-
2010-11-19
كېلىڭلار، غەيۋەت قىلىمىز! - [ئىجادىيەتلىرىم]
ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى بەزى تىمىلارنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىم
ھەي، يەنە تۇتتى-دە، مەرەز كېسەل. زەھەر خۇمارى دەڭلار... تۇتتىمۇ، قەتئىي ئارام بەرمەيدۇ. تولغىنىمەن، زارلىنىمەن... دورىسىنى قىلماي چىدىمايمەن زادى...
خوش، شۇ تاپتا مەسلەكداشلىرىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. ئەمما، بۇ ئىپلاس يولدىمۇ ماڭا زادى ئارام بەرمەيدىغاندەك.. ئېغىزىم قىچىشىپلا تۇرىدۇ. كىمدۇر بىرىنىڭ گېپىنى قىلغۇملا بار...
ھە، ھېلىقى كىمتى؟ ئېسىمگە كەلمەيدىغۇ ئىسمى. ئىشقىلىپ كۆرەڭلا بىر نېمە. بۇرۇن مەھەللىدىكى ئەڭ تېگى پەس بىر نېمە ئىدى، ئازراق پۇل تېپىۋىدى يوق چاچلىرىنىمۇ تاراپ، چوچقىدەك سېمىز
بەدىنىگە چىڭ كەلتۈرۈپ كەستۈم-بورۇلكا كىيىپلا يۈرىدۇ... كىم بىلمەيدۇ ئۇ بىر نېمىنى؟ تېشىدا بايرام ئويناپ، ئىچىدە ماتەم قىلىدىغان بىر نېمىغۇ ئۇ. تېخى ماشىنا ئېلىۋاپتىمىش. تايىنلىق، قەرىز ئېلىپ ئالغاندۇ. خەپ، كۆزىگە بىر كۆرسىتىپ قويمىسام...توغرا، كارخانىچىمۇ پارخانىچىمۇ دەمدۇ ئۇنى. ئۇمۇ بىىرنەچچە ئېغىز ئۆي، ئاندىن ئازراق ئۈسكىنىنى تىزىۋېلىپ، ئۇيغۇرچە قىلىپ چوڭ لوزىنكىدىن بىرنى ئېسىۋېلىپ، ھەممە مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىردە ياساتقۇزۇپ، بۇ يەرگە ئەكىلىپ ۋاي يەرلىك مەھسۇلاتەي، ئۆزىمىنىڭ مەھسۇلاتىيەي دەپ پۇل تاپىدىغان قويمىچىغۇ شۇ. بۇرۇنمۇ ئۇيەردىن ئېلىپ، بۇيەردە سېتىپ قويمىچىلىك قىلىپلا يۈرىدىغان يالاڭتۆش بىر نىمىدى. ئەمدى كارخانا ئېچىۋېلىپ "كەسپى"نى كېڭەيتىۋاتىدىغۇ شۇ...
ما نايناقنىڭ كۆرەڭلىكىنى نېمە دەي؟ تاق-تاق دەسسەپ مېڭىشلىرىنى كۆرەيمۇ؟ ياراشمىسىمۇ كېيىۋالغان كىيىملىرىنىچۇ تېخى. چىرايغا بېقىپراق ئىش قىلسىمۇ بولدىغۇ. قىلىۋالغان گىرىملىرى ئادەمنىڭ غىدىقىنىلا كەلتۈرىدىغۇ. ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق سەتلەر ياسانغىلى ئامراق كېلىدۇ زادى... ئۇنىڭ ئۈستىگە شە كۆرمىگەن بىر نېمە ئۇ. ھەر قانچە ياسىنۋالغىنى بېلەن بەرىبىر.. شەھەرگە كىرىپ قالسىغۇ ئىش بار تېخى...
ھە، ھە.. كىم بىلمەيدۇ ئۇ ئوقۇتقۇچىنى. " تېشى پالپال، ئىچى غالغال" لا بىر نېمىغۇ. ئېغىزىدا ئاھ ۋەتىنىم، ئاھ مىللىتىم... دەپ جار سالغىنى بېلەن ئىچ-ئىچىدىن سېسىپ كەتكەن ئۇ. دەيدىغاننى سېغىزخاندەك سۆزلەيدۇ... ئەمەلىيەتتە بولسا ھۆپۈپنىڭ ئۆزى، "كۇش" قىلغان ئاۋازىنىلا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە تېخى شىنجاڭ مەدەنىيتى دەمدۇ بىر ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىپلا تۇرارمىش. كىم بىلىدۇ، ئاشۇ ژورنالمۇ شۇنداق لامزەللىلەرگە مەخسۇس سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىغان ئورگانمۇ.. بولمىسا ئۇنىڭغا ئوخشاشلار قانداقمۇ ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك ماقالە يازالىسۇن...
توۋا دەيمەن... ھېلىقى يوغان سەللە ۋاي ئاللاھ مۇنداق دېگەنەي، پەيغەمبىرىم ئۇنداق دېگەنەي دەپ ۋاقىراپلا يۈرىدۇ... يۇرت-جامائەت ئالدىدا ئۇنداق دېگىنى بىلەن، ئۆزى ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن كارى يوقلا خاپانباش بىر نېمە ئۇ. تېخى " جامائەتلەر، دۇنيا دېگەن بىر ئۆتەڭ، بىرنىڭ ھەقىقىي مەنزىلىمىز ئاخىرەتتە. دۇنيالىققا ئۆزىمىزنى ئۇرىۋەرمەي، ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ئويلاپ قۇيايلى " دېيىشلىرى بار. لېكىن ئۆزى ئارىمىزدىكى دۇنياغا ئەڭ ئامرىقى. پۇل، يۈز-ئابروي دېسە ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇيدۇ ئۇ قازان سەللە. بۇرۇنقىلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن، خۇددى ماڭا ئوخشاشلا. ئۇلار توغرا دەپتىكەن " موللام بىلەر، موللام قوپۇپ كۆلگە سىيەر" دەپ. ئۇنى كۆرسەملا ئەرۋاھىم مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ...
ھۇھ، ئاخىرى كەپتىمەن ئەمەتنىڭ ئۆيىگە. خۇداغا شۈكرى، ئۆيىدە باركەندە كاساپەت.
__ ھە، قانداق ئەھۋالىڭ، بەلەن تۇردۇڭمۇ ئاداش؟
__ ئۆزۈڭ كۆرگەندەك ئاداش، لېكىن ھېلىقى كېسەل يەنە قوزغىلىپ بىسەرەمجان يۈرىۋاتىمەن . سەنچۇ؟
__ مەنمۇ شۇ ئاداش، شۇڭا سېنى ئىزدەپ كېلىشىم. ۋوي، نېمە بۇ؟ كومپيوتېر دېگەن نەرسىمۇ بۇ؟ قاچان سېتىۋالدىڭ بۇنى؟
__ بىرەر ئاي بۇلاي دېدى ئاداش. ئۈلپەتداشلىرىم كەلمەيدىغان بولغاندىن بېرى بۇ نەرسە ئەڭ ياخشى ھەمراھىم بولۇپ قالدى دېگىنە. توختاپ تۇر-ھە. ھازىر كۆرىسەن كارامەتنى.__ ۋۇييۇ، ھەممىسى ئۇيغۇرچە ئىكەنغۇ. بەك بەلەن نەرسىمۇ بۇ.
__ توختاپ تۇرمامسە، كېسىلىڭگە داۋا بولىدىغان رىتسىپ تېپىپ بېرەي. ساڭا دېسەم ئاداش، مۇشۇ ئېنتىرنىت بارلىققا كەلگندىن بۇيان ئۇيغۇرچە بىرتالاي توربەتلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن بىلىك، نۇرقۇت، مىسرانىم... بۇرۇنلاردا ئادەمنىڭ ئۇقۇغىسى كەلمەيدىغان بىر نېمىلەر يوللىنىدىغان توربەتلەر ئىدى. بىرەر ئايدىن بۇيان قىززىپ كەتتى دېگىنە. نىمىشقا دېسەڭ كۆپلىگەن ئۈلپەتداشلىرىمىز ھەممىسى مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كېرىۋالدى ئەمەسمۇ. ئۇلار ئۆيىنىڭ ياكى تورخانىنىڭ بۈجەكلىرىگە كىرىۋېلىپ مۇنبەر دېگەننى غەيۋەتكە تولدۇرۋەتتى دېگىنە.
