-
2009-05-06
قۇرئان بىلەن گەپ قىلغۇچى ئايال - [ئىسلام گۈلزارى]
ئابدۇللاھ بىن مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ : بىر يىل ھەج قېلىش ئۈچۈن ھەرەمگە قاراپ يولغا چىقتىم . بىر كۈنى يولدا كېتىپ بارسام ، يىراقتىن بىر كۆلەڭگە كۆرۈندى . يىقىنلاشسام يۇڭدىن توقۇلغان بىر رومال ئارتىۋالغان بىر ئايال ئىكەن. يېنىغا بېرىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دېدىم. ئايال:
- «مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن «ئۇلارغا» سالام دېيىلىدۇ» ( ياسىن سۈرىسى 58- ئايەت) دېدى. مەن :
- ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن ، سەن بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسەن، دېدىم .ئۇ:
- « ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ» (ئەئراف سۈرىسى 186 ئايەت) دېدى. مەن ئۇ ئايالنىڭ يولدا ئېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ :
- نەگە بارماقچى ئىدىڭىز ؟ دەپ سورىدىم .ئۇ:
- « ئاللاھ «بارچە نۇقساندىن» پاكدۇر ، ئۇ « مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا» قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بەندىسىنى «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى» بىر كېچىدە مەسجىدى ھارامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» ( ئىسرا سۈرىسى 1-.ئايەت) دېدى. مەن ئۇ ئايالنىڭ ھەجنى تۈگىتىپ قۇدۇس شەھىرىگە كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
- قانچە كۈندىن بېرى بۇيەردە تۇرۇۋاتىسىز ؟ دېدىم . «ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز» ( مەريەم سۈرىسى 10- ئايەت) دېدى.
- يېنىڭىزدا يىگۈدەك تاماق كۆرمەيمەنغۇ ؟ دېدىم .ئۇ:
- «ئۇ « پەرۋەردىگارىم» مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ» ( شۇئەرا 79- ئايەت) دېدى . ( يەنى روزا تۇتتۇم دېمەكچى - تەرجىماندىن) مەن :
- ھازىر رامىزان بولمىسا، دېدىم . ئۇ :
- « كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن (ﷲ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ)، ﷲ ئەلۋەتتە شۈكۈرنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.» ( بەقەرە سۈرىسى 158) دېدى مەن :
- بىزگە سەپەردە ئىپتار قىلىش ھالال قىلىغان دېدىم. ئۇ:
- «ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر» ( بەقەرە سۈرىسى 184- ئايەت) دېدى. مەن ئۇنىڭغا :
- تاھارەت ئالىدىغان سۇ نەدە ؟ دېدىم . ئۇ : - «(غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار!» ( مائىدە سۈرىسى 6- ئايەت) دېدى. مەن :
- نىمىشقا سىز مېنىڭدەك پاراڭلاشماي قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن سۆزلەيسىز؟ - دېدىم. ئۇ:
- «ئۇ(ئىنسان) قانداق بىر سۆز قىلمىسۇن ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ.» (قاف سۈرىسى 18- ئايەت).
- سىز قايسى قەبىلىدىن ؟ - دېدىم. ئۇ:
- «بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال - سوراق قىلىنىدۇ» ( ئىسرا سۈرىسى 36- ئايەت) دېدى.
- مەن خاتا قىپتىمەن ، مىنى كەچۈرۈڭ . دېدىم.
- « بۈگۈن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ﷲ سىلەرنى كەچۈرسۇن، ﷲ ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇر» ( يۇسۇف سۈرىسى 92- ئايەت )
- مەن سىزنى تۆگەمگە مىندۈرۈپ كارۋانغا يېتىشتۈرۈپ قويايمۇ؟ دېدىم.
- «سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەلنى قىلساڭلار، ﷲ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ » ( بەقەرە سۈرىسى 197- ئايەت) دېدى. مەن تۆگىنى چۆكتۈردۈم.ئۇ:
- «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن،» (نۇر سۈرىسى 30- ئايەت) دېدى. كۆزۈمنى تارتىپ تۇردۇم ۋە: - تۆگىگە مىنىڭ! - دېدىم. تۆگىگە مىنىش ئۈچۈن تۆگىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى. تۆگە قېچىپ كەتتى، ۋە ئايالنىڭ كېمىنىڭ يىرتىۋەتتى. ئايال:
- «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ. » ( شۇرا سۈرىسى 30- ئايەت) دېدى. مەن:
- سەبىر قىلىپ تۇرۇڭ، مەن تۆگىنى چۈشەپ تۇراي سىز مىنىۋېلىڭ، دېدىم. ئۇ:
- «قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى 79- ئايەت) دېدى . تۆگىنى چۈشەپ تۇردۇم ، ئۇ تۆگىگە مىندى ، تۆگىگە مىنىپ بولغاندا:
- «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» (زۇخرۇف سۈرىسى 13 - 14- ئايەت ). دېدى. مەن تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ توۋىلىغاچ تېز تېز ماڭدىم. ئۇ:
- «ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن» (لوقمان سۈرىسى 9- ئايەت) دېدى. مەن ئالدىرماي شېئىر ئوقۇغاچ ماڭدىم. ئۇ:
- «قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار» ( مۇزەممىل سۈرىسى 20- ئايەت) دېدى. مەن ئۇنىڭغا:
- ھەقىقەتەن خۇدايىم سىزگە كۆپلىگەن ياخشىلىقلارنى بېرىپتۇ. دېدىم. ئۇ:
- «پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالىدۇ» (بەقەرە سۈرىسى 269- ئايەت) دېدى. بىرئاز ماڭغاندىن كىيىن:
- يولدىشىڭىز بار مۇ؟ - دەپ سورۇدۇم.
- «ئى مۆئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىماڭلار» (مائدە سۈرىسى 101- ئايەت) دېدى ، ئاندىن جىم بولدۇم ۋە كارۋانغا يېتىشكىچە گەپ قىلمىدىم. كارۋانغا يىتىشكەندە:
- كارۋانغىمۇ يېتىشىپ قالدۇق، بۇ كارۋاندا سىزنىڭ نېمىڭىز با ر؟ - دېدىم. ئۇ:
- «ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر» (كەھف سۈرىسى 46- ئايەت) دېدى . مەن كارۋاندا بالىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەن:
- ھەجدە قىلىدىغان ئىشلىرى نىمە؟ - دەپ سورۇدۇم. ئۇ:
- «(يوللارغا) بەلگىلەرنى قىلدى. ئۇلار (كېچىسى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزلاردا) يۇلتۇزلار بىلەن يول تاپىدۇ» (ھىجر سۈرىسى 16- ئايەت) دېدى . مەن بالىلىرىنىڭ يول باشلىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. كارۋان تۇرۇۋاتقان يەرگە كەلدىم ۋە:
- كارۋان سارايغىمۇ كەلدۇق، بالىلىرىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە؟ دېدىم. ئۇ:
- «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (مەريەم سۈرىسى 12- ئايەت) « ﷲ مۇساغا (بىۋاستە) سۆز قىلدى» (نىسا سۈرىسى 164- ئايەت) «ﷲ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى» (نىسا سۈرىسى 125- ئايەت) دېدى. مەن ئۇنىڭ بالىلىرىنى چاقىردىم :
- ئى ئىبراھىم ، ئى يەھيا ، ئى مۇسا! ئالدىمغا كېلىشكەن قامەتلىك ئۈچ يىگىت كىلىپ چىقتى، ۋە ئانىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، ئانىسى:
- «بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن» دېدى . ئۇلارنىڭ بىرى كېتىپ تاماق تېپىپ كەلدى، ۋە مىنىڭ ئالدىمغا قويدى. ئۇ ئايال:
- «ئۆتكەنكى كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال -خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» (ھاققە سۈرىسى 24- ئايەت) دېدى. تاماقتىن كىيىن، مەن ئۇلارغا:
- ئاناڭلار نىمىشقا نورمال گەپ قىلمايدۇ ؟ دېدىم. ئۇلار:
- ئانىمىز بىرەر گەپ ئېغىزىدىن خاتا چىقىپ كېتىپ گۇناھكار بولۇپ قىلىشتىن قورقۇپ قىرىق يىلدىن بىرى قۇرئان بىلەنلا گەپ قىلىۋاتىدۇ، دېدى، مەن:
- «بۇ ﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، (ﷲ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» (مائىدە سۈرىسى 54- ئايەت) دېدىم .http://munber.axiret.cn/viewthread.php?tid=264
ماقالە ئادىرسى: