• 2009-04-09

    چوشقا گۈشى يىگەن ئۇيغۇرۇم! - [تەرمىلەر]

    دوستىلار ، بۇ بىر ھەقىقى بولغان ۋەقە .2009 - يىلى 3- ئاينىڭ بېشى، بىر كۈنى ئىدارىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتاتتىم ، خىزمەتدىشىم 24 ياشلاردىكى ئىككى بالىنى باشلاپ كىردى ، مەن ئۇنىڭدىن بۇلار نېمە ئىش قىپتۇ ، دەپ سورىسام يالغان گىرىم بويۇملىرى سېتىپتىكەن ، كىشلەر ئىنكاس قىلدى ، شۇڭا تۇتۇپ كەلدىم دىدى . مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ، ئارىدىن 2 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن مەن بىزنىڭ باشلىق بىلەن بىرگە ئىشخانىغا كىردىم ، بىزنىڭ باشلىق ئۇيغۇرچىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيتى ، ھەم خەتنىمۇ ئوقۇيتتى ،
    مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۇزلىرى چوقۇر باسقان بىرسىدىن «ھوي، ماياققا كېلە ، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە ؟ » دەپ سورىدىم ،
    ئۇ ئىنتايىن تەمكىن ھالدا «مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ ئەلى » دەپ جاۋاپ بەردى ،
    بىزنىڭ باشلىق خەنزۇچە : - نېمە ، سەن ئۇيغۇرمۇ ياكى خەنزۇمۇ ؟ - ۋو شى چى دا روۋ دې ۋېي زۇ . «مەن چوشقا گۆشى يەيدىغان ئۇيغۇر » دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ .
    مەن ھەيران قېلىپ سورىدىم : - ھەقىقى ئىسمىڭ نېمە ؟ قەيەردىن سەن ؟ - ھەقىقى ئىسمىم ھەزرىتى مۇھەممەت ئېلى ، قەشقەر ****** دىن . - نېمىشقا ئىسمىڭنى ۋاڭ ئەلى دەيسەن ؟ دەپ سورىدىم . - ئۇيغۇر دېگەن ئىنتايىن مۇناپىق مىللەت ، مەن ئۇيغۇر بولغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن ، شۇڭا مىللەت ئۆزگەرتەي دەپ ئىسمىمنى ۋاڭ ئەلىگە ئۆزگەرتتىم .

    باشلىق ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزدا : - ئۇيغۇر قانداق بولۇپ مۇناپىق مىللەت بولىدۇ ، مەنمۇ كىچىكىمدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولدۇم، مەن ھەجەپ بايقىماپتىمەن ، سەن نېمىشقا بۇنداق دەيسەن ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى . - مەن ئىچكىرىدە ئاچ قېلىپ سەرسان يۇرگەندە ئۇيغۇرلار مېنى ئوغرىلۇققا سالدى ، خەنزۇلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىپتىم ، ماڭا يەيدىغانغا نەرسە بەردى ،
    مەن شۇندىن كيىن ئۆچ بولۇپ كەتكەن ، مەن شۇيەردە چوشقا گۆشى يېيىشنى ئۇگەنگەن ، ھازىر داۋاملىق تامىقىمدا شۇ بار . مەن : - بۇنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى ، سەن نېمە دەپ ئىچكىرىگە بارغان ؟ ھەجەپ مەنمۇ ئىچكىرىدە تۇرۇپ چوشقا گۆشى يېمىگەن ، سەن يەپسەن ، ئىسلام دىنغا قانداق قارايسەن ؟ - ئىسلام دېگەن مېنىڭ قەلبىمدە يوق ، ئاللىبۇرۇنلا مەن دىندىن چىقىپ كەتكەن ،
    ئۇيغۇرلار ئەتىگەندىن كەچكىچە «خۇدا ، خۇدا » دەپلا يۇرگەن ، نېمە ئىش قىلسا خۇداغا باغلىۋالغان ، لېكىن خەنزۇلارنىڭ روھى ئىنتايىن ياخشى ، بەك تىرىشچان ، بىزدەك چىدىماس ، چېقىمچى ئەمەس ، ھەر كىم ئۆز ئىشى بىلەن ، ھەم تەرەققىي قىلمىغان . - سەندەكلەر بولغاچقا تەرەققىي قىلالمىدۇق ، بىكار تەلەپ ، تىرىشمايسەن يەنە تېخى ، ئۇيغۇرلار ئوسال دەيسەن ، سەن ئۇغرى ئەمەسما ؟ - مەن ئاللبۇرۇنلا مىللىتىمنى ئۆزگەرتكەن . - نېمە ئۇچۇن چوشقا گۆشى يەيسەن ؟ - باشلىق ،
    چوشقا گۆشى يېسە قانۇنغا خىلاپ ئەمەستۇ ؟ - ياق ، قانچە چوشقا يېسەڭ قانۇنغا خىلاپ ئەمەس ، لېكىن ئوغرىلاپ يېسەڭ قانۇنغا خىلاپ . نېمىشقا يەيسەن ؟ - 100 قوينى بىر ئۇيغۇر باقالايدۇ ، 1 چوشقىنى 3 ئۇيغۇر باقالمايدۇ ؟ بۇنىڭ مەنىسنى چۇشەندىڭىزمۇ ؟ مەن شۇ چوشقىدەك بولاي دەپ يېگەن . ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇچۇن يېگەن ، ئەگەر ھەممە ئۇيغۇرلار مەندەك بولسا چوقۇم تەرەققىي قىلالايتۇق . - ئاغزىڭنى يۇم مۇناپىق ، چوشقا ، ئىتنىڭ كۇچىكى . دەپ بىر نەچچىنى تىللىۋەتتىم . - ئىت گۆشى يەپ باقتىڭمۇ ؟ دەپ سورىدىم مەن . - يەپ باقتىم . -

    يەنىچۇ ؟ - چاشقان گۆشى ، ئېشەك گۆشى ، مۇشۇك گۆشى دېگەندەكلەر بولسا يەۋىرىمەن ، مەن ھازىر كۇندىلىك تامىقىمغا «خەنسەن » يەيمەن ؟ ]<خەنزۇچە تاماق>[ - سەن چوشقا گۆشى يەيمەن دەپ ئۆزۇڭمۇ چوشقىغا ئوخشاپسەن، شۇنداق كۆرۇمسىز ، ھەم چوشقىدەك دۆت بولۇپ كېتىپسەن ؟ - نېمە ئۇچۇن ئىسلام دىنىغا شۇنچە ئۆچلۇك قىلىسەن ؟ - مەن دىنغا ئىشەنمەيمەن ، ئىسلام دىنى بىر مۇناپىق دىن ، دۇنيادا شۇنچە مۇسۇلمان تۇرۇپ كۇندە دىگۇدەك بىر -بىرىنى قىرىشىدۇ ، يەنە تېخى قالاق ، تەرەققىي قىلمىغان ، ئۆزۇمنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىمغا شۇنچىلىك ئۆكۇنىمەن ، كېيىن چوقۇم خەنزۇ خوتۇن ئىلىپ بالىلىرىمنى دىنسىز قىلىپ تەربىيلەيمەن . - ئاتا - ئاناڭچۇ ؟ - ئۇلار مەندىن يۇز ئۆرۇگەن، كۆرۇشمىگىلى 2 يىل بولدى . - سېغىندىڭمۇ ؟ - ياق ، مەن بارسام ئۇ يەردىن چوشقا گۆشى تېپىلمايدۇ . نەق شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا كېپىل بولغۇچى شەندۇڭلۇق بىرسى كەلدى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن جىق سىرداشتىم ، قىزىق يېرى شۇكى، بۇ كىشى تۇڭگان ئەزەلدىن خەنسەن <خەنزۇچە تاماق> يېمەيدىگەن ، بۇ بالا بۇنىڭغا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن ، بىر نەچچە قېتىم خەنزۇ ئاشخانىلاردىن تاماق يېگەندە تۇتىۋىلىپ ئازراق تەنبىھ بېرىپتۇ، لېكىن ئۆزگەرمەپتۇ . كېيىن بۇ بالىنىڭ گەپلىرى بىزنىڭ مىللى باشلىقلارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى ، ھەممىسى بىر قېتىمدىن كۆرۇپ سۆزلەشتى ۋە ياقىسىنى چىشلەپ كېتىپ قىلىشتى ،. بۇ بالىنىڭ گەپلىرىنى تولۇق يازسام سىلەر چوقۇم كومپيوتۇرنى چېقىۋېتىپ قوپىسىلەر ، بەك مۇناپىق گەپلار ، بىز ئۇيغۇرلار دېگەننى ۋە باققان مىھرىبان ئاتا - ئانىسىنى (ئاتا - ئانىسى يىزىسىدا دىھقان ئىكەن ) بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋەتتى. <باشقىلارنىڭ ئالدىدا > ، مەن نىمە قىلىشمنى بىلمەي ئاچىچىغىمدا بىر نەچچە كاچات ئۇرۇۋەتتىم ، كېيىن بىزنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر باشلىق كىرىپ ئىككى ئىغىز گېپىنى ئاڭلا- ئاڭلىمايلا ماڭا قاراپ : - ھوي ، قارا ماۋۇ تۇزكور مۇناپىقنى، دەرھال ئاپىرىپ سولا ، كۆزۇم كۆرمىسۇن ماۋۇ ھايۋاننى، دەپلا چىقىپ كەتتى . ئۇنى ئېلىپ چىقىپ قاماپ قويدۇق ، لېكىن ئەتىسى ئامال يوق قويۇپ بەردۇق ، مەن ئۇنى قويۇپ بېرىشىمگىلا ئۇ بىزدىن 35 مىتىر يىراقلىقتىكى«خۇڭ تەيياڭ» ئاشخانىسىغا يۇگەردى ، ھەم ماڭا قاراپ : - باشلىق ئاكا يۇرۇڭە ، تاماق يەيلى . مەن ئۇنى نېمە قىلاي، تىللايمۇ ياكى ئۇرايمۇ ؟! ئىچىمدە دىدىم:« توۋا مىللىتىم» .

    مەنبە : پۇقرا تورى

     

    分享到:

    评论

  • 真的不像维族人了。太可惜了。
  • ئۇ ئىمانسىز دىنسىز چۇشقا ئۆلگۇر مۇناپىق ...ئىسمىنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتىۋەتسىچۇ .
  • ھەي نىمە دېگۈلۈك؟ راستالا ئۇيغۇرلاردا ئىمان، ئەقىدە دەيدىغانغانلار يوقاپلا كەتتى.......باشقىلارنى دورىغىسى كەپقالغانلارغاب دەيدىغىنىمىز "يول بولسۇن" ئەمما زىيان تارتىدىغانلقىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