-
2009-05-07
ئاتا-بالا ھەققىدە چۆچەك - [تەرمىلەر]
نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن
--خەلق تەمسىلى ---
چۆچىكىم - چۆچەك.... زامانلار ئىلگىرى،
قانچىلاپ سۇلتانۇ-خانلار ئىلگىرى.
بىر زەبەردەس پەھلىۋان بولغان ئىكەن،
جىسمىغا ئالەمچە كۈچ تولغان ئىكەن.
بار ئىكەن يىگانە ئوغلى-يالغۇزى،
يالغۇز ئىكەن - ئۆمرىنىڭ ئوق يىلتىزى.
كۈن ئۆتۈپ ئاپئاق ساقال چال بوپتۇ ئۇ،
خۇددى پۈكۈلگەن قېرى تال بوپتۇ ئۇ.
چال ھامان قانمايدىكەن ئۆز ئوغلىغا،
بۇ ئوغۇل باقمايدىكەن بىچارىغا.
دەپتۇ يالغۇز ئوغلىغا: «ئەيلەي، دۇئا،
قىل مېنىڭ دەردىمگە، شۇڭقارىم، داۋا!»
دەپتۇ ئوغلى: «مەن ئەسلەيمەن باغرى تاش،
كۆرسىتەي لوقمانغا مەن، بولغىن ھاپاش.»
يول بويى: «ئوغلۇم، كامال تاپ!» دەپتۇ ئۇ،
دۇئايۇ، يۈزمىڭ دۇئا ئەيلەپتۇ ئۇ.
ئاچسا كۆز، تىك يار لېۋىدە تۇرغۇدەك،
ئاستىدا دەريا ئەزىم مەۋج ئۇرغۇدەك.
دەپتۇ چال تەشۋىشتە: «بۇ نە ئىش، بالام؟
قىلغىنىڭ شۇمۇ مېنى پەرۋىش، بالام؟»
دەپتۇ ئوغلى: «ئارمىنىڭ بولسۇن ئادا،
قانغىچە ئىچ ھەۋزى كەۋسەردىن، دادا!»
تاشلىماق بوپ شۇ قارام ئۆركەشكە ئۇ،
دەس يۇلۇپ ئاپتۇ زېمىندىن ئەرشكە ئۇ.
دەل شۇ چاغ قان-ياش تۆكۈپ «ئاھ!»
دەپتۇ چال،
«توۋا، ئەي پەرۋەردىگارا!» دەپتۇ چال.
دەسسىتىپ تۇپراققا ئوغلان: « ئەي قېرى،-
دەپتۇ،- نە بولمىش بۇ ئاھىڭنىڭ سىرى؟
تەسمىكەن كەچمەك جاھاننىڭ مېھرىدىن،
ۇش سېسىق، بىزارى جاننىڭ مېھرىدىن؟»
دەپتۇ چال پەرزەنتىگە قانماي بېقىپ،
كۆز يېشى ئۇشبۇ ئېقىن سۇدەك ئېقىپ.
«ئاھ دېمەيمەن، قۇرغۇيۇم، بۇ جان ئۈچۈن،
نالە-زارىم بىرلا سەن ئوغلان ئۈچۈن.
تەقدىرىڭ، بەختىڭنىلا دەيمەن، بالام،
سەن ئۈچۈن غەم ئوغىسى يەيمەن، بالام.
مەنمۇ سەندەك ئارزۇلۇق ئوغلان ئىدىم،
ئارزۇ-ئارمان تەختىدە سۇلتان ئىدىم.
نەۋقىرانلىق پەيزىنى سۈردۈم، بالام،
ئاخىرى ۋەسلىڭنىمۇ كۆردۈم، بالام.
ئەس-يادىم سەن تامان ئاغدى مېنىڭ،
مېھرى نۇرۇم بىر ساڭا ياغدى مېنىڭ.
ئۆتتى يىللار، جاي تۇتۇپ ياتتى دادام،
بىلمىدىم قانداق ئازاپ تارتتى دادام.
«يۈك» دېدىم، «يەلكەمنى باسقان تاش»
دېدىم،
«تۈتتى سەۋرىم، قالمدى باردەش» دېدىم.
سەن كەبى ئەتتىم ھاپاس بىمارنى مەن،
تاللىۋالدىم دەل مۇشۇ تىك يارنى مەن.
ئۇ دېسە، كەينىڭگە يان، يانماپتىمەن،
بۇ كۈنۈمنى ئەسكىمۇ ئالماپتىمەن.
ئالغىنىڭ شۇدۇر نېمە بەرسەڭ دېسە،
شۇ بولۇر رىسقىڭ نېمە تەرسەڭ دېسە،
مىكرى-نەپرەڭ دەپتىمەن، يۈزمىڭ ئىسىت!
تەكتىگە يەتمەپتىمەن، يۈزمىڭ ئىسىت!
باشقا كەلدى ئۇشبۇ قىسمەت ئاقىۋەت،
كەلدى بۇ مەھشەر قىيامەت ئاقىۋەت.
ئۆتنە ئالەم بۇ بالام، يادىڭدا تۇت،
بۇ قىيىن ھالىمنى كۆز ئالدىڭدا تۇت!...
دەپتۇ ئوغلان: «گەپ-سۆزۈڭ زەپ كۈلكىلىك،
قىلمىغىن ئالدىمدا قۇۋلۇق-تۈلكىلىك!»
چالنى ئۇ باشتىن ئېگىز ئايلاندۇرۇپ،
ئەجدىھا - كەلكۈنگە يەم قىلماق بولۇپ.
دەس كۆتۈرگەندە قۇۋۇرغا قايرىلىپ،
دۈم چۈشۈپتۇ ئەس- ھوشىدىن ئايرىلىپ.
بىر زامان كۆز ئاچسا ئۇ، ئۆز ئەسلى يوق،
كۈچكە تولغان نەۋقىرانلىق پەسلى يوق.
چال بولۇپ قالغان ئىمىش مىسكىن-غېرىپ،
بەل ئېگىلگەن، كۆزلىرى نۇرسىز، زەئىپ.
ئوغلى تۇغانمىش تۇتۇپ ئارقان-تانا،
دەر ئىمىش: « كەلدى ئۆلەر ۋاقتىڭ مانا!»
يالۋۇرۇپ دەيمىش ئۆزى: «باغرىم بالام،
قىلما ياشلىق، ئەي مەدەتكارىم بالام!
مۇددىئايىڭ ئەيلە ئىزھار، قاندۇراي
رەھمى قىلسساڭ، قىلغىنىڭنى ياندۇراي........»
دەر ئىمىش ئوغلان: «مۇرادىم - جان ئېلىش،
تاش يۈرەك - باغرىڭنى قۇم-تالقان قىلىش!
سەن داداڭ ئاھىنى ئالغانمۇ ئىلىك؟
مەنمۇ سەن قاتىلنى قويمايمەن تىرىك!»
ئاچسا كۆز، تۇرغان ئىمىش ئەسلى - ئۆزى،
ئالدىدا بىمار دادا چېھرى -يۈزى.
«ئاھ، دادا،-- دەپتۇ ئوغۇل،-- بىلمەپتىمەن،
كور ئىكەنمەن، ئەتىنى كۆرمەپتىمەن.
بولدى مەلۇم كەلگۈسى ھالىم مېنىڭ،
قاپقارا تەقدىرۇ-ئىقبالىم مېنىڭ.
بول ھاپاش، مەن ئېپكېتەي، ئاسراپ باقاي،
ئىئزلىرىڭغا بىر ئۆمۈر باغرىم ياقاي.
مىندۈرۈپ يەلكەمگە تاغ-چۆللەر كېزەي،
ئارزۇ-ئارمان مەنزىلىگە يەتكۈزەي......»ئاپتۇرى: مەمتېلى زۇنۇن
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ژورنىلى، 1986-يىللىق ساندىن.
ماقالە ئادىرسى: