سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
سائادەت ساتتار ئايتۇغنىڭ تەرجىمھالى - [ئۆزىمىزگە نەزەر]
2012-06-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/217325577.html
سائادەت ساتتار ئايتۇغ 1975-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە سەنئەت سۆيەر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ساتتار مىجىت ئاكا ۋە ئانىسى دىلەيسەم روزى ئانا ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىسمەن كىشىلەردىن ئىدى. دادىسى ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ، دۇتتار تەمبۈر مۇزىكىلىرىغا سىڭدۈرۈپ چالاتتى. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى سائادەتنىڭ كىچىكىدىنلا يۈرىكىگە ئەدەبىيات ئىشتىياقى سالغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى‹‹كىتاب›› 1987-يىلى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 230پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،بەش پارچە ھېكايە،5پارچە ماقالە،3پارچە پوۋىستى،‹‹تۇرپان گېزىتى››،‹‹تۇرپان ژورنىلى››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››،‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››،‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››،‹‹كىروران››ژورنىلى،‹‹جوڭگومىللەتلىرى››ژورنىلى،‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلى،‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى›› ژورنىلى،‹‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژورنىلى،....قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ‹‹تىۋىشىسز كېچىلەر››ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا 3پارچە ھېكايىسى تاللانغان.‹‹ گۇناھ قورغىنى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتىغا‹‹قىسمەت›› ناملىق ھېكايە-پوۋىستلار توپلىمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتىغا تاپشۇردى.
ئۇ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى›› دا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم شېئىر-قوشاقلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹بىلقۇت لوڭقىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹ باس-باس تورى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››....قاتارلىق ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇ شىنجاڭ ‹‹ھۆرىيەت كىنو-تىلىۋېزىيە شىركىتى››گە خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى قەلبىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سەھنە-ئېكران سەنئىتى ئىجادىيىتىگە ئاز بولمىغان يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇ ھازىر ‹‹ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى›› ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ ئىشخانا مەسئۇلى بولۇپ، شىركەت ئىشلىگەن كۆپلىگەن ئېكران ئېلانلىرىنىڭ سىنارىيەسى،ئېلان سۆزى، ئېلان لايىھەلىرىنى يازغان. ئۇ يەنە ‹‹شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى››دە يېقىندا ئىشلىنىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ مەيدان خاتىرىلىگۈچىسى ۋە مەزكۈر تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئاساسلىق سىنارىستلىرىنىڭ بىرى .
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
收藏到:Del.icio.us