي.ئۇ 1905- يىلى ھەرەمباغدىكى قىزىل كۆۋرۈك يېنىدا،ئىككى ئېغىزلىق ئۆيدە ئاددىيغىنە سىنىپ ئېچىپ،بالا ئوقۇتۇپ پەننىي دەرسلەردىن بىلىم بەرگەن.بۇ سىنىپلار بۈگۈنكى غۇلجاشەھەرلىك 1 -باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەكتەپ <<قىزىل كۆۋرۈك مەكتىپى>>دەپ ئاتىلاتتى.1911 -يىلى بىشىرباي دېگەن كىشى ھازىرقى 3 -باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شىمالىدىكى يولبويىغا ئالتە سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇردى. بۇ مەخسۇس قىزلار مەكتىپى بولۇپ، خەدىچەئابىستايقىزىل كۆۋرۈك مەكتەپتىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كىېلىندى ۋە قىزلارنىمەخسۇس يېىڭىچە ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىدى.ئەينىدەۋردىكى شارائىت ئۈچۈن ئېيتقاندا خەدىچە خانىم فېئودالمۇستەبىت كۈچلەرگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى قەيسەر مۇئەللىمە ئىدى.خۇراپىيلىق ئەۋج ئالغان ،قىزلارنى ئوقۇتۇشنى قاتتىق چەكلەيدىغان،كوناقائىدە-يوسۇنلارغا جەڭئېلان قىلغان.
   يۇقىرىقى ئانىلارنىڭ ئۆمۈر خاتىرسىىدىنشۇنى كۆرۈشكە بولدىكى ئانىلىرىمىزخېلى بۇرۇنلا <<بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى،مىللەتنىڭ ئىستىقبالى،بىر مىللەتنىڭ دەۋىردىن دەۋىرگە روناق تېپىپ گۈللەپياشنىشى ياكى خارابلىشىشى شۇ مىللەت بالىلىرىنىڭ قانداق تەربىيىلىنىشىگەباغلىق>>دېگەندىنئىبارەت بۇ ئىلمىي يەكۈننىچوڭقۇر چۈشەنگەن ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلغان ئىدى.

سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر