-
2009-04-30
مىنىڭ مۇھاببەت قارىشىم - [ئىجادىيەتلىرىم]
قايسى بىر كۈنى، چۇقۇم باھار كىلىپ زىمىن جانلىنىشقا باشلىغان، كائىنات يېشىل تون كەيگەن، شاماللار يۈزلىرىمنى سۆيۈپ ئۆتكەن بىر كۈنى، قۇياش ئۆزىنى تاغ كەينىگە ئاتقىنىدا، تۈن پەردىسى يېيىلىپ يۇلتۇزلار تاتلىقىنە كۈلگۈنىدە، پۈتۈن يېزا جىمجىتلىققا چۆمۈپ پەقەت كالا قويلارنىڭ مەرىشىنى، ئىتلارنىڭ ھوۋلىشىنى. چىكەتكىلەرنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان ۋاقىتلاردا مەن يېزىنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭىدىكى ئۆيىمىزدە، پىلىلداپ تۇرغان جىن چىراققا ھەدەپ ئۆزىنى ئېتىۋاتقان پەرۋانىگە قاراپ تەنھا ئولتۇرۇرۇپ نىمىلەرنىدۇ خىيال قىلىۋاتقىنىمدا، كىمدۇر بىرى قەلب قەسىرىمگە كېرىپ كەلدى. ۋاھالەنكى مەن ئۇنى تۇنۇمايتىم، ئۇمۇ مىنى تۇنۇمايتى. لېكىن بۇ ناتۇنۇشلۇق مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىزارلىقىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بارماقتا ئىدى. كۆزلىرىم ئىنىڭ يولىغا قاراپ، پۇتلىرىم ئۇنى ئىزدەپ تالماقتا. بىز ناتۇنۇشلار بۇ ھاياتلىق سەپىرىمىزدە نەچچە رەت بىر بىرىمىزنى ئۇچراتقاندىمىز بەلكىم؟ ھەتتا نەچچە رەت بىر سورۇندا، بىر يەردە ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرغان، پاراڭلاشقان بولۇشىمىزمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇ مىنى ئىزدەپ، مەن ئۇنى ئىزدەپ ئاۋارە بولىۋاتىمىز. تەشنا قەلبلەر بىر-بىرىنى سېغىنىپ ئېغىر خۇرسىنىۋاتىدۇ. .....................لېكىن مەن قەتئىي ئىشىنىمەن، بىز ناتۇنۇشلار چۇقۇم بىر كۈ نى بىر يەرگە جەم بولىمىز، چۇقۇم! ئۇ مىنى چۇقۇم ساقلايدۇ، مەڭگۈ ساقلايدۇ، تاكى بىز ئۇچراشقۇچە، تەشنا قەلبلەرنىڭ تەشنالىقى بېسىلغۇچە ساقلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر بىر قەدىمىدە مىنى ئىزدەيدۇ. مەن مۇ ئۇنى ئىزدەيمەن. ھەم ئۇنى مەڭگۈ ساقلايمەن. ئۇنى ئىزدەيمەن، ئۇنى ئىزدەپ تېپىشىمغا قەتئىي ئىشىنىمەن. مانا17 قېتىم ياز، كۈز، قىش، باھار پەسىللىرى مىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ 18-قېتىملىق ياز مىنى ئۆز قوينىغا ئېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنى ئىزدەپ كېتىبارىمەن، ئۆزۈمگە ۋە ئۇنىڭغا زور ئىشەنچ، ئۈمىدلەر بىلەن ئۇنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن..............................
评论
ئاللاھ ئاشۇ قۇۋۇرغىنى تاپقىنىمدا مېنى شۇ كۈنگە يېتىشتۈرگەن رەببىمگە تۆچەنچىلىك بىلەن باش قۇيالىشىمنىغا مۇيەسسەر قىلسۇن!