__ ھە مۇنداق دېگىنە. نەلەرگە كەتتىكىن دېسەم. پەسەندىلەر، ھەممىسى سورۇن كۆچۈرىۋاپتۇ-دە. ئاداش، ماۋۇ تېمىنى_ ئاماننىساخانغا قانداق باھا بېرىسىلەر؟ ئېچىپ باقىقىنە. ۋۇييۇ... ما كەسىپداشلارنىڭ سەۋىيسى رەسمىي ئېشىپ كېتىپتۇ. ھازىرقىلارنىڭلا ئەمەس، بۇندىن ئۈچ-تۆت يۈز يىل بۇرۇنقىلارغا باھا بىرىپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ. ھاھ..ھاھ... ما ئىنكاسقا قارا، مەندەكلا گەپ قىلىپتۇ... يەنە ماۋۇ تېمىنى، ئاۋۇ تېمىنى... ئاچە ئاداش. ھاھ..ھاھ.. ئەسلى سورۇن بۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ. نىمىشقا بۇرۇنراق دېمەيسەن؟ ئۆزۈملا قىززىتىپ قوياتتىم ئەمەسمۇ؟
__ ئەمدى قىززىتساڭمۇ ئۈلگىرىسەن. ھازىر ساڭا مۇنبەرگە ئەزا بولۇشنى ئۈگىتىپ قويىمەن. ھە، ئىسمىڭنى نېمە دەپ قويىسەن؟ غەيۋەتخور دەپ قويامسە، ھە ماقۇل... مانا تىزىملىتىش تامام. ئەمدى دورا ئىچىۋال. خالىغانچە سۆزلىۋال. بۇ يەردە ساڭا ھەمدەم بولۇپ غەيۋەت قىلىشىپ بېرىدىغانلارمۇ، سېنى تىللايدىغانلارمۇ چىقىدۇ. لېكىن سېنى ھېچكىم كۆرمىگەندىكىن كۈچىڭنىڭ بارىچە تىللايدىغاننى تىللاپ، چاپىدىغاننى چېپىپ يۈرىۋېرىسە. كېسىلىڭ قايتا قوزغالمايدۇ...
__ ۋاي، رەخمەت ساڭا ئاداش. ھازىرلا باشلاي. ۋوي ئاداش، ماۋزۇسىنى نېمە دەپ قويسام بۇلا. ئېسىمگە كەلدى. كېلىڭلار، غەيۋەت قىلىمىز دەپلا قوياي...كېلىڭلار ، غەيۋەت قىلىمىز....
كىمنىڭ دەۋەتامسىلەر، كىمنىڭ بۇلاتتى، مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغانلارنىڭ، مىللىي كارخانىچىلارنىڭ، يىتىلىۋاتقان ياشلارنىڭ، قىزلارنىڭ، ئوغۇللارنىڭ... ھەممنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز. يەنە تېخى مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، سەككاكىي، نىزارىي، نازىمىي... ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ئابدۇرۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، روزى سايىت... مەمتىمىن ھۇشۇر، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئەسئەت سۇلايمان... پەرىدە قاسىم، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئەسقەر، مەخمۇت سۇلايمان...قاتارلىقلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز. ئۇنىڭدىن ئېشىنساق بىلىك، نۇرقۇت، مىسرانىم، ئۇستاز... يەنە بىرمۇنچە شەخسى بلوگلار بار. ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىمىز...ئاق تاش، كۆك تاش،
دەيرا بويى سۈزۈك تاش
مېنىڭ بىلەن كىم ئاداش؟
غەيۋەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاداش.
قېنى، غەيۋەت قىلىدىغانلار بارمۇ؟