• 2010-08-07

    رامىزانلىق سوۋغات - [نادىر ئەسەرلەر]

    روزا ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر

     

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

     

       «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر. رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲ نى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن). روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). اﷲ ئۆزەڭلارنىڭ ئۆزەڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن, كېچە بولسۇن), ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا، پارا بەرمەڭلار». (بەقەرە سۈرىسى 183-، 184-، 185-، 186-، 187-، 188- ئايەتلەر).

     

    رامىزان

     

       رامىزان قەمەرىيە ئايلىرىدىن توققۇزىنچى ئاينىڭ ئىسمى بولۇپ،  قورئان كەرىمدە ئۇنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

     

    روزىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى بەزى ھېكمەتلىرى

     

       روزا توتۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن نەپسىنى پاكلاش ۋە تەقۋالاشتورۇشدۇر.

     

    روزىدار كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىشلار

     

       1- شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بارلىق ئىبادەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىش.

       2- شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك قول يىغىش.

     

    روزىدار كىشىگە مۇستەھەپ بولغان ئىشلار

     

       سوھۇرلۇق يېيىشنى كىچىكتورۇش، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش، قورئان كەرىم، زىكرى - تەسبىھ، دۇئا - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇش، ئېھسان، سەدىقىنى كۆپ قىلىش. 

     

    رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى

     

       1- قورئان كەرىم رامىزان ئېيىدا نازىل بولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى».

       2- رامىزان ئېيىدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "(رامىزان ئېيىدا روزا توتۇشنىڭ پەرىزلىكىگە) ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ". (بوخارى رىۋايىتى).

       3- رامىزان ئېيىدا دۇئا ئىجابەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".

       4- قەدرى كېچىسى رامىزان ئېيىدا بولىدۇ.

       5- رامىزان ئېيىدا شەيتانلارنىڭ پوت - قوللىرىغا زەنجىر - كىشەنلەر سېلىنىدۇ.

       6- رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ".

     

     

    روزا

     

       روزا تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ كۈن ئولتۇرغىچىلىك يىيىش - ئىچىشتىن، جىنسى موناسىۋەتتىن ۋە بارلىق ئىپتار قىلدۇرغۇچى ئامىللاردىن ئۆزىنى ساقلىماغلىقتۇر. روزا ئىسلامنىڭ روكنىلىرىدىن بىر روكنىدۇر.

       بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا، روزا توتۇشقا قادىر بولالايدىغان، سەپەرگە چىقمىغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا رامىزان ئېيىنى كۆرۈش ياكى شەئبان ئېيىنى تولۇق ئوتتۇز كۈن تاماملاش بىلەن روزا توتۇش پەرز بولىدۇ.

     

    روزىدار كىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار

     

       مىسۋاك قىلىش، سەپەرگە چىقىش، ھاۋا قىزىپ كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆزىنى سوۋۇتۇش، ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىش (غىزالاندۇرىدىغان ئوكۇل بولمىسىلا)، كۆزىگە سۈرمە تارتىش قاتارلىق ئىشلار روزىدار ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردۇر.

     

    روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار

     

       جىنسى مۇناسىۋەت، يېيىش، ئىچىش، قان ئالدۇرۇش، زورلاپ ياندۇرۇش، ھەيز ۋە نىپاس قاتارلىقلار روزىنى بوزىۋىتىدۇ.

     

    بالدۇر ئىپتار قىلىشنىڭ ياخشىلىقى

     

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "خەلق ئىپتار قىلىشقا ئالدىرسىلا داۋاملىق ياخشىلىق ئىچىدە بولىدۇ" (بوخارى، مۇسلىم).

     

    نېمە بىلەن ئىپتار قىلىش كېرەك؟

     

       ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  شام نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ھۆل مېۋىلەر بىلەن، ھۆل مېۋىلەر تېپىلمىسا خورمىلار بىلەن، خورمىلارمۇ تېپىلمىغاندا سو بىلەن ئىپتار قىلاتتى" (تىرمىزى)

     

    ئىپتار دۇئاسى

     

       ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلغاندا: "ئاللاھ خالىسا ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ساۋاپ بېرىلدى" دەيتتى. ( ئەبۇ داۋۇد).

     

    ئىپتار ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ

     

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".

     

    ئىپتارلىق بەرگەن كىشىنىڭ ساۋابى

     

       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقىچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ لېكىن روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھەرگىز كېمەيتىلمەيدۇ" (تىرمىزى)

     

    تەراۋىھ نامىزى

     

       تەراۋىھ رامزاننىڭ كېچىلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن بىدار ئۆتكۈزۈشتۇر. ھەر ئىككى رەكەت ناماز ئوتتۇرىسىدا جامائەت بىر ئاز ئارام ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناماز  تەراۋىھ (يەنى ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش) نامىزى دەپ ئاتالغان. تەراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. تەراۋىھ نامىزىنىڭ قانچە رەكەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشلىرى بار. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن سۆز شۇكى، تەراۋىھ نامىزى ۋىترى نامىزىنى قوشماي سەككىز رەكەت، ۋىترى نامىزىنى قوشقاندا ئون بىر رەكەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ۋە ياكى باشقا ئايلاردا بولسۇن ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلمايتتى" (بوخارى).

     

    رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش

     

       ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونى كەلسە كىچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئەھلىنى ئويقىسىدىن ئويغۇنۇپ قوياتتى، ئىشتان بېغىنى چىگىۋىتەتتى" (بوخارى, مۇسلىم).

     

    نەپلە روزا توتۇش مۇستەھەپ بولغان كۈنلەر

     

       1- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا توتۇش. بۇ ئالتە كۈندە روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر.

       2- دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا توتۇش. چۈنكى بۇ ئىككى كۈندە ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ.

       3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەردۇر. بۇ ئۈچ كۈن ھەر ئاينىڭ (يەنى ئاسماندىكى ئاينىڭ) ئون ئۈچ، ئون تۆت ۋە ئون بەشىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىشى ئەلا ۋە ئەۋزەلدۇر.

       4- ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى توققۇز كۈنىدە بولۇپمۇ ھەجگە بارمىغانلار ئۈچۈن زۇل ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى روزا توتۇش ئەۋزەلدۇر.

       5- مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا توتۇش.

     

    روزا توتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر

     

       1- شەك كۈنى روزا توتۇش. شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى شەك كۈنى ھېسابلىنىدۇ.

       2- روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا توتۇش.

       3- تەشرىق كۈنلىرى روزا توتۇش. زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 11-، 12-، 13- كۈنلىرى تەشرىق كۈنلىرىدۇر.

       4- روزا توتۇشقا جۈمە كۈنىنى خاسلاشتۇرۋېلىش.

       5- ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىزنىسىز نەپلە روزا توتىشى.

     

    ئېتىكاپ

     

       ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننەتتۇر. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچىلىك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى".

     

    سەدىقە پىترە

     

       ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كاپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە پىترىنى پەرز قىلدى، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد).

       سەدىقە پىترىنى ئۆز نامىدىن ۋە جوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال بارلىق ئائىلە ئەزالىرى نامىدىن تولۇق ئادا قىلىنىدۇ.

     

    تەلىماتلار

     

       ھۆرمەتلىك قېرىنداش:

       1- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇڭ.

       2- ئۆزرىسىز رامزاننىڭ روزىسىنى بوزۋېتىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى روزىنى بوزۇش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

       3- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان كېچىلىرىنى (بولۇپمۇ قەدر كېچىسىنى) تەراۋىھ، تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.

       4- ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل، دۇئايىڭىزنىڭ ئىجاۋەت بولىشى ئۈچۈن يەمەك - ئىچمىكىڭىز ۋە كىيىم - كىچەكلىرىڭىز ھالالدىن بولسۇن.

       5- روزى تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ئۈچۈن بەزى روزىدارلارغا ئىپتارلىق بىرىڭ.

       6- ساۋاپقا ئىرىشىشىڭىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ياخشى قوغدىشى ئۈچۈن داۋاملىق بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭ.

       7- سەدىقە - ئىھساننى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى رامىزاندىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر.

       8- بىھۇدە ئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ. چۈنكى سىز ۋاقتىڭىزدىن بىر - بىرلەپ ھېساپ بىرىسىز.

       9- رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا ئادا قىلغان ئۆمرە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ.

       10 - روزىنى روھلۇق ھالدا تاماملىشىڭىز ئۈچۈن تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىنراق سوھۇرلۇق يەڭ.

       11- ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىنلا ئىپتار قىلىشقا ئالدىراڭ.

       12- ئىبادەتنى پاك ھالدا ئادا قىلىشىڭىز ئۈچۈن جونۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيىنۋېلىڭ.

       13- قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ سىزگە شاپائەتچى بولىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇپ رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىڭ.

       14- تىلىڭىزنى غەيۋەت - شىكايەتتىن، يالغان سۆزلەشتىن، سوخەنچىلىكتىن، باشقىلارغا ئاراز بېرىشتىن ساقلاڭ.

       15- كۆپ پىكىر قىلىپ ئاز سۆزلەيدىغان، خوش چىراي بولۇپ قاپاق تۈرمەيدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ چۈملىسىدىن بولىشىڭىزغا تىرىشىڭ.

       16- شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ تەقۋالىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.

       17- زىكرى - تەسبىھ، توۋبە - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇڭ، داۋاملىق ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھلىق تىلەپ، جەننەت ئاتا قىلىشىنى سوراڭ.

       18- ئۆزىڭىز، ئاتا - ئانىڭىز، ئەۋلادلىرىڭىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىڭ.

       19- ئىلگىركى خاتالىقلىرىڭىزغا پۇشايمان ۋە توۋبە قىلىپ، ئىككىنچى ئۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىڭىز ئۈچۈن قەتئى ئىرادە باغلاڭ.

       20- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇڭ. كىمكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقاندىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتىدىكەن يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ.

       21- ئۆتكەن ۋە كىلىدىغان يىلىدىكى گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن زول ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى يەنى ئەرەفە كۈنى روزا تۇتۇڭ (ھەج ئۈستىدە بولمىسىڭىز).

       22- بىر يىللىق گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولىشىڭىز ئۈچۈن ئاشۇرا كۈنى يەنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا تۇتۇڭ.

       23- ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرغىچىلىق ئىمان، تەقۋا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە داۋام قىلىڭ. «ساڭا ئۆلۈم يېتىپ كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». (قۇرئان كەرىم).

       24- ھەقىقى توۋبە قىلىش، شەرىئەتكە مۇخالىپ ئادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى سىزدە روشون بولسۇن.

       25- ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە كۆپ دۇئا - سالاملار ئوقۇڭ.

       ئى ئاللاھ! بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كۈندىزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، ئىلگىرى- كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن.

       ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ، تولۇق ئەجرىگە ئېرىشكەن، قەدرى كېچىسىنى تاپقان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇكاپىتىگە ئېرىشكەنلەردىن قىلغىن.

       ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى كەچۈرگىن.

       ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملىرىغا رەھمەت قىلغىن. (ئامىن).

    http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1607

    分享到: