نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خانىم-قىزلار >

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرى

يوللانغان ۋاقتى: 03:36 08-04-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى

 يىلىم:
قەدىمدە خانىم-قىزلىرىمىز چېچىغا جىگدە يېلىمىنى يۇمشاقسوقۇپ سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ، چاچلىرىنى ئۆرۈپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئادەتتە، جىگدە يېلىمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش، باش قىچىشىش، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنىئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرىبولغاچقا، ئۇنى داۋاملىق چاچقا چېپىپ بەرگەندە، چاچ ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى؛ باش قىچىشىش، كېپەكلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمۈلۈكئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يېلىمىنىڭ تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسيتىش رولىدىنپادىلىنىپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. قۇۋۋەتلەش رولىدىنپايدىلىنىپ باش قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم رەئىس ئەزا مېڭىنى قۇۋۋەتلەش مەقسىدىگەيەتكىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش رولىدىن پايدىلىنىپ باشقىسمىدىكى ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكى، جاراھەت، زەخىم قاتارلىقلارنىتېزلا يوقاتقىلى، شۇنداقلا ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، باش قىسىم تەرلەشنىڭ ئالدىنىئالغىلى بولىدۇ. جىگدە يىلىمىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، تەبىئىتى ھۆل سوغۇقبولغان باش قىسمىدىكى مېڭىدىن ئىبارەت رەئىس ئەزانىڭ ئارتۇق ھۆللىكىنى قۇرۇتۇپ، ھۆل سوغۇق ئارتىپ كېتىشتىن بولغان ھەر خىل مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئوسما:
ئوسما قويۇش ئويغۇر خانىم-قىزلىرىقەدىمدىن تارتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئادەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئوسمايۇپۇرمىقىنى سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى قاشقا سۈركىلىدۇ. ئوسمىنىڭ چاچ پارقىرىتىش، قارايتىش، ئۆستۈرۈش تەسىرى بار. شۇڭا ئۇنى داۋاملىق قاشقا قويۇپ بەرگەندە، قاشئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئوسما يۇپۇرمىقىنىڭتەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى قاشقا قويۇپ بەرگەندە قاش ئەتىراپىدىكى ھۆللۈكنىقۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، قاپاق ئاغرىش قاتارلىقكېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا قاش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، قاش چۈشۈپ كېتىشنىڭئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

سۈرمە تارتىش:
بۇمۇ بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل گىرىم قىلىش ئۇسۇلىبولۇپ، قەدىمدە ئەرلەرمۇ تۈرلۈك كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆزىگەسۈرمە تارتقان. سۈرمە بىر خىل تاش بولۇپ، ئادەتتە يۇمشاق سوقۇلۇپ ئەلگەكتىنئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن كۆزنىڭ كىرپىك بار يېرىگە سۈرتىلىدۇ. سۈرمىنىڭ كۆزنىقۇۋۋەتلەش، ئاسراش، روشەنلەشتۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەتپۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بار. شۇڭا ئۇنى كۆزگە دائىم تارتىپبەرگەندە، كىرپىكنى ئۇزۇن، قارا، پارقىراق قىلغاندىن سىرت، يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتىئاجىزلىق، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاغرىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىيوقاتقىلى بولىدۇ. قاپاق ئاغرىقى، باش ئاغرىقى قاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھارارەت پەسەيتىش رولىدىن پايدىلىنىپ كۆزنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، كۆز چىڭقىلىشقاتارلىقلاردىن خالاس بولغىلى بولىدۇ. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ كۆزياشاڭغىراش، ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشتىن بولغان قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىقئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

تىرناققا خېنە قويۇش:
بۇ تىرناق ۋە بارماقلارنىگۈزەللەشتۈرۈشتىكى گىرىم قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، ھازىرمۇ ئاز ساندىكىخانىم-قىزلىرىمىز تىرناقلىرىغا خېنە ياقماقتا. ئادەتتە خېنىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىقبولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ-تىرناقنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار. شۇڭلاشقا، تىرناققا خېنا ياققاندا، تىرناقنى پارقىتىپقول-پۇت بارماقلىرىنى گۈزەللەشتۈرگەندىن سىرت، يەنە قول-پۇتتا كۆرۈلگەن بوغۇمئاغرىقى، بارماقلار غەيرىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، تىرناق يېرىلىش، بارماق تېرىسى سويۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنىئالغىلى بولىدۇ.


 

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر