نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > خانىم-قىزلار >

خانىم-قىزلار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە

يوللانغان ۋاقتى: 15:11 29-08-2011 مەنبە: ئەلكۈيى مۇنبىرى ئاپتورى: سۈزۈك كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۇنيادا ئاياللار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە: ئەرلەرنىڭ ۋەدىسى، ئەرلەرنىڭ ھېسياتى، ئەرلەرنىڭ باھانىسى.

تەرجىمە قىلغۇچى : سۈزۈك

دۇنيادا ئاياللار ئىشىنىشكە بولمايدىغان ئۈچ نەرسە: ئەرلەرنىڭ ۋەدىسى، ئەرلەرنىڭ ھېسياتى، ئەرلەرنىڭ باھانىسى. ئەگەر ئۇ سىزگە مەڭگۈلۈك دەپ ۋەدە بەرسە، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھېسياتىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنى ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئەڭ چوڭقۇر سۆيگەن ئادىمىم دېسە، بۇ ئۇنىڭ باشقا قىزلارغىمۇ شۇنداق سۆز قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ كېچىكىپ قېلىپ ياكى كېلەلمەي قېلىپ سىزگە تۈرلۈك سەۋەپلەرنى كۆرسەتسە، ھەرگىزمۇ راست دەپ قالماڭ. ئەرلەر سەۋەپ توقۇش مۇتەخەسسىسى، ئۇلارنىڭ شۇ سەۋەپلىرىنى يىغىپ كەلسەك پەقەت بىرلا ئېغىز سۆز: باھانە.

ئەرلەر ۋەدە بەرگەندە چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما يۈز ئۆرۈگەندىمۇ ھەقىقى يۈز ئۆرۈيدۇ. ئۆزىنىڭ كۆڭلى ئۆزگەرگەن تۇرۇقلۇق يەنە سىزنىڭ ئەينى چاغدا ئۇنى جەلىپ قىلغان ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن قاقشايدۇ.

ئەگەر بىر ئەركىشىگە قىزىقىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەقىل پارسىتىڭىزنى نامايەن قىلماڭ. چۈنكى ئەگەر سىزنىڭ سۆيۈپ قالغىنىڭىز بىر ئەخمەق بولسا، ئۇ ئەقىل پاراسەتنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەقىللىق ئەر ھەرگىز ئەقىللىق ئايالنى ياخشى كۆرمەيدۇ. چۈنكى ئەقىللىق ئەر ئەسلىدىنلا ھارغىنلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان بولىدۇ، ئۇلار بىر ئەقىللىق ئايال بىلەن بىللە بولسا تېخىمۇ بەك ھارىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.

بىر ئەرنىڭ سىزنى سۆيىدىغان سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ سىزنى ئۆز دۇنياسىغا باشلاپ كىرىپ، دوست-بۇرادەرلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئۇ سىزنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى پەقەتلا خالىمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا ئايرىلىڭ، ھەرگىزمۇ ئالدانماڭ.
ئەگەر بىرى سىزگە ياخشى بىلىنىپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېس قىلسىڭىز، دەرھال ئۆزىڭىنى چىمداپ بېقىڭ، ئەگەر ئاغرىمىسا، مۇبارەك بولسۇن، چۈش كۆرۈۋېتىپسىز. ئەگەر ئاغرىق ھېس قىلسىڭىز، چۈشىڭىز بۇزۇلۇشتىن بۇرۇن دەرھال ئويغىنىڭ.

ئۇزۇن يىللىق قوغلاشقۇچىلىرىڭىزدىن پەخىرلەنمەڭ. ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك ۋاقىتتا سىزگە بىر تېلىفون قىلىدىغانلىقىغا، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر ئىزدەيدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر بۇ ۋاقىت بىر ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ سىزنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىزنى قوغلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر ئۇ سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلسا، قەتئىيلىك بىلەن ئايرىلىپ كېتىڭ. ئەمما ئايرىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش كېرەك. مۇلايىم ۋە سىلىق-سىپايە بولۇڭ. بۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ئەپسۇسلىنىش قالدۇرىدۇ. ئەگەر ۋارقىراپ-جارقىراپ سوقۇشسىڭىز، مىجەز كېلىشمىگەنلىكتىن ئايرىلغان بولۇپ قالىسىز.

ئۇنىڭ قەلبىدە كۆپرەك ئەپسۇسلىنىش قالدۇرۇڭ. چۈنكى ئەپسۇسلىنىش ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېچىنىشلىق گۈزەللىك. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، ئېرىشەلمىگەن نەرسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا سىز ئۇنى يوقاتقاندىن، ئۇ سىزنى يوقاتسا كۆپرەك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىسىز.

رىۋايەت دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى. ئەپسانە دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭ سىزگە ۋەدە بېرىشى. چۈش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىنى ئاڭلىغاندىكى ھالىتىڭىز. ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئۇلارغا ئىشىنىشنى خالايمەن، خۇددى كوممونىزىمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەكلا.

ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېيىشى سىزنى سۆيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنى سۆيىمەن دېيىشى سىز بىلەن توي قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىز بىلەن توي قىلىمەن دېيىشى سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن دېيىشى ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئوغۇل دوستىڭىز ( يولدىشىڭىز) غا تېلىفون قىلغاندا ئېلىنمىسا، ئالمىسا، قايتۇرمىسا، تېلىفۇن ئېتىك بولسا، يەنە بىر قېتىم قىلىشىڭىز ھاجىتى يوق. نېمىلا دېگەن بىلەن خەقنىڭ كۆڭۈللۈك ۋاقتىنى بۇزۇپ قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى يۈزىنى تۆكۈۋالىسىز.

قىزلار كۆپىنچە چاغلاردا خاتا تاللاپ قالىدۇ. دەسلىپىدە ئاق ئاتلىق شاھزادە دەپ قارىغان ئادەم ئاخىرى ئاق كۆزلۈك چارپاقا بولۇپ چىقىدۇ.

ئاسىيلىق قىلىش ئەرلەرنىڭ قېنى. تارتىۋېلىش ئەرلەرنىڭ شۇئارى، ئەركىنلىك ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى، يېڭىسىنى كۆرۈپ كونىسىنى ئۇنتۇش ئۇلارنىڭ خارەكتېرى.


مەنبە : ئەلكۈيى مۇنبىرى

ياخشىكەن
(9)
75%
ناچاركەن
(3)
25%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر