نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خانىم-قىزلار >

ئاياللارغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

يوللانغان ۋاقتى: 22:47 05-03-2011 مەنبە: پەن ۋە تۇرمۇش ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاياللار ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

  * سۈت بېزى كېسىلى بارلار بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكلىرى بىلەن لامنارىيەنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ساپ بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئانىلىق ھورموننىڭ قاندىكى ئايلىنىشىنى ئاشۇرۇپ ، ئانىلىق ھورموننىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن پەيدا  بولىدىغان سۈت بېزى كېسەللىكىنى چەكلەيدىكەن . داۋاملىق لامنارىيە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، سۈت بېزى يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن .

  * ئانىلىق ھورمونى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . قاندكى ئانىلىق ھورمونى نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولسا ، ئاياللار كۆپىيىش ۋە يۈرەكنى قوغداش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ . كاناماش ( دادۇر ) تەركىبىدىكى ئىزىفلاۋون ئانىلىق ھورمون ھاسىل قىلغۇچى ماددا بولۇپ ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننى تولۇقلايدۇ . كۈندە 500  مىللىلىتىر كاناماش بوتقىسى ياكى 100 گرام كاناماشتىن قىلىنغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئانىلىق ھورموننى تەڭشەيدۇ .

   * كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە خاراكتېرلىك جىسىي يول ياللۇغى بارلار سامساقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . داۋاملىق سامساق ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللار كۆكەرتكۈچىباكتېرىيە خاراكتېرلىك جىنسىي يولى ياللۇغىغا ئاسانلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ . چۈنكى سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىن ۋە كاپزائىتسىنلارنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار . ئۇلار ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيەلەرنىڭ جىنسىي يولىدا يېتىلىش ۋە ئايلىنىشىنى چەكلەيدۇ .

   * ھەيزنىڭ كېلىشى نورمالسىزلار ھەسەل قوشۇلغان قىزىق سۈت ئېچىپ بېرىشى كېرەك . ھەيز كەلگەن مەزگىلدە ئاياللار ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان قىزىق سۈتئىچىپ بەرسە ، ھەيز مەزگىلىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ . چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالىي كەيپىياتنى ياخشىلاش ، قورساق ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش ، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ھەيز مىقدارىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ . ھەسەل تەركىبىدىكىماگنىي مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرۇپ ، ھەيز مەزگىلىدىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىپ ، روھىي بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ .

   * ھەيز ئاغىتىپ كېلىدىغانلار بانان ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . بانان تەركىبىدە ۋىتامىن B6 مول بولۇپ ، ئۇ نېرۋىنى تىنجلاندۇرىدۇ ۋە ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ھەمدە قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ .

بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغانلار تەركىبىدە ماگنىيمول يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ  بېرىشى كېرەك . باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كۆپىنچە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا ، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ . تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، تەركىبىدە ماگنىي بولغان تېرىق ، قارا بۇغداي ئۇنى ، پۇرچاقتۈرىدىكىلەر ، بانان ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشىنى پەسەيتىدىكەن .

  * پىشلاق ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، پىشلاق يۈرەككە پايدىلىق بولۇپلاق قالماي ، يەنە ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى پايدىسىز خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە پايدىلىق خولېستىېرىننىكۆپەيتىدىكەن .

  * ئاياللار چارچىغاندا توخۇ يۈرىكى ئىستېمال قىلسا بەدەنگە پايدىلىق . ئاياللار ئەرلەرگە  قارىغاندا ئاسان چارچايدۇ . بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇتەخەسسىسلەر ، بۇنى كۆپىنچە يېنىك دەرىجىدىكى تۆمۈر كەم بولۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ، دەپ قارايدۇ . شۇڭا ئاياللار توخۇ يۈرىكى ، توخۇ تاشلىقى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا تۆمۈر تولۇقلىنىپ ، چارچاش يوقايدۇ .

‹‹ پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ›› دىن ئېلىندى

ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر