ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • ئاكا، مىنى ئائىلەمدىن ئايرىماڭ! - [ھېكايە]

      2012-09-06

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/221653729.html

      ئاكا، مىنى ئائىلەمدىن ئايرىماڭ!

       

       

       

      سائادەت ساتتار ئايتۇغ

       

       

       

       


      ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كىيىن قىزىقىش ۋە دىلىغۇللۇق بىلەن كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم...

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا‹‹ سىزنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئاتىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ››. نەچچە كۈندىن بېرى بىر ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولساقمۇ بەزى گەپلەرنى سىزگە ئېغىزاكى دېيەلمىگىنىم ۋە دىسەممۇ ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ سىزنىڭ ئېغىزىڭىزنى‹‹ غېرىچلاپ›› سېلىشىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل ئۈمىد-ئارزۇلىرىمنى يەنىلا غۇبارسىز ئاپئاق قەغەز ئۈستىگە سىڭدۈرۈپ مەن ئىللىقلىقىغا ئېرىشەلمىگەن مۇبارەك ئالقانلىرىڭىزغا تاپشۇرماقچى بولىۋاتىمەن...

      ئاكا، پەرھات ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىر مەھەللىدە بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان. مەكتەپتىكى مەزگىللەردىمۇ ئىزچىل ئىناق ساۋاقداشلاردىن بولۇپ، دەرسلەردە بىر-بىرىمىزنى يىتەكلەپ،بىرەرسىمىزنى باشقا بالىلار بوزەك قىلماقچى بولغاندا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ...قىسقىسى بىر-بىرىمىزگە بولغان ئامراقلىقىمىز ۋە قوللىشىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە يېشىمىزغا ماس بولمىغان تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ چوڭ بولدۇق.

      كىچىكىمىزدىن تا ھازىرغۇچە ئۇ ئۇۋالچىلىققا ياكى مۇشەققەتلەرگە يولۇققاندا‹‹ ئاكام قايتىپ كەلسىغۇ بۇ ئىشلارمۇ ئۆزلىكىدىن ھەل بولاتتى...››دەپ مۇڭلىنىپ سىزنى ئەسكە ئالاتتى ۋە ھامان بىر كۈنى قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈك بولىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ ئۈمىتلىنەتتى. ئىككىمىز بىر ئۆينىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالغاندىكىن كىيىنكى ئېغىرچىلىق كۈنلەردە مەنمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ سىزنىڭ تېزرەك قايتىپ كىلىشىڭىزنى بىزنى بۇ قىيىنچلىقلاردىن قۇتقۇزۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغان ۋە سىز قايتىپ كەلسىڭىز ھەممە ئىشلار ياخشىلىنىپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ پەرھات بىلەن بىرگە سىزنى ئۈمىتۋارلىق ئىچىدە كۈتىدىغان بولدۇم.

      ئىككى ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىز تۇغۇلماستىلا باشلانغان كەسكىن زىددىيەت، ئاچچىق ئاداۋەتلەر، سىزنىڭ بىر كېچىدە مەھەللىدىن غايىپ بولۇپ شۇنچە يىللارغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئىزچىل بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەردىن كۆرۈپ كەلگەن ئاتا-ئانىڭىز ۋە شۇ سەۋەپلىك بولۇنغان ئۆچ ئېلىشىشلاردىن رەقىپلەرگە ئايلىنىپ سىلەرنىڭ دەرۋازا تەرەپكە قارىغۇسىز بولۇشۇپ كەتكەن ئاتا-ئانام پەرھات ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىنى پۇرىتىشىمىز بىلەنلا مۇددەتلىك بومبىدەك پارتىلاشتى!ھەر ئىككىلا ئائىلىدىكىلەر بۇ تويغا كەسكىن قارشى چىقىشتى.يىغا-زارە، يالۋۇرۇشلىرىمىز چوڭلارنىڭ باغرىنى يۇمشىتىش تۈگۈل ئۇلار ئالدىراپلا مىنى باشقا بىرسىگە تويۇمنى قىلىپ بېرىۋەتمەكچى بولۇشتى. سەمىمى-ساپ مۇھەببىتىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە توي كۈنۈمنىڭ ھارپىسى پەرھات بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن خوشنا شەھەرگە قېچىپ كەتتۇق...

      يات شەھەردىكى مۇساپىرچىلىق دەردىنى ئەلۋەتتە سىز ھەممىدىن ئوبدان چۈشىنىسىز ئاكا.

      لېكىن بىز تاللىغان يولىمىزدىن ئۆكۈنمىدۇق. جاپا-مۇشەققەتلەرگە ۋايسىماي بىر-بىرىمىزدىن تەسەللىپ تېپىپ ياشىدۇق.پەرھات قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا، مەن ئاشپۇزۇللاردا ۋاقىتلىق خىزمەت تېپىپ ئىشلىدۇق ۋە بىر نەچچەيلەننىڭ گۇۋاھلىقىدا نىكاھىمىزنى ئوقۇتۇپ، ئىجارىگە ئالغان كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق كۈلبىمىزدە يېڭى ھاياتىمىزنى باشلىدۇق.

      ئاتا-ئانىغا، يۇرت-مەھەللىگە بولغان سېغىنىش ھەردەم يۈرەكلىرىمىزنى رەھىمسىزلىك بىلەن غاجىلايتى. ئاچامغا پات-پات خەت يېزىپ چوڭلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇراتتۇق. بىز كەتكەندىن كىيىن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭ جېدەل بولۇنغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە يۇرتقا قايتىش ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلىناتتى ۋە سىزنىڭ تېزرەك قايتىپ كىلىپ ئەينى ئەھۋالنىڭ ئايدىڭلىشىشىنى تىلەپ ئۇزۇن تۈنلەردە سىزگە باغلانغان ئۈمىدىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىشەتتۇق. شۇنچە ئېغىر جاپا-مۇشەققەت، ئۇۋالچىلىقلار، خورلۇقلار، غېرىپسىنىشلارنىڭ بىزنى مىسكىنلىك چاڭگىلىدا پۈتۈنلەي مۇجۇۋىتەلمىگەنلىكىدىكى بىردىن بىر سەۋەپ ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان ھەقىقى چىن مۇھەببىتى ۋە ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان كىچىككىنە ئائىلىمىزنىڭ ھارارىتىدە ئاكا!بىز ئازاپ ئىچىدىن خۇشاللىق تېپىپ، جاپا ئۈستىدىن قەيسەرلىك بىلەن غالىپ كىلىپ، ھارام يوللاردىن قەدەىملىرىمىزنى ساقىت قىلىپ ياشىغاچقىمىكىن كۈنلىرىمىز تېزلا بەرىكەت تاپتى. پەرھات تىرىشچانلىقى بىلەن بىر نەچچە يىلغا قالمايلا كىچىكرەك بىر قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كەسكىن مىجەزىگە، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى سەگەك، ئالدىن كۆرەرلىكىگە ئەتراپتىكى ھەممەيلەن قايىل بولماي تۇرالمايتى. مەنمۇ بىر نەچچە قىزلار بىلەن بىرگە قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ئىشچىلارنىڭ ياتاق-تاماق مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، بىزدەك ياقا يۇرتلاردىن كىلىپ سېپىمىزگە قوشۇلغانلارنىڭ بېشىنى سىلاش بىلەن كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ئۆز مەناسى بىلەن سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئۆتكۈزەتتىم.

      يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر ئوغۇل-بىر قىزغا ئاتا-ئانا بولۇشقا نائىل بولدۇق. كۈنلىرىمىز بەختلىك ئائىلىمىزنىڭ ھارارەتلىرىدە ئەللەيلەنسە، ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام چوڭ بولىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈش ئىلكىدە تولىمۇ مەنا تېپىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەرھاتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتتا ئېغىر كۈندە قالغانلىقى، قېرىپ كەتكەچكە يۆلەنچۈكسىز، مىسكىن بولۇپ قالغانلىقى، ھەر ئىككىلىسىنى تۈرلۈك كېسەللەر چىرمىۋالغاچ ئېتىز-ئېرىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي غۇربەتچىلىكتە، يالغۇزلۇقنىڭ ئالقىنىدا مۇجۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەر ئىككىلىمىز بىئارامسىزلىنىشقا باشلىدۇق. ئەلۋەتتە يېزىدا بالا-چاقىسىز قالغانلارنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى تەسكە چۈشەتتى. ھاشار-سېلىقلارنى ئورۇنلىيالمىغانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىناتتى ياكى جەرىمانە قويۇلاتتى. پەرھات مەھەللىدىكى دوستلىرى ۋە بىر نەچچە چوڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىپادىسىنى بىلىپ باقماقچى بولىۋىدى ئۇلاردىن‹‹ئۇنداق بالىمىز يوق! يالغۇزلۇقتىن ئۆلسەكمۇ ئۇنى بوسۇغىمىزغا دەسسەتمەيمىز›› دېگەن جاۋاپ كەلگەنلىكتىن بىر نەچچە يىلغۇچە باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىقتىسات جەھەتتىن ياردەم قىلىپ تۇرغان بولساقمۇ ھەربىر دەقىقىمىز ئۇلارنىڭ بىر كۈنلەردە بىزگە رازىلىقىسىزلا بۇ دۇنيادىن كىتىپ قېلىشىدىن خاۋاتىرلىنىش بىلەن ئۆتتى.

