ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • يەكشەنبە››ھېكايە›› - [ھېكايە]

      2012-09-06

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/221653759.html

      يەكشەنبە

      ‹‹ھېكايە››

      سائادەت ساتتار ئايتۇغ

       

      ئىككى تەرىپىدىكى ئاندا- ساندا ئۇچراپ قالىدىغان شالاڭ يۇلغۇنلۇقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا كەڭ قاقاسلىقلارنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان، پىژغىرىن ئىسسىقنىڭ تەپتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئاسفالىت يولدا، ئېرىنچەكلىك بىلەن كىتىۋاتقان مىنىبوس يىراقتىن قاراشقا خۇددى رىۋايەتلەردىكى ئوت دېڭىزى ئىچىدىن چىقىپ كىتىۋاتقان غەلىتە چۈمۈلىگە ئوخشايتى.

      مىنىبوس ئىچىدىكى كىشىلەر تىنجىقنىڭ دەستىدىن بارلىق ئەينەكلەرنى ئېچىۋەتكەن بولسىمۇ سىرتتىن كىرىۋاتقىنى يەنىلا ئادەمنىڭ يۈزىنى چىمدىۋالغاندەك ئېچىشتۇرىدىغان ئىسسىق شامال ئىدى. ئىككى ناھىيەنىڭ ئارىلىقى ئۇنچە يىراق بولمىسىمۇ ئەتراپىدا يا مەھەللە ياكى دەل-دەرەخ، يېشىللىق بولمىغان بۇ قاقاسلىق يول ھەر بىر يولۇچىغا تولىمۇ زېرىكىشلىك بىلىنەتتى.

      ئاسما مايكا كىيىۋالغان شوپۇر يىگىت ماشىنا ئىچىدىكى ھەر بىر يۇلۇچىغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا روھلۇق كۆرۈنەتتى. ئۇ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا قورۇنۇپقىنە ئولتۇرغان، بوۋاقنىڭ تېرىدىسەك يۇمران يۈزلىرىگە ياراشقان زىناقلىرىدىن گۈزەللىك تۆكۈلۈپ تۇرغان چىرايلىق قىزغا پات-پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى. قىز بولسا كۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغىنىدىن چۆچۈپ،ئوڭايسىزلىق ئىچىدە شەلپەردەك قىزىرىپ يەرگە قارىۋالاتتى.

      قىز يىگىتكە قارىمىغاندەك قىياپەتتە ئولتۇرسىمۇ ئۇنىڭ ھەربىر ئىش-ھەركىتىنى كۈزىتىپ ئولتۇراتتى. يىگىتنىڭ ناخشا لىنتىسىنى ئالماشتۇرۇشى، ئەينەك ئالدىدىكى ئاپئاق لوڭگە بىلەن تەرلىرىنى سۈرتىشى، چاققانلىق بىلەن خوت يۆتكىشى، رول باشقۇرىشى....ھەممىسى قىزنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايتى...قىز دەرىزە ئەينىكىدىن كەڭ كەتكەن دالىلارغا قاراپ ئولتۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا شوپۇر يىگىت ئۈستىدە قاناتلىناتتى...

      قىز ئۆزىچە ئۆزىنى يىگىت بىلەن تويى بولۇپ ئالدىدىكى ناھىيەگە يۆتكىلىپ كىتىۋاتقاندەك ھىسسىياتتا پەرەز قىلىپ باقتى ۋە بۇ خىيالىنى يىگىت بىلىپ قالىدىغاندەك دەرھاللا خىيالىنى بۆلۈپ يىگىتكە ئەيمىنىش بىلەن قاراپ قويدى.لېكىن ئۇ ئىختىيارسىز يەنە خىياللىرىغا ئەسىر بولماقتا ئىدى.

      قىز مىنۇبوس قوزغالغان ناھىيەنىڭ ناھىيە بازىرىدىن بولۇپ، يىگىت دەل ھازىر يېتىپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان ناھىيەدىن ئىدى. يىگىت ناھىيەلىك يۇلۇچى تۇشۇش شىركىتىدىن، مۇشۇ ئىككى ناھىيە ئوتتۇرىسىدا يۇلۇچى توشۇش خىزمىتىگە مەسئۇل شوپۇر ئىدى.

      ئۇلار بۇلتۇرقى مۇشۇنداق تۇمۇز ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە تۇغقانلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن ۋە بىر-بىرىنى خېلىلا ياقتۇرۇپ قېلىشقان ئىدى. لېكىن ئۇلار تاھازىرغۇچە پەقەت ئۈچ قېتىملا ئايرىم كۆرۈشۈپ، بىرگە غىزالانغاچ پاراڭلىشىپ باققان بولسىمۇ يىگىتنىڭ ئەلچىلىرى ئاللىبۇرۇن قىزنىڭ ئۆيىگە ئاياغ بېسىپ، قۇدىلارنىڭ‹‹ قىزىمىزنىڭ مەيلىمۇ شۇ ئىكەن›› دىگەن تاتلىق جاۋابىنى ئېلىپ قايتىپ كەلگەندىن بېرى ھەر ئىككىلا ئۆيدىكىلەر توي تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

      قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى تولىمۇ قائىدە-يۇسۇنلۇق، ئىمانلىق كىشىلەردىن بولغاچ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن قىزىنىڭ چوڭ شەھەرگە بېرىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇش تەلىۋىنى رەت قىلغان ۋەئۆيلىرىنىڭ كوچا تەرەپكە قارايدىغان بىر ئېغىزلىقىنى قىزىغا  ئاياللارنىڭ ياغلىق، زىننەت بويۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكان قىلىپ ئېچىپ بېرىشكەن ئىدى. قىز ئادەتتە ئۆي بىلەن دۇكان ئوتتۇرىسىدا ئالدىراش يۈرەتتى. سىرتلارغا يالغۇز چىقىش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك بولغاچ ئالاقە دائىرىسىمۇ بارغانسىرى تارىيىپ، ئاندا-مۇندا دۇكىنىغا كىلىپ مۇڭدىشىپ كىتىدىغان ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىمۇ بارغانسىرى ئازلاپ كەتتى.بەزىلىرى توي قىلىپ يىراق-يېقىنغا كىتىپ قېلىشتى. قىزىنىڭ بويىغا يىتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى ئۇرۇغ-تۇققان ۋە يېقىنلىرىغا ئانچە-مۇنچە بىشارەت بېرىپ يۈرگەن كۈنلەردە خوشنا ناھىيەدىكى تۇغقانلار مانا مۇشۇ شوپۇر يىگىتنى قىزغا سايە قىلىشتى ۋە مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئۆيلىرىگە چاقىرىپ ئۆز-ئارا تۇنۇشتۇرۇپمۇ قويدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۆز-ئارا تۇنۇشلۇق بېرىشكەندىن كىيىن ھەر ئىككىلا تەرەپ كۆڭلىدە قۇدىلاردىن  مەمنۇن بولۇشۇپ بۇ تويغا رازىلىق بېرىشتى ۋە قىز، ئوغۇللىرىنىڭ جاۋابىنى ئالغاندىن كىيىن توي ئىشىنى پۈتۈشۈشتى. ئۈچ كۈن ئاۋال قىز بىلەن يىگىت توي خېتى ئالدى ۋە توي كۈنى كىلەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىگە بېكىتىلدى.

