-
2010-07-23
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە - [بىلدۈرگە]
تەڭرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئادەم پۈتۈن ئىنسانىيەتتىكى ئېزگۈلۈكنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ.
________ ئەنگىلىيىلىك پەيلاسوپ فرانىس بېكون
تەپەككۇرنىڭ يارىدىمىدە چۈشىنىش مۇمكىن بولغان تەڭرى ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى بېلىش ئۈچۈ ن ئەڭ ئاۋۋال كۆپلىگەن ئىىلىم سىرلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ناھايەت، پەلسەپە ئىلىمگە دائىر بارچە ئىزدىنىشلەر ئۆز ئالدىغا تەڭرىنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلغان.
ئىلاھىي ھەقىقەت باشقا ھەقىقەتنىڭ مىزانىدۇر.... ھەر قانداق ئاساسلىق ھەقىقەت تەڭرى ھەقىقىتى بىلەن ئۆلچەنمىكى زۆرۈر.
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بەش يول بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن:
بىرىنچى ۋە ئېنىق يول _ ھەرىكەت چۈشەنچىسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ناۋادا، بىرەر جىسىم ھەرىكەتلىنىدىكەن، ئۇنى باشقا جىسىم ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق ھەرىكەت باغلىنىشىنىڭ ئاخىرى يوق دېگۈچىلەر يېڭىلىشقان بولىدۇ. بۇ زەقجىرنىڭ ئاخىرى بار. ئۇنداق بولمىغاندا ھەرىكەتنى بىرىنچى بولۇپ باشلاپ بەرگۈچىنىڭ ئۆزىمۇ ۋە تەبىئىيكى، باشقا ھەرىكەتنەندۈرگۈچى كۈچلەرمۇ بولمىغان بولاتتى. شۇ سەۋەپتىن ئۆزى ھەرىكەتسىز قالغۇچى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگۈچى كۈچ تامان ئىنتىلمەك زۆرۈر. بۇ كۈچ _ تەڭرى.
ئىككىنچى يول _ سەۋەپ چۈشەنچىسى بىلەن ئىزاھلىنىدۇ. بىر نەرسە ئىككىنچى بىر نەرسىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ سەۋەبلەر باغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى بىرىنچى سەۋەپكارنى ھەممىمىز " تەڭرى " دەپ ئاتايمىز.
ئۈچىنچى يول _ ئىمكانىيەت ۋە زۆرۈرىيەت چۈشەنچىلىرى بىلەن باغلىقتۇر. ئومۇمنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، بارچە نەرسىلەرنىڭ زۆرۈرىيتى سەۋەبىنى ئۆزىدە جەملىگۈچىمۇ تەڭرىدۇر.
تۆتىنچى يول _ نەرسىلەرنىڭ تۈرلۈك دەرىجىدە ئىكەنلىكى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، بارچە نەرسىلەر كۆپرەك ياكى كەمرەك دەرىجىدە مۇكەممەللىكى، ئاساسلىق ۋە سەمەرىلىكى بىلەن بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلەردىمۇ شۇنداق ھالەتكە دۇچ كېلىمىز. بېرەر سۈپەتنى ئۆزىدە زىيادە جەملىگەن نەرسە، شۇ سۈپەتنىڭ ئۇچۇنىغا ئىگە بولغان باشقا ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبچىسى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوت ئىسسىقلىقنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە ھەرقانداق ئىسسىقلىقنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بارچىمىز ئۈچۈن ئېزگۈلۈك ۋە مۇكەممەللىكنىڭ سەۋەبكارى بولغان بىر مۇتلەق ماھىيەت باركى، بىز ئۇنى " تەڭرى " دەپ ئاتايمىز
بەشىنچى يول _ تەبىئەتنىڭ تەرتىپ-قائىدىلىرى بىلەن ئىزاھلىنىدۇ. ئەقىل-ىدراكتىن خالىي بولغان تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ مۇئەييەن مەقسەتكە بويسۇنىدىغانلىقىدىن ھەممىمىز خەۋەردار. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەردائىم ئېزگۈلۈك بىلەن باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدۇكى،ئۇلار بۇ ئېزگۈ مەقسەتكە تاسادىپىي ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق ئىدراكنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئېرىشىدۇ. ئاللىقانداق ئالىي تەپەككۇر ئىدراكتىن مەھرۇم تەبىئەتنى ئوقنى نىشانغا يۆلەندۈرگەن مەرگەن كەبى باشقۇرىدۇ. تەبىئەتتە يۈز بېرىدىغان بارچە ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ مەقسىتىنى بەلگىلىگۈچى ۋە يۆلەندۈرگۈچى كۈچنى بىز " تەڭرى " دەپ ئاتايمىز.
ئىتالىيلىكپەيلاسوپ ۋە ئىلاھىلىيەت ئالىمى فوما
(روھىيەتنى تەڭشەش تەدبىرلىرى دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.)
评论