سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
مەن پەقەتكى سائادەت ساتتار - [شېئىرلار]
2012-07-23
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/220259299.html
مەن پەقەتكى سائادەت ساتتار
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يازالمايمەن ئورخان پامۇكتەك،
چالالمايمەن پەرىدەك مۇڭتار.
قىسسەممۇ يوق ۋۇزرا-ۋامۇقتەك،
مەن پەقەتكى سائادەت ساتتار.
يىگۈم كەلمەس قىشتا ماروژنى،
يازدا جۇۋا كېي دىمە زىنھار.
بولغۇممۇ يوق ھەتتا مادوننا،
مەن پەقەتكى سائادەت ساتتار.
قەدەم ئىزىم ھاسىل قىلار يول،
ئاڭا مەنلا ھېرىسمەن خۇشتار.
ئۆزگە مەنزىل قىلالمايدۇ گول،
مەن پەقەتكى سائادەت ساتتار.
收藏到:Del.icio.us