      بۈگۈن قىز ئانىسىنىڭ بۇيرۇتمىسى بويىچە توينىڭ ئۆز ناھىيە بازىرىدىن تېپىلمىغان بەزى لازىمەتلىكلىرىنى  تۇلۇقلاپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن يىگىت تۇرۇشلۇق قوشنا ناھىيەگە بارماقچى بولۇپ، يىگىتكە تىلىفۇن قىلدى ۋە ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقتى. ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم قىز مۇشۇ ماشىنىدا يىگىت بىلەن بىرگە خوشنا ناھىيەگە دۇكانغا لازىملىق ماللارنى ئەكىلىش ئۈچۈن بارغان ئىدى. يىگىت قىزنىڭ سودىلىقلىرىنى بىرگە ئېلىشىپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە غىزالانغاندىن كىيىن يەنە مۇشۇ مىنۇبوس بىلەن بىللە قايتىشقان ئىدى...

      ئۇ قېتىملىق سەپەردە قىز بىلەن يىگىت خېلىلا ئازادە مۇڭداشقان ۋە قىز يىگىتنىڭ تۈجۈپۈلۈك سودا قىلىشلىرىدىن، ئېغىر-بېسىق مىجەزىدىن، قايتىشىدا ‹‹ئۆيدىكىلەرگە ئالغاچ كىتىڭ›› دەپ قىزنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي بىر مۇنچە نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويۇشىدىن، ئىشلارنى تولىمۇ ئەتراپلىق ئويلايدىغان، سەمىمى يىگىت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇپ، مەمنۇنلۇق ھىس قىلغان ئىدى.

      -مانا مۇشۇ يىگىت مىنىڭ ئۆمۈرلۈك سەپەردىشىم بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلىدى قىز ئىچىدە. كىيىنكى كۈنلەردە بىزنى قايسى تەقدىر-قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ بۇ ئىككىلىمىزگە نامەلۇم.ئۇنىڭ ماڭا قاراڭغۇ بولغان قانداق خۇلقى-مىجەز، ئادەتلىرى بار تېخى كىم بىلىدۇ؟ دوستۇم رېزۋنگۈلنىڭ ئېرىدەك تازا پىخسىقلاردىن بىرىمۇ بۇ تېخى؟پىخسىق بولسىمىغۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئاياپراق خەجلەپ ئۆتكۈزىۋېتەرمەن. پاتىمەنىڭ ئېرىدەك گۇمانخور، كۈنلەمچى چىقىپ قالسا تۈگەشكىنىم شۇ! كۈنلەمچى چىقىپ قالسىمۇ ئەلەكمۇلىللا ياغلىقىمنى چۆكۈرۈپ چىگىپ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرسام ئېۋەن تاپالماس لېكىن، مىنى ئۆيگە بېكىندۈرۈپ قويۇپ ئۆزى تالاغا قارايدىغان چىقىپ قالسىچۇ؟ ۋاي ئاللا ئۆزى ساقلار، ئۇ كۈنلەرنى كۆرگىلى نىسىپ قىلماس ئىلاھىم!

      مىنۇبوس شەھەرگە يېقىنلىشىپ تارقاق مەھەللىلىك رايوندا كىتىۋاتاتتى. قىز قاتتىق تورمۇزنىڭ تەسىرىدىن دېرىزە ئەينىكىگە ئۇسۇۋالدى ۋە چۆچۈپ خىيالدىن بېشىنى كۆتۈردى.

      -قاتتىق ئۈسۈۋالمىغانسىز؟ بىرەر يېرىڭىز ئاغرىدىمۇ؟، دەپ ئەندىشە بىلەن قىزدىن سورىدى يىگىت ۋە قىزنىڭ‹‹ياق›› دىگەن ئىشارىدە باش چايقىشىدىن كىيىن ماشىنىغا چىقىۋاتقان نەچچەيلەنگە نارازىلىق بىلەن:

      -ماشىنىنى مۇشۇنداقمۇ توسامسىلەر؟ تورمۇز تۇتماي قالسا قانداقمۇ قىلاتتۇق؟،دىدى.

      -ۋاي ئادىشەي ئەنسىرىمىگىنە بۇ تۆمۈر تەخيىڭنىڭ ئاستىدا قالساقمۇ تىرىك چىققۇدەك يىگىتلەر جۇمۇ بىز! دىدى ماشىنىغا ئالدىدا چىققان، ئۇزۇن چاچلىرى يەلكىلىرىگە چۈشۈپ تۇرغان ئاۋاق بىر يىگىت شوپۇرغا ئۇنلۈك ئاۋازدا . قالغان ئۈچ يىگىت ئۇنىڭ سۆزى تۈگەر-تۈگىمەستىنلا ئالىتاغىل ۋارقىرىشىپ كۈلۈشۈپ ماشىنىغا چىقىشتى.

      -ماشىنا توشۇپ كەتتى، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىشقا بولمايدۇ، چۈشۈپ كىتىڭلار، دىدى يىگىت قەتئىيلىك بىلەن.

      -ۋاي ئۇنى بىزمۇ بىلىمىز ناھىيەگە يېقىنراق يەردە چۈشۈرۈپ قويساڭلا بولدى. خاتىرجەم بولۇپ يولۇڭغا ماڭە، بىز تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئۆتمەيمىز.

      -ماشىنىنى جىددى توسۇشۇڭلاردىن بىرەر ياردەم لازىم چېغى دەپ توختاتقان ئىدىم. ماشىنىغا راستىنلا ئارتۇق ئادەم سالالمايمەن. چۈشۈپ كىتىڭلار!

      -ۋاي نىمىدىن قورقىسەنەي تەكشۈرۈشتە تۇتۇلۇپ قالساق جەرىمانىنى ئۆزىمىز تۆلەيمىز. ماۋۇ ئاغىنەمنىڭ ئاكىسى قاتناش ساقچىسى ئەنسىرىمىگىنە؟

      ئۇلارنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغان قىز ماشىنىنىڭ ئىچىنى بىر ئالغان قاڭسىق پۇراقتىن سەسكىنىپ ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن بۇرنىنى تورىغاچ يىگىتكە –بولدى ئۇلار بىلەن تەڭ بولماي يولىمىزغا مېڭىۋېرەيلى دىدى بوش ئاۋازدا.

      يىگىت قىزنىڭ گېپىدىن سەل پەسكويغا چۈشتى ۋە بايىقى جىددىيچىلىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەتىگەن ئۆيىدىن ئېلىۋالغان قېنىق چايدىن نەچچە يۇتۇم ئوتلىغاچ قىزغا ئورۇندۇق يېنىدىكى بىر بوتۇلكا ئىچىملىكنى ئېلىپ ئۇزاتتى...

      ماشىنا ھەممە ئورۇندۇققا يۇلۇچىلار توشقاندىن كىيىن ماڭغان بولغاچقا ئولتۇرغۇدەك بوش ئورۇن يوق ئىدى. شۇڭا بايا چىققانلار ئۆرە تۇرۇشقا توغرا كىلەتتى.

      ماشىنا قوزغىلىپ ئەمدىلا مېڭىۋىدى . بايا چىققانلار تۇتقۇچنى چىڭ تۇتۇرۇپ تۇرالماي ھەر يانغا دەلدەڭشىشكە باشلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پادىچىلار شىمى كىيىۋالغان بىرى ياندىكى ئورۇندۇقتا بالىسىنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغان ئايالنىڭ ئۈستىگىلا چۈشتى.ئايالنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلاۋاتقان بالا چۆچۈپ ئويغىنىپ چىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.

      -ۋاي نىمە قىلغىنىڭىزبۇ؟ چىڭراق تۇرسىڭىز بولمامدۇ؟ دىدى ئايال ئۇ ئادەمنى بىلەكلىرى بىلەن كۈچەپ ئىتتتەرگەچ.