      ئاخىرى پەرھات  بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىر كېچىدىلا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ ماشىنىمىزغا سېلىپ ئۇدۇل خوشنا ناھىيەدىكى چوڭ دادا، چوڭ ئانىلىرىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق.

      تاقاقسىزلا تۇرىدىغان ئىشىكلەردىن رۇخسەتسىزلا ئۆيگە كىرىۋالغان بولساقمۇ ئۇلارنى يۈزىمىزگە قارىتىش، سۆزلىرىمىزنى تىڭشاتقۇزۇش ئاسانغا توختىمىدى. نۇرغۇن ئۆتۈنۈشلىرىمىزدىن بەكرەك تاتلىق نەۋرىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئەركىلەپ ۋىچىرلاشلىرى بەكرەك كارغا كەلدى بولغاي بىر كېچە داۋاملاشقان قىيىداش،ئاغرىنىش، كەسكىن قارشىلىشلارنى سەۋرچانلىقىمىز، سەمىمى ئۆتۈنۈشلىرىمىز ، بالىلىق مىھرىمىز بىلەن ئېرىتىپ ئۇلارنى شەھەرگە، ئۆيىمىزگە ئەكىلىۋالدۇق.

      ئۇلارنىڭ باشتىكى سوغۇق نەزەرلىرىنى،تەرسالىق بىلەن مىنى چەتكە قېقىشلىرىنى سەۋرچانلىقىم، ھەقىقى كۆيۈنۈشلىرىم بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشتىم.ئۇلارنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىم ساناپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەرسالىق قىلىشلىرىغا رەددىيە بەرمەي ئىللىق مىھرىم بىلەن قايىل قىلىپ ، قۇچاقلىرىنى ھامان بىر كۈنى مەن ئۈچۈن ئېچىلدۇرۇشقا ئىشەنچىم بىلەن نىيەت قىلغان ئىدىم.

      ئۇلار مەن بىلەن بىرگە تۇرمايمىز دەپ چىڭ تۇرىۋالغاچقا ياندىكى بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالدۇق ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مۇلايىمغىنە چوكاندىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ بەردۇق. پەرھات بىلەن ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرىپ ئەھۋال سوراپ تۇراتتۇق.

      شۇ كۈنلەردىكى بورانلىق كېچىلەرنىڭ بىرىدە تىلىفۇننىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى بىلەن دادامنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىق خەۋىرى كەلدى. پەرھات بىلەن كېچىلەپ ئۆيگە يېتىپ باردۇق. رەھمەتلىك دادام مىنىلا ساقلاپ تۇرغاندەك مىڭ غەيرەت بىلەن ئاچقان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ قارىدى ۋە مەڭزىنى بويلاپ جاۋغىيىغا سىرغىغان بىر تامچە يېشى بىلەن تەڭلا قېتىپ قالدى...

      دادامنىڭ ئۆلۈمى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆيدىكىلەرنىڭ تاپا-تەنىسى يۈرەك باغرىمنى قىيمىلاش ماشىنىسىنىڭ چىشلىرىدەك  غاجىلايتى. ئاچام پۇت دەسسەپ چىڭ تۇرىۋالمىغنىدا ئىدى ئۆيدىكىلەر بۇ تۇرقىدا مىنى دادامنىڭ ناماز-نەزىرەلىرىگىمۇ قاتناشتۇرماي قوغلىۋەتكەن بولاتتى.

      دادامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقىنىمىزدا ئانام ئاخىر بىزنى بىز زارىقىپ كۈتكەن رازىلىقىنى بېرىپ دۇئا بىلەن چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدى.

      بىرەر يىلدىن كىيىن ئاكام قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى. ئاخىرەتلىك ئىشلارنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كىتىپ قىرقى نەزىرىگە قايتا كەلگىنىمىزدە يەڭگەم بىساتلىرىنى سېتىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كىتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىكەن. دىمەك، ئاچاملارنىڭ ئۆيى خوشنا مەھەللىدە بولغاچقا ئانام تىكەندەك يالغۇز قالاتتى.بىز خېلى كۆپ مەسلىھەت –كېڭىشىشلەردىن كىيىن ھەممە ئۇرۇق-تۇققانلارنى ۋە ئانامنى قايىل قىلىپ بىز بىلەن بىرگە تۇرۇشقا كۆندۈرۈپ بىرگە ئېلىپ  قايتىپ كەلدۇق...

      ئانام بىلەن قىينى ئاتا-قىينى ئانىلىرىمنىڭ سۈركىلىشىپ قېلىشى ئەمدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنى ئۇچراشتۇرماسلىق ۋە ئانامنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىۋاتقىنىنى قىينى ئاتا-قىينى ئانىلىرىمنىڭ ئاڭلاپ قېلىپ تەتۈرلۈك قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئانامغا شەھەرنىڭ سەل چېتىگە جايلاشقان خىلۋەت مەھەللىدىن ئىككى ئېغىزلىق ئۆينى راسلاپ بېرىپ ھەر كۈنى دىگۈدەك ھېرىپ-چارچىساقمۇ ئۈچ ئائىلە ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈردۇق.

      سىز بىلىسىز ئاكا چوڭ شەھەردە كىچىككىنە تۇرمۇش يولىنى تېپىپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە چوڭلارغا، بالىلارغا لايىقىدا شارائىت يارىتىپ بېرىش، خىزمەت، ئادىمىگەرچلىك، تۇرمۇش...ھەلەكچىلىكلىرىگە يىتىشىش...ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. لېكىن بىز قەلبىمىزدىكى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چامىمىزنىڭ يىتىشىچە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. ئاكىسىز قالغان مۇشۇ كۈنلىرىمدە پەرھاتنىڭ دەردىنى قايتا تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭ تېزرەك قايتىپ كىلىپ ئاكا مىھرىگە تەشنا يۈرەكلىرىمىزنى مىھىر بولىقىڭىز بىلەن سۇغىرىشىڭىزنى چىن يۈرۈكۈمدىن تىلىدىم...

      بىر شەھەردە ياشاش تۈپەيلى بەزى مەرىكىلەردە ياكى ھېيت-ئايەملەردە ئۇچرىشىپ قېلىش، نەۋرىلىرىنى يوقلاش سەۋەبى بىلەن ئىككى ئۆيدىكى چوڭلارمۇ بىر-بىرىگە سالام قىلىشىغان، كىيىنكى كۈنلەردە ئولتۇرۇپ مەھەللە-كويدىكى بەزى كىشىلەر ۋە ئىشلار توغرىسىدا مۇڭدىشىشىغان بولۇشتى. ئەڭ ياخشىسى شۇ بولدىكى شۇنچە يىل تەتۈر قارىشىپ يۈرۈشكەنلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكەندىن كىيىنكى چۈشەنچە بېرىشلەر تۈرتكىسىدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلچە چىگىش قالماي، ئامراق قۇدىلاردىن بولۇپ كىتىشتى. ئۇلار قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ مەھەللىگە قايتىپ بېرىپ پەرھات ئىككىمىزنىڭ مەرىكىسىنى قىلىپ بېرىش ئارزۇسىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان كۈنلەردە قىينى ئاتا- قىينى ئانىلىرىم ئارقا-ئارقىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. ئۇلار جان ئۈزۈش ئالدىدا سىزنىڭ كىلەر يوللىرىڭىزغا ئىنتىزارلىق بىلەن تىكىلگەن ۋە ئىسمىڭىزنى تەكرار زىكرە قىلغان ئىدى...

      ئۇلار ساقايماس كېسەلنىڭ رەھىمسىز ئالقانلىرىدا مۇجۇلۇپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقىنىدا ھەممە ئىشىنى تاشلاپ كېچە-كۈندۈز يېنىدىن ئايرىلماي خىزمىتىنى قىلىۋاتقان مىنىڭدەك بىر كىلىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇشۇپ خىجىللىق ۋە رازىمەنلىك ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ بېشىمنى سىلاپ دۇئا بېرىشكەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى تەرسالىقلىرىدىن ئۆكۈنگەن ۋە ئۆزرە سوراشقان ئىدى.

      -بالام، دىگەن ئىدى رەھمەتلىك قىينى ئاتام كۆز يۇمۇش ئالدىدا قوللىرىمنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ، كۆزلىرىمگە مىھرى ۋە رازىلىقى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ،- ئادەم بەزى ئىشلارغا سەل قارىغىنى ۋە خاتا قىلغىنىنى ھىس قىلغىنىدا ئاللىبۇرۇن كىچىككەن بولىدىكەن. ئەگەر بۇ كېسەلدىن ساقىيىپ كىتەلىسەملا يۇرتقا قايتىپ مەھەللە كوينىڭ ئالدىدا تويۇڭلارنى قىلىپ، يۈزۈڭلارنى يورۇق قىلىپ پەرىزىمنى ئادا قىلىمەن. ئەگەر ئورنۇمدىن تۇرالماي مۇشۇ پېتى كىتىپ قالسام ئوغلۇم پەرھاتجانغا تاپىلاپ قويىمەن ئاكىسى تاھىرجان قايتىپ كەلگەندە چوقۇم ئۇنى ئاتا قىلىپ  مەھەللىگە قايتىپ بېرىپ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئاغزىدا قالغۇدەك توي قىلىپ بېرىدۇ.

      -ياق جېنىم دادا! ئۇنداق دىمەڭ سىز چوقۇم ساقىيىپ كىتىسىز، دىگەن ئىدىممەن،- ماڭا سىلەرنىڭ ھايات تۇرۇپ بېرىشىڭلاردىن چوڭ مەرىكە بولمايدۇ. توي، پەقەت بىر رەسمىيەت خالاس! سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلاردىن بەركەت تېپىۋاتقان ئائىلىمىز، ئىمان-ئىنساپلىق، ئەقىللىق چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ بەختىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن ھەقىقى توي شاتلىقى. سىز چوقۇم بۇ نىجىس كېسەلدىن غالىپ كىلىڭ. ئاشۇ بەختىيار مىنىۇتلاردىكى مەرىكە شاتلىقلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنەيلى جېنىم دادا!

      ئۇلار كەتتى... جۇدالىقنىڭ شىۋىرغانلىرى ھۇشقېيتىۋاتقان خانىمىزدە يىتىملىكنىڭ تەمىنى تېتىپ،بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىشىپ ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يېنىمىزدا پەيدا بولدىڭىز!‹‹ قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسسىسىدىن ئايرىماپتۇ›› دىگەندەك تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ خۇشاللىقتىن بېشىمىز ئاسمانغا يەتتى.

      ئاشۇ كۈن ئىسىڭىزدىمۇ؟ مەن سىزدىن قىلچە ھېتىرقاش ھىس قىلمىغان، ئازراقمۇ قورۇنمىغان ھالدا خۇددى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئۆز ئاكام ماڭا چىدىماي قايتىپ كەلگەندەكلا بىر ھىسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە سىزگە ئېسىلىپ ‹‹ جېنىم ئاكا ئاخىر قايتىپ كەلدىڭىز! ئاخىر قايتىپ كەلدىڭىز...›› دەپ نىدا قىلغان ئىدىم.

      ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن پەرھاتنىڭ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئېيتقان بەزى گەپلىرىدىن ھىس قىلدىمكى، سىز قاتتىقچىلىق يىللاردا مەھەللىدىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن يات ئەللەردە سەرسانلىقتا  خېلى ئۇزۇن يۈرگەن بولسىڭىزمۇ قايتىپ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمىغاچقا ھەرخىل تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدە پىشىپ تاۋلانغاندىن كىيىن چەتئەلدىكى مەلۈم بىر تەرەققى قىلغان دۆلەتتە خېلى نوپۇزلۇق بىر سودىگەرگە ئايلانغان، بۇ قېتىم كىلىشىڭىزدىكى مۇددىئارىڭىز ئائىلىڭىزدىكىلەرنى يوقلاشلا بولماستىن بەلكى ئۇلارنى ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان دۆلەتكە ئېلىپ كىتىش ئىكەن.شۇنچە يول ماڭغان بولسىڭىزمۇ پەرھات ، مەن ۋە ئىككى پەرزەنتىمىزنىڭ پاسپورتىغا ئامال قىلالىغانلىقتىن تولىمۇ سىپتىلىك بىلەن‹‹ ئاۋال سىز، پەرھات ۋە بالىلار مېڭىپ تۇرسۇن، كىيىن كىلىپ ئانىڭىزنى ئېلىپ چىقىپ كىتىمەن››دېگەن سۆزىڭىزدىن مەن ھەممىنى ھىس قىلدىم ئاكا، مىنىڭ يۈرۈكۈم 70 ياشتىن ئاشقان ئانامنى بۇ يەردە يالغۇز قالدۇرۇپ ئۆزگە يۇرت پاراغىتىگە يۈزلىنىشكە قانداقمۇ چىدىسۇن؟ئانامسىز بىزنىڭ ئائىلە قانداقمۇ ھەقىقى مۈكەممەل ئائىلىگە ئوخشىشسۇن؟ مەن ئائىلەمدىن ۋاز كېچەلمەيمەن! ئانامدىن ۋاز كېچەلمەيمەن. بىلىمەن سىز مەن ماڭمىساممۇ پەرھات ۋە بالىلارنى ئېلىپ كىتىش نىيىتىگە كىلىپ بولدىڭىز. پەرھاتمۇ شۇ تاپ ئىككى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىدا مىجىلىۋاتىدۇ. بىرسى ئۇ ئۇزۇن يىل زارىقىپ كۈتكەن، بۇ دۇنيادا بىردىبىر قېرىندىشى بولغان ئاكىسىنى بىلەن بىرگە ياشاشنى تاللاش. يەنە بىرسى بولسا مىڭبىر مۇشەققەت بىلەن قۇرۇپ چىققان ئائىلىسى، ئايالى، پەرزەنتلىرىدىن ۋاز كېچىش‹‹ ھېچبولمىغاندا ۋاقىتلىق ئايرىلىش بولسىمۇ بالىلىرىنىڭ قەلبىگە تىكلىگەن يۈكسەك داداىلىق ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش››نى تاللاش...

      ئاكا! سىزدىن ئۆتۈنەي! ئائىلە مۇقەددەسلىكىنىڭ مەزمۇت قورغانلىرىنى قېرىنداشلىق مىھرىگە تويۇنۇش شەخسىيىتىڭىز بىلەن غۇلاتماڭ.

      قېرىنداشقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر ئايالنى ھالال جۇپتىدىن، يۈرەك پارىلىرىدىن، ئائىلىسىدىن ئايرىماڭ!

      ماڭا ھېنەرسە لازىم ئەمەس. ئەينى يىللىرى قىلىنمىغان تويۇم ئۈچۈنمۇ مەن ئىنىڭىزنىڭ ساپ مۇھەببىتىگە تويۇنغان تالاي دەملەردە چىن دىلىمدىن  رازى بولغان ھەم ئۇنى تۇلۇقلاشنى ئويلاپمۇ باققان ئەمەسمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ دادىڭىزنىڭ سىزگە ئامانەت قىلغان ۋەسىيىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئائىلەمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ ئاكا. ئىنىڭىز، پەرزەنتلىرىم، ئانام مەن ئۈچۈن يىمىرىلمەس، مۇقەددەس ئائىلىنىڭ ئايرىلماس قىسمى. ماڭا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىز ھېچقانداق مەرىكە بولمايدۇ. ھېچيەردە ئائىلەم بولمايدۇ. ئاكا سىزدىن ئۆتۈنەي ماڭا بەرگەن پۇل-كارتىلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي. ماڭا ئائىلەمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ!

      كۆز ياشلىرىمدا نەملەنگەن قۇرلاردىن جىنايەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ ئىگىلگەن باشلىرىمنى كۆتۈرەلمەي ئولتۇرغىنىمدا يانفۇنۇم سايرىدى.

      - مەن تۇغۇلغان مەھەللىدە ئىنىمنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش سەۋەپلىك بىرەر ھەپتە كېچىكىپ يولغا چىقىدىغان بولدۇم. ئۇ تەرەپتىكى ئىشلارغا سىز مەسئۇل بولۇپ تۇرۇڭ.-دىدىممەن يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە قەيسەرلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بايا لالە كەتكەن تەرەپكە قاراپ كىتىۋېتىپ.

       

       


      2012-9-4


      历史上的今天:


      收藏到:Del.icio.us