ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • شۇنداق ئۈتۈسەن دىمە - [شېئىرلار]

      2012-11-06

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/224424767.html

      شۇنداق ئۈتۈسەن دىمە

       

       

       

       

       

      سۈكۈتلەردە يۈرسەم جىمغىنە،

      ئىلاجىسىز كۆنىسەن دىمە.

      ئۈمىدلىرىڭ ئەمەس ھىچنىمە،

      قول قوشتۇرۇپ ئۈتىسەن دىمە.

       

      زەرداپلارغا لىق تولسا يۈرەك،

      چاندۇرماستىن كۈلۈپ تۇر دىمە.

      (قولۇڭ سۇنسا يەڭنىڭ ئىچىدە)،

      بىر ئۆزۈڭلا بىلىپ يۈر دىمە.

       

      چېكى باردۇر تاقەتلەرنىڭمۇ،

      چاشقان كەبى مۈكۈپ يۈر دىمە.

      سورىقى بار ئامەتلەرنىڭمۇ،

      ئىتائەتتە سۈيۈپ تۇر دىمە.

       

      چىن دىلىمدىن ئەمەسمەن قايىل،

      قورقۇنۇشتا ھۆرمەت قىل دىمە.

      ئۆلچەنمەيسەن كۈچۈڭدە قابىل،

      دۇنيارىڭنى شۆھرەت بىل دىمە.

       

      ئاجىزغىنە تۇرسا ۋۇجۇدۇم،

      ئىلاجىڭ يوق كېچىشكە دىمە.

      مىنىڭمۇ بار ئۆزچە غورۇرۇم،

      ئامالىڭ يوق كىتىشكە دىمە.

       

      (كاۋاپنىڭمۇ توشاركەن زىقى)،

      توشماس ئۇنىڭ سەۋرىسى دىمە.

      مەن بولمىسام بولماس رىزىقى-

      مەنسىز يوقتۇر چارىسى دىمە.

       

      خەيىر سەنمۇ قالغايسەن ئامان،

      مىنى قاغاپ تىللاپمۇ يۈرمە.

      پۇشايماندا تولغانساڭ ناگان،

      يوللىرىمنى توساپمۇ يۈرمە.

       

      سۇ كەتكەندە توغان سېپ ھامان،

      يۈرەكلەرنى تىلغاپمۇ يۈرمە.

      يىتەر شۇنچە بولغىنىم سامان،

      مۇدھىشىڭگە چۇلغاپمۇ يۈرمە.

      (ئەلۋىدا،ھەرگىز ئىزدەپمۇ يۈرمە).

       


      收藏到:Del.icio.us