      -ۋوي خېنىم! خۇددى بۇ ئۆمرىلىرىدە ئۈستىلىرىگە بىرسى چۈشۈپ باقمىغاندەك قىلىپ كەتلىغۇ؟ بىزدەك يىگىتلەر چۈشكەنگە خۇش بولسىلا بولىدۇ جۇمۇ؟! دىدى بايىقى ئادەم تۇتقۇچنى ئىككى قولى بىلەن قاماللاپ ئورنىدىن ئاران تۇرغاچ، بىزاڭلىق بىلەن ئۇ ئايالغا شالىسىنى چاچرىتىپ.

      -ئوھۇش، نىمە دەپ يۈرۈيدىغاندۇ ماۋۇ ئادەم شۇنچە خەقنىڭ ئالدىدا نومۇس قىلماي؟ دەپ غودۇرىدى ئايال چىرايىنى پۇرۇشتۈرۈپ، يۈزىنى دېرىزە تەرەپكە ئېلىپ قاچقاچ.

      - خەقنىڭ ئالدىدا نومۇسچان بولىۋالغان يەرلىرىكەندە بۇ خېنىمنىڭ؟ دىدى ئۇ ئەر يېنىدىكى دوستىغا قاراپ سەت ھىجىيىپ قويۇپ.

      -ۋاي شۇ ئاغىنەم، دىدى يېنىدىكى ئەرمۇ ئۇنىڭغا يان بېسىپ،- ئادەم يوق يەر بولسا قوپقىلى قويامتى سېنى پوكىنىغا بېسىۋالماي؟ ھا ھا ھا ھى ھى ھى...

      ئۇلارنىڭ تېتىقسىز چاقچاقلىرىدىن سەسكىنگەن ۋە ماشىنىدىكى ياشتا چوڭلاردىن ئەيمىنگەن نەچچەيلەن سۆزگە ئارلاشتى.

      -ئەل ھايا، ئىمان، نومۇس! ۋۇ ئەدەپنى بىلمەيدىغانلار.

      - كۆتۈرەلمىسەڭلار ئىچمىسەڭلار بولمامدۇ بۇ يەردە سەتلىشىپ يۈرگۈچە؟

      -ئۇ ئايالدىن كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنىغا بىكاردىنلا ئازار بەرمەڭلار.

      -خەپشۈك بولدى‹‹بىسمىللا›› دەپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى سىلەرمۇ چىڭراق دەسسەپ تۇرۇڭلار.دىدى بىر بوۋاي ئۇلارغا قارىماستىن ساقىلىنى سىلىغاچ دېرىزە سىرتىغا قاراپ ئولتۇرۇپ.

      - ۋاي ھاجىكا ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئۆيگە بېرىپ بالا-چاقىلىرىگە قىلىۋالسىلا بۇ يەردە بىزگە دادىلىق قىلماي! ئۆيدىكى قېرىلاردىن ئاران قۇتۇلساق نىمە بۇ نىمىلەرگە بالادا قالدۇق؟

      باياتىن بېرى نەچچە رەت ماشىنىنى توختاتماقچى بولۇپ قىزنىڭ ئىشارىسى بىلەن ئاچچىقىنى بېسىپ ئاران تۇرغان يىگىت ئەمدىلىكتە چىداپ تۇرالمىدى ۋە ماشىنىنى تېزلىكتە تورمۇز قىلىۋىدى تىللىرىنى چاينىشىپ، گەپ سېتىپ، دەلدۈگۈنۈپ ئاران تۇرۇشقان مەستلەرنىڭ ھەممىسى مىنۇبوسنىڭ ئالدى تەرىپىگە سەنتۈرۈلۈپ كىلىپ بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى يىقىلىشتى.

      -ۋۇ ئاناڭنى.....قانداق ھەيدەۋاتىسەن ھوي ؟!

      -تايىقى كەم ھاراملىقكەن بۇ! ماۋۇ مەھەللىدىن چىقماي تۇرۇپ نوچىلىق قىلغىنىغا بىر تويغۇزۇپ قويمىسام قاراپ تۇر!

      -ئىتنىڭ بالىسى!  دەپ يىگىتكە ئېتلغان مەست يەنە سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ چۈشتى. يىگىت مىنوبوس ئىشىكىنى ئاچتى ۋە زەردە بىلەن:- چۈشۈپ كىتىش!  دەپ ۋاقىرىدى.

      -ئاناڭنىڭ يېنىغا چۈشۈپ كىتەمدىم؟! سېنىڭ ماشىناڭمىتى بۇ؟ ،دەپ ھۈرپەيدى بايىقى مەست خۇددى يىگىتنى ھازىرلا تىرىك يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا.

      -ھوشۇڭنى يىغىۋال ھە ھاراملىق بىزمۇ پۈل تۆلەپ ئولتۇرىمىز بۇ ياتا دېسىڭغا؟! دىدى يەنە بىرى قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.

      يىگىت ئۇلار بىلەن گەپ تالىشىۋېرىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سەت گەپلەرنى قىلىپ قىز ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ تېتىقسىزلىشىپ ھەممەيلەننى ئوسال قىلىشىنى ئويلىدى ۋە:

      -ماشىنىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا بولمايدۇ.چۈشۈپ كىتىش!-دەپ ۋاقىرىدى.

      بايا يىقىلىپ چۈشكەن يېرىدىن سەنتۈرۈلۈپ ئاران تۇرغان مەست يىگىتكە مۇشت ئاتتى. يىگىت ئەپچىللىك بىلەن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ئۇنى ئىشىك تەرەپكە ئىتتىردى. مەست يەنە يىقىلدى ۋە بىر قولىدا يىگىتنىڭ ئاسما مايكىسىغا ئېسىلدى. قالغان مەستلەرمۇ يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ يىگىتكە قول ئۇزاتتى.بۇ يولسىزلىقتىن غەزەپلەنگەن يولۇچىلار ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ ۋاقىرىشىپ كەتتى. بىر ياش يولۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كىلىپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولىۋىدى ئۇ مەستلەر ئۇنىمۇ ئارىغا ئېلىپ ھەيۋە قىلىپ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ يىگىتمۇ بوش كەلمەي ئىككىسىنى شىللىسىدىن تۇتۇپ تارتىپ ئىشىكتىن پەسكە ئاتتى.بىر مەيدان كەسكىن جەڭ باشلاندى. يەرگە دومىلاپ چۈشكەن ئىككى مەست ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قوللىرىغا بىردىن تاشنى ئالدى ۋە ماشىنىغا قايتىدىن چىقىپ يەنە بىر مەستنى ماشىنىدىن چۈشۈرمەكچى بولۇپ ئىتتىرىۋاتقان يولۇچى يىگىتنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى...

      قىز كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلاردىن تولىمۇ قورقۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يولۇچى يىگىتنىڭ بېشىدىن ئېقىۋاتقان قانغا قاراپ ئەس- ھوشىنى يوقىتىپ ئۈنلۈك ۋاقىرىدى.

      -ئادەم بارمۇ ؟! قۇتقۇزۇڭلار! نىمە ھەممىڭلار قاراپ ئولتۇرىسىلەر؟ ساقچىغا تىلىفۇن قىلىڭلار. دوختۇرخانىغا تىلىفۇن قىلىڭلار!

      قىز يولۇچى يىگىتنىڭ يېنىغا ئۆتتى. بېشىدىكى ياغلىقنى ئېلىپ ئۇنىڭ قان تامچىلاۋاتقان بېشىنى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن تاڭماقچى بولىۋىدى شۇ ئەسنادا يەنە بىر مەستنىڭ قولىدىكى يالت-يۇلىت قىلىپ پارقىراپ تۇرغان پىچاقنى كۆرۈپ قالدى.مەست پىچاقنى بايىقى يىگىتنىڭ بېشىغا تاش بىلەن ئۇرغان مەستنى قاماللاپ بېسىپ قوللىرىنى كەينىگە قارىۋاتقان شوپۇر يىگىتنىڭ كەينى تەرىپىدىن ئۇرىشىغا  قىز  چىرقىرىغىنىچە بار كۇچى بىلەن يىگىتنى ئىتتىرۋېتىپ مەستنى مىنوبوس ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇققا بېسىۋالدى...

      قىز كۆزىنى ئاچقاندا ئاپئاق بالنىست كارۋىتىدا ياتاتتى. دادىسى ئۇنىڭغا ئەندىشە، ۋەھىمە باسقان كۆزلىرىنى تىكىپ، ئاپىسى بولسا ئۈنسىز ياشلىرىنى توختىتالماي تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى.

      -جېنىم قىزىم ھەرنىمە بولسا كۆزىڭىزنى ئاچتىڭىز!

      -ئاللاغا مىڭ قەتلى شۈكرى جېنىم بالام!

      -

      -...

      قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايتتى لېكىن ئوپراتسىيەدە كۆپ مىقتاردا ئۇرۇلغان ناركوزنىڭ تەسىرىدە ھەرقانچە قىلسىمۇ تىلىنى مىدىرلىتالمايۋاتاتتى.

      دوختۇرنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولدىكى قىز ئۇ مەستنى بېسىۋالغاندا مەستنىڭ قولىدىكى پىچاق قىزنىڭ كۆكرەك قىسمىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. يېرىم كۈنلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە قىزنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

      ئۇ نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن ئەتراپتىكى كۆرۈنگۈدەك دائىرە ئىچىگە قاراپ چىقتى، لېكىن ھەرقانچە كۈچىسىمۇ بېشىنى مىدىرلىتالمايۋاتاتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرى ھامان يىگىتنى ئىزدەيتى. كۆڭلىدە بولسا ئۇنىڭ ئېسەنلىكىنى تىلەيتى.ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلار ئېسىگە كەلسىلا يۈرىكى ئەنسىز سوقاتتى.

      قىزنىڭ ئىشىككە تەلمۈرۈپ قاراۋاتقان نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ ھەممىنى جەزىملەشتۈرگەن ئانا ئەلەم بىلەن لەۋلىرىنى چىشلىدى.

      ئەتىسى ھېلىقى يولۇچى يىگىت بېشى ئاپئاق داكىدا تېڭىلغا ھالەتتە قىزنى يوقلاپ كىرىۋىدى قىز دەرھال ئۇنىڭ ئارقىسىدىن خۇددى يىگىتىمۇ كىرىۋاتقاندەك ئۈمىد بىلەن ئىشىككە قارىدى.

      يولۇچى يىگىت بىلەن قىز بىر-بىرىنىڭ ھال –ئەھۋالىنى سوراشتىيۇ، قىز شۇنچە ئىنتىزار بولغانسىرى يولۇچى يىگىت شوپۇر يىگىتنى تىلغا ئالمايۋاتاتتى.

      -ئۇچۇ؟ ، دىدى قىز زور غەيرەتكە كىلىپ، يولۇچى يىگىتنىڭ كۆزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ،-ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ئۇ نەدە؟ئۇنى كۆردىڭىزمۇ؟

      يولۇچى يىگىت بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە سۈكۈتتە ئولتۇراتتى.

      قىزنىڭ ئانىسى ياتاققا كىرىپ كىلىۋىدى يولۇچى يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىلاجىسىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئوڭايسىز ھالەتتىكى سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى.

      -مەنمۇ ئۇنىڭغا نەچچە دىيىشكە تەمشەلگەن بالام لېكىن، ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم.سىز شۇ يەردە بار ئىكەنسىز يەنىلا ئۇنىڭغا سىز دەڭ بالام،-دەپ كۆز يېشى قىلدى موماي.

      -نىمىنى؟ نىمىنى دەيدۇ ئاپا؟! بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ مەندىن نىمە ئىشنى يوشۇرىۋاتىسىلەر؟ دىدى قىز ئالاقزادىلىك ئىچىدە بىردە ئاپىسىغا بىردە يىگىتكە ئىلتىجالىق بىلەن قاراپ.

      يىگىت ئېغىر خۇرسىنغاندىن كىيىن ئاشۇ كۈندىكى ئەھۋالنى پەس ئاۋازدا سۆزلەپ بەردى.

      قىز مەستنى بېسىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىققان قاننى كۆرۈپ نىمە قىلىشنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قالغان مەستلەر ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنالىنى ئاڭلاپ دەرھال ئەسلىگە كەپتۇ ۋە ھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلاپتۇ. شوپۇر يىگىت قۇچىقىدىكى ھۇشسىز ياتقان قىزنى ياندىكى ئايالنىڭ قۇچىقىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ ئۇ لۈكچەكلەرنى قوغلاپتۇ. ئۇ قىزغا پىچاق سالغان مەستكە يىتىشىۋاپتۇ لېكىن ئەسەبىيلەشكەن مەست قولىدىكى پىچاقنى يىگىتنىڭ كۆكرىكىگە تىقىۋېتىپتۇ. يىگىت ئاشۇ ھالەتتىمۇ ساقچىلار يىتىپ كەلگۈچە ئۇ لۈكچەكنى قويۇۋەتمەي چىڭ ئېسىلىۋاپتۇ. جىددىيلەشكەن لۈكچەك ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن نەچچە پىچاق ئۇرۇپتۇ...

       لۈكچەكلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇلۇپتۇ. شوپۇر يىگىت، يولۇچى يىگىت ۋە قىز بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا دوختۇرخانىغا ئەكىلىنىپتۇ. شوپۇر يىگىت يولدا كەلگۈچە خىقىراپ تۇرۇپ- يەكشەنبە، يەكشەنبە...دەپ جۆيلىگەن بولسىمۇ دوختۇرخانىغا ئۈلگۈرمەيلا جان ئۈزۈپتۇ.

      قىزتورۇسقا تىكىلىپ قېتىپ قالغان نۇرسىز كۆزلىرىنى بىر ھازادىن كىيىن يۆتكىدى ۋە يېنىدىكىلەردىن،- بۈگۈن ھەپتىگە نەچچە؟،دەپ سورىدى.

      -يەكشەنبە...، دەپ جاۋاپ بەردى موماي كۆز-ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي،تىترەپ تۇرغان ئازاۋى بىلەن.

      -ئۇ نىمىشقا تېخىچە مىنى ئالغىلى كەلمەيدۇ؟ دىدى قىز تولىمۇ تەبىئىي رەۋىشتە،- ئەتلەس كۆينەك كىيگەن تۇرقىڭىزنى كۆرسەم يۈرىكىم يېرىلىپ كەتمەس ھە؟، دىگەن ئىدى. قىز مىيىقىدا كۈلدى، -ئەجىبا راستىنلا يۇرىكى يېرىلىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ كەلمەيۋاتقانمىدۇ؟

      قىز چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇردى ۋە :- يانفۇنۇم قېنى ماڭا يانفۇنۇمنى بېرىڭلار!، دەپ ۋاقىرىدى . ئۇ ئاپىسى ئۇزاتقان يانفۇننى قولىغا ئېلىپ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە بىرمۇنچە نومۇرلارنى باستى ۋە ۋاقىراشقا باشلىدى:

      -ۋەي پەرھات سىز نەدە؟ نىمىشقا تېخىچە مىنى ئالغىلى كەلمەيسىز؟ ئۇنتۇلۇپ قالدىڭىزمۇيە بۈگۈن دېگەن يەكشەنبە!بىزنىڭ توي كۈنىمىز! يەكشەنبە! يەكشەنبە!

       

      2012.7.25

       

       

       


      收藏到:Del.icio.us