• 2010-06-23

    ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشماڭ بۇرادەر! - [ئىجادىيەتلىرىم]

    ھەپتىدىن بۇيان دادام دۇختۇرخانىدا بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن كۈنلىرىم ئاساسەن دۇختۇرخانىدا ئۆتتى..

    بۇ بىر ئاددىيلا تېڭىق دۇختۇرخانىسى ئىدى. ئەمما، ئەتتىگەن سائەت 5 تىن كەچ سائەت 11-10 لەرگىچە كېلىدىغان بىمالارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي تۇراتتى.. ھېلى بىر بوۋاي ئېلىپ كېلىنەتتى، ھېلى بىر موماي ئېلىپ كېلىنەتتى. .. يەنە ئازراق ئۆتمەيلا يەنە كىملەردۇر بىرى ياش ئوغلىنى، قىزىنى يۆلىگىنىچە دۇختۇرخانىغا كېرىپ كېلەتتى.. دۇختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىدىغانلار نۇقۇل يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا تۇغۇلغانىغا 4-5 ئاي بولغان بوۋاقلار، ئەمدىلا ئايغى چىققان بالىلار، 6-5 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سەبىيلەرمۇ بارئىدى.

    دۇختۇرخانىدا بىمالار كۆپ بولغانلىقىدىنمۇ دۇختۇرخانا ئىچى بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىدى. گاھ كىمدۇر بىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭرىشى، يەنە كىمدۇر بىرىنىڭ ئاغىرىققا چىدىيالماي ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانسا، گاھ كىچىك بالىلارنىڭ ئانىسىنىڭ  پىسىشغا ئېسىلغىنىچە يىغلىغان ئاۋازى، مىھرىبان ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىڭراشلىرىغا چىدىيالماي مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپلا تۇراتتى...

     

    دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىغا قۇلاق سالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى " مۇشۇ موتوسىكىلىت دېگەن نەرسىنى نىمىشقمۇ ياساپتىكى، ھەممە خاپىلىق مۇشۇ نەرسىدىن كەلگىلى تۇردىغۇ " دېگىنچە بىر-بىرىگە دەرت تۆكۈشەتتى..

     

    دۇختۇرخانا ئىچى ئالۋاقىدەكلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ.

    "ۋايجان، ۋاي پۇتۇم، بەك ئاغىرىپ كەتتى..."  بىر  نەۋقىران ياش نالە قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدىلا 16-15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولۇپ، دادىسىنىڭ دېيىشىچە ئۇ موتوسىكىلىتنى بەك تىز ھەيدەيدىكەن، دادىسى نەچچە قېتىم ئاستا ھەيدەڭ بالام دېسە " ھە " دەپ قويۇپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىكەن، ئاخىرى ئۆتكەن ھەپتە يامغۇر ياققان كۈنى بىر ساۋاقدىشى بىلەن مەكتەپكە  مۇئەللىمىنىڭ موتۇسىكىلىتىدا كېتىۋېتىپ،تېيىلىپ ياقاپ چۈشۈپ، بۇ بالىنىڭ ئوخرەك، قۇلى سۇنۇپتۇ. ئاغىنىسىنىڭ بولسا پۇتى لۇتىسدىن سۇنۇپ كېتىپتۇ. بۇ بالىنىڭ دادىسى مۇشۇلارنى بايان قىلىۋېتىپ موتۇسىكىلىت ياسايدىغان زاۋاۇتلارنى بىر ھازا تىللاپ ئۈلگۈرگەنىدى.

     

    " ئاپا، پۇتۇم بەك ئاغىرىپ كەتتى، پەقەت چىدىيالمىدىم، تاتلىق ئاپا، دۇختۇرلارغا دېسىڭىز ئۇكۇل سالمىسا...." ئەمدىلا 6 ياشلارغا كىرىپ قالغان بىر ئوغۇل ئانىسىنى قۇچاقلىغىنىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئانىسىغا يالۋۇرىۋاتاتتى.. ئانىنىڭ دېيىشىچە ئۇلار ئەر-ئايال ئۇلۇغئاتادا ئىشلەيدىكەن. ئوغلى ئاچىسى بىلەن بىرگە شەھەردە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەندە كەلسە ئوغلى ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. سورىسا، تۈنۈگۈن موتو سۇقۇۋەتكلەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.... ھېلىقى ياش ئانىمۇ موتو ھەيدىگەن بالىنى، موتوسىكىلىت زاۋۇتلىرىنى تىللاپ ئۈلگۈرگەنىدى.......

     

    ۋاي پۇتۇم، ۋاي بېلىم.... ۋاي قۇلۇم......ۋاي بېشىم...

    ......

     

    دۇختۇرخانا ئىچى مانا مۇشۇنداق ئاچچىق ئېڭراشلار بىلەن تولغانىدى. نىمە بولغانلىقنى سورىسىز %95 بىمار موتۇ سۇقۇۋەتكەنلىكىنى، موتۇدىن ياقاپ چۈشكەنلىكىنى ئەلەم بىلەن  تىلغا ئېلىشاتتى..

     

    دەرھەقىقەت، رايۇنىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، موتۇسىكىلىت ھەر بىر ئائىلىگە كىرىپ بولدى. شىمال  ۋە قەشقەر تەرەپلەردە موتۇسىكىلىت مېنىدىغانلار نىسبەتەن ئاز سالماقنى ئىگەللىگىنى بىلەن، خوتەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇپتا ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر موتو چۇقۇم بار. دېمەك، موتۇ تەنەرخىنىڭ ئەرزانلىقى، قۇلايلىقىلىقى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىتتى. ئەمما، يۇقۇرقىدەك قاتناش ھادىسىلىرى كۈنسىرى كۆپىيىپ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشقا تولدۇردى. موتۇسىكىلىت ئومۇملاشمىغان رايۇنلاردىمۇ ھەرخىل قاتناش ھادىسىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈلۈپلا تۇرىۋاتىدۇ...

     

    بۇ ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زادى نېمە سەۋەپچى؟ قانتاش ۋاستىلىرىمۇ؟

     

    ئەمەلىيەتتە، قاتناش قۇراللىرى ھېچقانداق ئاڭغا ئىگە بولمىغان جانسىز تۆمۈر بۇيۇم ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇ تۆمۈرلەر پەقەت ئادەملەرنىڭ قۇلىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەتتتە كېلىدۇ..

     

    دېمەك، ئۆزىمىزگە ئەلەم قىلىۋاتقان يەنىلا ئۆزىمىز. بۇ ئېچىنارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل يەنىلا ئاشۇ تۆمۈرلەرنىڭ ئۈستىگە مىنىپ مەغرۇر كېتىۋاتقان بىز ئادەملەر.

     

    قاراڭ، ماشىنىغا ئىگە بولغان ئادەملىرىمىزنىڭ مېڭىشىغا.... بەك مەغرۇر، بەك تەنتەك.. ئۇلار پىيدىلىكلەرنى كۆزگە ئىلىپ قويمايدۇ. سىگىنالنى بۇلىشغا چېلىپ، بۇراندەك يۈرىشىدۇ...

     

    موتۇسىكىلىت مېنىۋالغان " ئەزىمەتلىرىمىز " چۇ تېخى! ئۇلار شامالغا جەڭ ئىلان قىلغاندەكلا مېڭىشىدۇ. ......

     

    ئاخىرى بىرىپ نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟

    يۇقارقىدەك قاتناش ھادىسلىرى قەدەمدىلا يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ كۆزلىرى قانلىق ياشقا تولىدۇ ، ساق-بىجىرىم تەنلەر مەجرۇھ بولىدۇ.....

     

    ئەي "تۆمۈر ئىشەك، ئاتلار" غا مېنىۋالغان قرىنداشلىرىم! ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاستىڭىزدا چىپىۋاتقان " ئات " سىزنىڭ باشقۇرىشىڭىزدا... سىز خالىسىڭىز ئۇنى ئاسىتراپ چاپتۇرالايسىز، خالىسىڭىز تىز چاپتۇرالايسىز... سىز "ئات" ئىڭىزنى تىز چاپتۇرۇپ، خۇشاللىقىڭىزدىن قېنىڭىزغا پاتماي قالغىنىڭىزدا، سىز ئاللىقاچان باشقۇرۇش ھوقۇقىڭىزنى ئاستىڭىزدىكى "ئات " قا ئۆتكۈزىۋەتتىڭىز. ئۇ خالىسا سىزنى "ئوقۇر"غا باشلايدۇ.. خالىسا ئۆلۈم يولىغا باشلايدۇ.....

    سىزنىڭ ھوقۇقىڭىزدىن ئۆزىڭىز خالاپ ۋاز كەچكەنلىڭىز ئۆز ھاياتىڭىزغا، باشقىلار ھاياتىغا قىلىنغان زەزىل چاقچاق خالاس. بۇ چاقچقىڭىز ئاخىرى بېرىپ يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغاندەك ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا ياشلىق باھارىڭىزنى ۋاقىتسىزلا چەيلەپ تاشلىشى، سىزنى ئەسلىڭىزگە قايتۇرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن...

    شۇڭا ئۆزىڭىزگە، ئۆزگىلەرگە بۇنداق رەزىل چاقچاق قلىماڭ! ھاياتىڭىز بىلەن، باشقىلار ھاياتى بىلەن ئويناشماڭ!... ئۇچقۇر " ئات" لىرىڭىزنى ئاستىراق چاپتۇرۇڭ...

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    分享到:

    评论

  • دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ھاياتىنى ، ئالتۇندەك ۋاقتىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  • مەن بۇنداق ياردارلارنى بەق تولا كۇرىمەن . موتو دىگەن نەرسىنى يوقاتسا ياكى سۆرئىتىگە چەك قويسا دەيمەن ،تۆۋەندىكى مىڭە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا 85%ئاسەم موتونىڭ سەۋەبىدىن ھىڭە ئوپرەتسىيىسى قىلىدۇ
    رىشتە گۇرۇپىسى回复uyghurlar说:
    مەرھابا قېرىندىشىم!
    شۇنداق، ھازىر دۇختۇرخانىلار قاتناش ھادىسىگە ئۇچرۇغانلار بىلەن تۇلۇپ كېتىپتۇ
    خۇدايىم ساقلىسۇن ئۇنداق ھادىسىلەردىن...
    2010-06-29 20:30:58
  • Yuksel Bloglar ulinishining adrisini almashturup qoyghan bolsingz, kup memnun bolghan bolattim.
    http://www.yuksel.me/bloglar/
    http://www.yuksel.me/bloglarbaner.png
    رىشتە گۇرۇپىسى回复yuksel说:
    marhaba Yuksel apandim!
    man hazir almashturup qoyay...
    dostlikimiz vzvlmigay!
    2010-06-28 10:38:21