![]() ماتىرىيال سۆرەت: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىز قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغاندا نەپەس ئېلىشىمۇ تەسلىشىپ قالغان ئىدى
![]() ئورىدا سولاپ قويۇلۇپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىككى قىز ئايرىم-ئايرىم 590 كۈن ۋە 317 كۈن سولانغان بولۇپ، جىنايەتچى بۇ قىزلارنى پەقەت ئۆزىنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا سولاپ قويغان ئىكەن.
![]() تۈنۈگۈن، ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئېغىر غۇلغۇلا ۋە نەپرەت قوزغىغان 40 ياشلىق سېڭ چىياڭباۋنى باسقۇنچىلىق قىلىش، قانۇنسىز قاماش، بۇلاش ۋە تارتىۋىلىش جىنايىتىنى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسى بەردى. سېڭ چىياڭباۋ ئەسلى ۋۇخەن جىڭدىڭ سانائەت شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، 2008-يىلى9-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، ئۇ توكلۇق ۋىلىسىپىتى بىلەن چىڭشەن تېغى ئاق ئەرمەك تاشلىق رايونغا كىلىپ، ئاۋۋال تەييارلاپ قويغان ئارغامچا بىلەن مۇشۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان لى لىنى بوغۇپ، ئۇنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي قىزغا تەھدىت سالغان. ھەم مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن كېيىنچە قىزنى تۆمۈر زەنجىر بىلەن باغلاپ ئورىغا تاشلاپ قويغان. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن خوڭ خوڭ ئوخشاشلا سېڭ چىياڭباۋ تەرىپىدىن ئوخشاش ئۇسۇلدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئورىغا تاشلانغان. بۇ ئىككى قىز ئورىدا ئايرىم-ئايرىم 590 ۋە 317 كۈن تۇرغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ قىزلارنى سېڭ چىياڭباۋنىڭ چىڭشەن تېغى شىمالى كۆلى دېھقانچىلىق مەيدانى شۇجىيا گاڭ يېزىسىدىكى بىر ئورەكتىن (ئورا) دىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. |