• 2010-07-05

    مۇھەببەت دۇئاسى - [نادىر ئەسەرلەر]

     مۇھەببەت دۇئاسى
    تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك

     


    ئەي رەببىم!بىر ئىنسان قوي قەلبىمگە،ئەمما ئۇ ئىنسان سېنىڭمۇ سۆيگۈنىڭ بولسۇن!


    ۋە ماڭا شۇنداق بىر ئىنساننى سۆيدۈركى،ئۇ ئىنساننىڭ قەلبى سەن بىلەن سۆيۈشكەن بولسۇن .
    مېنى شۇنداق بىر ئىنسان بىلەن تېپىشتۇركى،مەندىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشقان پەقەت سەن بولغىن.
    ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشقىنىمىزدا ئۈستىمىزدە سېنىڭ قولۇڭ بولسۇن !
    ماڭا شۇنداق بىر كۆزلەرنى كۆرسەتكىنكى ،مەن ئۇ كۆزلەردىن ساڭا قاراي.
    ماڭا شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئۇنىڭ كۆزلىرى جەننەتكە ئېچىلغان دەرىزە بولسۇن !

    ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق بىر يولدا ماڭايكى،يول باشلىغۇچىمىز پەقەت سەن بولغىن ئەي رەببىم !
    ماڭا شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئۇنى قۇچاقلىغىنىمدا پۈتكۈل كائىنات بىزگە باقسۇن،بىربىرىگە گىرە سالسۇن !
    سۆيگۈمىز بۆرە بىلەن قوزىچاقنى ياراشتۇرسۇن،بىزگە قاراپ شەيتان ئادەمگە سەجدە قىلسۇن !
    گۇناھلار ساۋاپ ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلسۇن!
    ئۆلۈكلەر بىردىن بىردىن ئويغانسۇن سۆيگۈمىزدىن.
    بىزگە شۇنداق بىر سۆيۈملۈكنى بەرگىنكى ئەي رەببىم !
    سۆيگۈمىزدە پەيغەمبىرىمىز( ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن ) سۆيۈلسۇن !
    شۇنداق سۆيەيلىكى بىر بىرىمىزنى، ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز سامادىن بىزگە قاراپ   :" قارىغىنە ، ئەي مۇھەممەت ( ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن) شۇ ئاشىقلارغا،ئۇلار بىز بىلەن بىللەدۇر،بىز ئۇلار بىلەن .
    قارا،مۇھەببىتىمىز  يەر يۈزىدە يەنە بىر قېتىم تەكرار ياشاۋاتىدۇ ،ئاللاھ بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدىن شۇنداق رازىكى ،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى مىڭلارچە ئىنساننىڭ قەلبىگە سېلىۋاتىدۇ .
    ئامىيىن !!

    Çevreyen : melek

    Rabbim
    Bir insan koy kalbime
    Ama o insan senin de
    sevdigin olsun

    Ve bana öyle bir insan sevdir ki
    O insanin kalbi Seninle sevisen bir mabed olsun.
    Beni öyle bir insanla bulustur ki benden önce
    Onunla bulusmus olan sen olasin

     Onunla el ele tutustugumuzda
    Ikimizin uzerinde Senin elin olsun
     

    Bana öyle gözler göster ki
    Ben o gözlerden sana bakayim

    Bana öyle bir sevgili ver ki
    O gözler cennete acilan iki pencere olsun

    Onunla oyle bir yolda yürüyelim ki
    Kilavuzumuz sen olasin ey Rabbim

     Oyle bir sevgili verki bana
    Ona sarildigimda kainat bize baksin
    Birbirine sarilsin

    Sevgimiz kurtla kuzulari baristirsin
    Bize bakip seytan Adem'e secde etsin
    Günah sevap ugruna kendini feda etsin
    Olüler birer birer uyansin sevgimizle

    Bize öyle bir sevgili ver ki Rabbim!
    Sevgimizde Muhammed sevilsin

    Oyle sevelimki birbirimizi
    Hz. Hatice göklerden bize seslensin
    Ve desin ki

    "Bak ya Muhammed bak su sevgililere onlar bizde... bizde onlardayiz.

    Bak Askimiz birkez daha yasaniyor yer yüzünde..
    Allah Askimizi öyLe cok seviyorki binlerce insana yasatiyor..

    ئەسلى مەنبە:http://melek.blogbus.com

    分享到: