-
2013-05-28
ئۇر تۇقماق (21-ئەسىر ۋارىيانتى) - [ئىجادىيەتلىرىم]
بۇرۇن بۇرۇندىكەن، بۇندىن ئۇزاق ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، قاغا قاقىلدىشى، سېغىسخان ۋاتىلدىشى،يولۋاس سۈر-ھەيۋسى، تۈلكە قۇۋلىقى، بۇلبۇل چىرايلىق ناۋاسى، توز سەتەڭ قامىتى، بۈركۈت ئۆتكۈر كۆزى بىلەن داڭقى چاڭ كەتكەن مەزگىللەردە، تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدە چەتراق بىر جايدا ياشانغان بىر جۈپلەر تورمۇشتىن ۋايسىماي، ئۆز-ئارا سوقۇشماي ئىجىل-ئىناق تورمۇش كەچۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ دۇنيالىقتا بىر تۈپ چوڭ ئۆچەك جىگىدىسى بار ئىكەن. بۇ قەدىردانلار مۇشۇ جىگدىگە تايىنىپ تورمۇش كەچۈرىدىكەن. كۈنلە رئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ قاغىشتەككۈر قاغىلار بۇ نىئمەتكە كۆز قىزارتىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قاغىلارنىڭ پەسكەش خاقانى ۋەزىرلىرىنىڭ مەسلەھىتىنى ئالماستىنلا بۇجىگدىگە پوق پۇتلىرىنى تەگكۈزۈپتۇ. خېلى ۋاقىت بۇ تەييار نىئمەتتىن بولۇشىغۇچە ھوزۇرلىنىپتۇ. ئەمما، ئەقىللىق بوۋاي بۇنى سىزىپ قاپتۇ. بۇرۇنراق ئامال قىلمىسا دۇنيالىقتىكى بۇ نىئمىتىدىن تەخىرسىز مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ-دە،ناھايىتى ئەپچىل ئامال بىلەن قاغىلار خاقانىنى تۇتىۋاپتۇ. پەسكەش خاقان ئۆز جېنىنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ بوۋايغا ناھايىتى ئوزاق زامانلار ئىلگىرى بوۋاينىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئوغىرلاپ كەتكەن ئۈچ ئەڭگۈشتەرنى بېرىشكە ۋەدە قىلىپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل كۆرۈپتۇ، ھەمدە ئۈچ ئەڭگۈشتەرنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن قاغىنى قويۇپ بېرىپتۇ. ئۆيىگە قايتىش يولىدا ھەرخىل ئەزىيەتلەرگە ئۇچىراپتۇ. ھەتتا ئۆزى بىلەن مىللەتداش، مەسلەكداش بولغان ئادەملەرمۇ بۇ ئەڭگۈشتەرلەرگە قارا قوللىرىنى سوزۇشۇپ، ئۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى بىر ئۆزىنىڭلا قىلىۋېلىشماقچىمۇ بولىشىپتۇ. " قارا نىيەتنىڭ قازىنى تۆشۈك " دەپ راست ئېيتىپتىكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز، ئۇلار مەقسىدىگە يىتەلمەپتۇ. بوۋاي ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يېراق-يېقىندىكى ئۇرۇق-توققان، دوست-يارەنلىرىنى چاقىرىپ ئۈچ ئەڭگۈشتەرنىڭ بەرىكىتىدىن تەڭ ھوزۇرلىنىپتۇ. بۇ خەۋەر شۇ چاغدىكى ئەل باشىنىڭ قۇلىقىغا ھەم يىتىپتۇ. ئەل باشى بۇنى شەخسى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولۇپتۇ، " نەپسانىيەتچى قانچىلىك مەرتىۋىلىك،ھوقۇقلۇق بوپ كەتسۇن ھامان ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولايدۇ " دەپ راست ئېيتقان ئىكەن ئاقىلار. ئۇمۇ شۇم نىيىتىگە يىتەلمەپتۇ. بوۋاي قېرىنداشلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ياشاپ ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىپتۇ. ئۈچ گۆھەرنى بولسا ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدۇرۇپتۇ.
ئەلقىسسە، يەنە ئۇزاق زامانلار ئۆتۈپتۇ، قاغا قاقىلدىشىدىن، سېغىزخان ۋاتىلدىشىدىن، تۈلكە خۇشامەتچى،ئىككى يۈزلۈمىچىلىكىدىن قالماپتۇ. ئەكسىچە، پۈتۈن ئىقلىمنى قاغا-سېغىسخانلارنىڭ ئاۋازى بىر ئاپتۇ. تۈلكە ھەر يەرلەرگە قاتراپ، ئىلگىرىكى «ئۆز ئىنىگە ئۈرمەيدىغان»بىردىن-بىر ياخشى ئادىتىنىمۇ تاشلاپ ئۆز ئىنىگە ئۈرۈپ، نۆۋىتى كەلسە ئۆزقېرىنداشلىرىنىمۇ سېتىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بوپتۇ. بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى يوق ئەمەس بار. ئەمما قاقىلدايدىغان قاغىلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن.
ئەمدى گەپنى بوۋاينىڭ ئۇزاق يىللاردىن كېينكى ئەۋلاتلىرىدىن ئاڭلايلى:
بوۋاي ئۇ دۇنياغا سەپەرقىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى خېلى مەزگىل ئۆم-ئىناق، ئاسايىشلىق تورمۇش كەچۈرىپتۇ. ئۇلار بوۋاي قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭگۈشتەرلەرگە ئەمەس، بىر جۈپ ئىشچان قوللىرىغا تايىنىپ تارىخ بەتلىرىگە شانلىق سەھىپىلەرنى قالدۇرۇپتۇ. تالاي ئايلار،تالاي يىللار ئۆتۈپتۇ. ھەر خىل سەۋەبلەردىن كۆرە بۇ باياشات ئەلگە نادانلىق قاراسايىسىنى تاشلاپتۇ. كىشىلەر ئىشچانلىقىدىن قېلىپ، شاراپ-تاماكا، ناخشا-ئوسۇل....بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. ئارىدا تالاي ئالىملار چىقىپ «كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلارئەزىزلىرىم!» دەپ خىتاپ قىلغان بولسىمۇ ئۇ گەپلەرنى كىشىلەر پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويۇشماي، ياكى ياخشى سۆزلەر بولۇنغان سورۇنلاردا «خوش، ئىنشائاللا» دېيىشىپ قويۇشۇپ، سورۇن تارقاپ تېخى ئۆيلىرىگە قايتماي تۇرۇپلا يەنە بۇرۇنقى سەنەمىگە قىڭغىر دەسسەپ كېتىۋىرىدىكەن. كېيىنچە چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتقان نادان خەلق ئۆز ئالىملىرىنى كۆزىچىلا ھاقارەتلەيدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ. ھەتتا، نەچچە ئالىم نادان قېرىنداشلىرىنىڭ زەھەرلىك قولىدا ئارمانسىز ئۇ دۇنياغا كېتىشىپتۇ. تىلى،دىنى، مىللىتى، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەزەلدىن بىر بولغان بۇ خەلق نادانلىق ئاسارىتىدا قايتىدىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشكە يۈزلۈنۈپتۇ.
ھالا، ئاردىن يەنە يېرىم ئەسىردەك ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئورۇنلار ئالمىشىپتۇ، پۇلدارلار پۇلسىزلارغا،مالايلار ھۆكۈمدارلارغا ئايلىنىپتۇ. سەرراپلار ئالتۇنلىرىدىن، مالدارلار ماللىرىرىدىن ئايرىلىپتۇ. بەزىلرىدىن ئىمان قېچىپتۇ، بەزىلىرىدىن غۇرۇر-ۋىجدان قېچىپتۇ. ئەمما بوۋىلار توغرا ئېيتىپتىكەن:« غاقىلار قانچىلىك كۆپىيىپ كەتسۇن،يەنىلا قەۋم-قېرىداشلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان كىشىلەر ھەر ۋاقىتچىقىپ تۇرىدۇ»دەپ، ئەنە شۇنداق مىھنەتسىز ئەزىمەتلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقىپتۇ.
ئەلقىسىسە، پىژغىرىم يازكۈنلىرىنىڭ بىرى ئەمدىلا ئوقۇشلىرىنى تاماملاپ ئائىلىسىگە قايتىشقان ئۈچ ياش ئۆز ئۆيلىرىدە ھاۋا تەڭشۈگۈچ ئاستىدا سالقىندىغىنىچە بىرى تاماكىسىنى توغرا چىشلەپ،بىرى كىتابىنى ۋاراقلاپ.... ئولتۇرغىنىدا ئاتا-ئانىلىرى كېرىپ ئۇلارغا " كۈن بويىمۇشۇندا ئولتىۋىرەمسەن، ھوي؟ چۆچەكلەردىكى ‹ئېچىل داستىخان› بىزنىڭ ئۆيىمىزدە باردەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ تۇر، بىر ئىش تېپىپقىل " دەپ كايىپ كىتىپتۇ. يىگىتلەر ئاتا-ئانىلىرىغا ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كېيىن ئېرىنچەكلىك بىلەن كومپيۇتېرلىنى قوزغۇتۇپ توردىن خىزمەت ئۇچۇرى ئىزدىمەكچى بولۇشۇپتۇ. ئۇلار كومپيۇتېرلىرىنى ئېچىپ خىزمەت ئۇچۇرىنى ئۇنتۇپ، قېنىدا بولغان ۋە ئوقۇش جەريانىدا ئۆگەنگەن قىززىق قانلىقى بىلەن توردىكى تالاش- تارتىلىشلارغا بېشىچە كىرىپ كېتىپتۇ. تالاش-تارتىش قىززىپ، قېرىنداشلار بىر-بىرىنىڭ بېشىغا تەنە-ئاھانەت، ھاقارەت-تۆھمەت ئوقلىرىنى تازا ياغدۇرۋاتقان پەيتتە ئاتا-ئانىلىرى كېرىپ قېلىپ يەنە كايىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىز قىززىق سورۇننى تاشلاپ خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن سىرتقا مېڭىپتۇ. ئۈچ يىگىت ئۈچ مەنزىلدىن چىقىشىپ، ماڭا-ماڭا بىر مەنزىل-قاۋاقخانىدا ئۇچرىشىپ قاپتۇ. ئۈچ دەرتمەننىڭ پاراڭلىرى باشلىنىپتۇ:
ئا: 10 نەچچە يىل ئوقۇپتىمەن،ئاخىرى نېمىگە ئىرىشتىم؟ تاپا-تەنىگە. مەكتەپلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلپەرۋەرلىك تەربىيسىنىمۇ خېلى ئۆگەنگەن ئىدىم. خەلقىم ئۈچۈنمۇ ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم.
ب: ھەي، نېمىسىنى دەيسىلە؟ مەنمۇ ئاتا-ئانامدىن گەپ ئاڭلاپ، توردا بولىۋاتقان قىززىق پاراڭلارنى تاشلاپ قويۇپ خىزمەت ئىزدەپ چىقتىم ئۆيدىن. نەدىكى خىزمەت. مانا بۇ يەردە ئولتۇرۇپتىمەن. ئۆيدە ئولتۇرغان بولسام ھېچ بولمىسا تورداشلار بىلەن تالاش-تارتىشىپ ئېچ-پۇشىقىم چېقىپ قالار ئىدى.
س: ھالىمىز ئوخشاش ئىكەن.ھاي، يىگىتلەر تۇرۇپ كاللامغا بىر ئوي كېلىۋاتىدۇ. دادام بايام ‹ئېچىل داستىخان›دېگەندەك قىلدى. ئويلاپ بېقىڭلار، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئەجدادلىرىرىمىزدىن بىرى ‹ ئېچىل داستىخان، ئالتۇن تىزەكلەيدىغان ئىشەك، ۋە ئۇر توقماق›تىن ئىبارەت بورۇنلا بىزگە تەۋە بولغان ئەڭگۈشتەرلەرنى قاغىلار پادىشاھلىقىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئىكەن. كېينچە بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى نەۋرىلىگە مىراس قالدۇرۇپ ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالغان ئىكەن.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بوۋاينىڭ نەۋرىلىرى قارنىيەت كىشىلەرنىڭ بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى ئۆزىنىڭ قېلىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە يۇشۇرۇپ قويغانمىش. ئاشۇ ئەڭگۈشتەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ قالساق، بىزمۇ باياشات ياشاپ،ئاتا-ئانىلىرىمىزنى رازى قىلىپلا قالماي، يەنە خەلقىمىزگىمۇ ئازراق ئىش قىلىپ بېرەلۈگىدەكمىز. بۇيەردە ئاچچىق شاراپقا ئۆزىمىزنى ئورۇپ ئولتۇرماي ئەڭگۈشتەرلنى ئىزدەپ باقامدۇق يا؟ بىلىشىمچە ئۇ ئەڭگۈشتەرلەر خوتەندىكى قايسى بىر خارابىلىققا يوشۇرۇلغانمىش. ئىلغار ئۈسكىنىلەر بولغاندىكىن ئاسانلا تاپالايمىز، قانداق دېدىم؟
ئا بىلەن ب يىگىت بېشىنى قاشلىغاچ س يىگىتنىڭ پىكىرىگە قوشۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىغا بىرنىمىلەرنى دەپ يۈرۈپ ئۇلاردىن پۇل ئېلىپ ماشىنىدىن بىرنى ئىجارە ئاپتۇ-دە،تەكلىماكانغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. يىگىتلەر ماشىنىدا يۈرۈپتۇ،يۈرۈپتۇ، يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. يولدا ماشىنىسى كاردىن چىقىپ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ تۆگىلىرىنى سوراپ مەنزىلىگە قاراپ مېڭىۋىرىپتۇ. چەكسىز قۇملۇقتا ئۇلارنى قۇياش چېقىپتۇ. بوران خۇددى ئۇلارنى ئارقىغا ياندۇرماقچى بولغاندەك قاتتىق چىقىپتۇ. ئەمما يېگىتلەر شىرىن خىياللار قوينىدا بوران-چاپقۇنلارغا باش ئەگمەي يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەلقىسسە، بىر ھەپتە ماڭغاندىن كېيىن تاللا بازىرىدىن ئېلىۋالغان تاتلىق-تۈرۈم، گازلىق ئېچىملىكلىرى تۈگەي دېگەندە كۆزلىگەن مەنزىلىگە يېتىپ كەپتۇ. بۇلۇتلار يىگىتلەرنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىزلاردىن ئىچكەن سۇلىرىنى تۆكۈپتۇ. يىگىتلەر تېخىمۇ روھلىنىپ ئۈچ ئەڭگۈشتەرنى ئىزدەشنى باشلاپتۇ. ئىزدەپتۇ، ئىزدەپتۇ. دۆڭلۈكلەر تۈزلىنىپ،تۈزلەڭلىكلەر دۆڭگە ئايلىنىپتۇ. ئاخىرى بىر يىگىتنىڭ "ئۇھ، شۈكرى" دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. يىگىتلەرنىڭ قوللىرى ئىشتىن توختاپ، كۆزلىرى چەكچىيىپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ب يىگىتنىڭ قولىدا تۇرغان قېلىن كونا رەختكە قاراپ قېتىپلا قېلىشپتۇ.ئاخىرى ب يىگىت غەيرىتىنى يىغىپ " ئې....چىل داس...تىخىنىم ئېچىل " دەپتۇ. ھېچ سادا يوق, يىگىت يەنە تەكرارلاپتۇ. يەنە سادا يوق..... يىگىتلەرنىڭ بېشى ساڭگىلاپ، چوڭ ئېچىلغان كۆزلىرى قايتىدىن قاراڭغۇلىشىپتۇ. " ئەمەسكەن، يەنە ئىزدەپ باقايلى " دەپتۇ س يىگىت ئېزەلمىلىك بىلەن. ئۇلار يەنە ئىزدەپتۇ. ئاخىرى ئا يىگىت ‹ئېچىلداستىخان›نى، ب يىگىت ‹ئالتۇن تىزەكلەيدىغان ئىشەك›نى، ( ب يىگىت ھېرىپ ئۆلەيدېگەندە قۇملۇقنىڭ قايسىدۇر بىر تەرىپىدىن بىر ئىشەك ھاڭرىغىنىچە چىقىپ كەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ب يىگىت بۇ ئەڭگۈشتەرنىڭ قېدىرىپ تاپقۇچىسى بوپتۇ)، س يىگىت بولسا‹ئۇرتوقماق›نى ئىزدەپ تېپىپتۇ. ئۇلار قۇلىدىكى ئەڭگۈشتەرلەرگە قاراپ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كېتىپتۇكى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە بىرگە كېلىشكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇشۇپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن ئۇلار ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىدىن ئېسىنى تېپىشىپ قورساقلىرىنىڭ كوكىراپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشپتۇ. ب،س يىگىتنىڭ ۋە ئىشەكنىڭ كۆزى ئا يىگىتنىڭ قولىدىكى داستىخانغا چۈشۈپتۇ.
ب يىگىت: ئاداش ھوي، قورساق ئېچىپ كەتتى، بولە تىز! ئىسىل نازۇ- نىئمەتلەردىن كەلتۈر.
س يىگىت: شۇ تىز بولۇڭلا! ئىشەكنىڭمۇ قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ئاڭلاڭشلارغا قارىغان ئىشەكنىڭ قورسىقى بىر قېتىم ئېچىپ ئۆتۈپ كەتسە بىر يىلغىچە سېرىق ئالتۇن ئەمەس، قارا ئالتۇن تىزەكلەرمىش. تىز بولۇڭلا،، ئەمگىكىم يەردە قالمىسۇن.
ئا يىگىت: ھوي نېمە دىيىشىسە! ئەڭگۈشتەرنى مەن تاپتىم، تولا ماڭا بۇيرۇق سوقۇشماي ئۆزەڭنى بىلىپ تۇرىشە! ئاچلىقتىن ئۆلىشىسە بىكا!
س يىگىت ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىپتۇ ۋە كونا تولۇمدىكى توخماقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ " ئادوش، توخماقنى چاقىرامدىمە يا؟ " دەپتۇ يەرگە بىرنى تۈكىرىۋېتىپ.
ئىشەكنىڭ ھاڭرىشى ئۇلارنىڭ قان ھىدى كېلىۋاتقان پاراڭلىرىنى بۆلىۋېتىپتۇ. سەل ئەقلىگە كەلگەن بيىگىت دەپتۇ:
ئاغىنىلەر، ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى، ئۆيدىكى تەييار ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن، قىززىق تور ئويۇنلىرىدىن ۋاز كىچىپ،مىڭ-بىر مۇشاقەتتە بۇ يەرگە كەلدۇق. يەنە ساق-سالامەت قايتمىساق بولماس. تېخى تۆگىلىرىنى بىزگە بىرىپ تۇرغان كىشىلەرگە رەخمەت ئېيتمىساقمۇ بولماس. خەلقىمىزگىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولۇشقان ئىدۇق، ئۇنتۇپ قالمايلى.
ئۈچ يىگىت ئىچىدە ئۆزئالدىغا چوت سوقۇشۇپ، بىر-بىرىگە قاراپ باش لىڭىشتىپتۇ. ئا يىگىت تۆت تال " شارچە ئالتۇن " بەدىلىگە ئىسىل تائاملارنى ھازىرلاشقا قوشىلىپتۇ. س يىگىت مەھەللىگە قايتقاندىن كېيىن پارىخور-پومىچىكلارنى تازا دۇمبالاپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئىككى تال زىقچا ئالتۇننى ب يىگىتكە قايتۇرىدىغانلىق توغرىسىدا ۋەدە قىلىپتۇ. يىگىتلەر داستىخاننى قۇم ئۈستىگە قويۇپتۇ. ئاندىن داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتىرىشىپتۇ. ياندا تۇرغان ئىشەك بۇلارغا ھەيران قالغاندەك قۇيرۇقلىرىنى شىپپاڭلاتقانچە يىگىتلەرنىڭ ئارقىسىغا سوڭدىشىپتۇ.
" ئېچىل داستىخىنىم ئېچىل!دۇنيادىكى ئەڭ يىيىشلىك تائاملاردىن كەلتۈر! "
خۇددى ھەممە نەرسە ئۆز ئورنىدا قېتىپ قالغاندەك ئەتراپنى جىمجىتلىق بېسىپتۇ. پىيۇڭ،پىيۇڭ...............مانا كارامەت دېگەن! داستىخان ئاسمانغا شۇنچىلىك تىزلىك بىلەن ئۆرلەپتۇكى، يىگىتلەرنىڭ باشلىرى تېلىپ ئارقىسىغا ياقاپ چۈشەي دېگەندە داستىخان ئۇلارنىڭ ئالدىدا قايتىدىن زاھىر بوپتۇ. يىگىتلەر قارىسا داستىخاندا چوڭ بىر نان،ۋە بىر چەينەك چاي تۇرغۇدەك. س يىگىتنىڭ قاپىقى تۈرىلىپتۇ. ئا يىگىت يەنە قايتىدىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ:
" داستىرخانىم، ئەڭ ئىسىل تائاملارنى كەلتۈر! ئەڭ ئىسىل ئىچىملىكلەرنى كەلتۈر! "
بۇ قېتىم داستىرخاندا ئوخشاشلا ھور ئۆرلەپ تۇغان بىر چوڭ ياغ نان بىلەن بىر چەينەك ئىسسىق چاي زاھىربولۇپتۇ.
" نىمىشبۇ؟ مۇشۇ ما ئەڭ ئسىل تائام، ئەڭ ئىسىل ئىچىملىك؟ سادىغان كىتەي، ئىلگىرى دائىم تاللا بازارلىرىدىن ئېلىپ يەيدىغان، زاۋاۇتلاردا چىرايلىق ئورالغان ھەم تاتلىق ھەم يۇمشاش يىمىشلەردىن بولسىچۇ. قىزىل،ئاق ھاراققۇ يوق! شىنجاڭ پىۋىسىدىن بىر بوتولكا كەلتۈرسىچۇ كاشكى! " دەپ كايىپ كېتىپتۇ ب يىگىت.
ئا يىگىت بوينىنى قىسىپ قويۇپ تەكرار بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. يەنىلا ئوخشاش. ئامال قانچە، ئۇلار بىر-بىرىگە مەيۈس قارىشىپ قويۇپ، بىر چىشلەمدە چايدىن بىر ئوتلاپ قورسىقىنى تويغۇزۇشۇپ، ئېشىپ قالغىنىنى زەردە بىلەن ئىشەككە تاشلاپ بىرىپتۇ. ئاي-ھاي، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان سامان-قۇمۇچلا يەپ كەلگەن ئىشەك خۇددى بىر چارەك قۇناق ئۇچرىغاندەك قالغان ناننى ئىشتىھا بىلەن يەپ تۈگىتىپتۇ.
يىگىتلەر تۇرۇپ داستىخانغا تۇرۇپ ئىشەككە مەيۈسلىنىپ قاراۋاتاتتى. ئىشەكمۇ خۇددى ئۇلارغا جۆر بولغاندەك بېشسىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئىدى.
" رىۋايەتلەردىكى داستىخاننىمۇ كۆردۇق. ما يېغىر ئىشەكننىڭ كارامىتىمۇ تايىنلىقتەك قىلىدۇ. " دەپتۇ ب يىگىت ئىشككە چوڭ بىر چەكچىيىۋېتىپ.
" ئاغىزىڭلىنى ئۈشۈتمەيتۇرۇڭلا، كۆرىمىز ھازىر. " دەپ ئاچچىقلىنىپتۇ ب يىگىت.
ب يىگىت تۈپ-تۈز بىر يەرنى تېپىپ ئۈستىدىكى قۇرۇپ قاخشال بوپ كەتكەن توغراق-يۇلغۇن شاخلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ سۈپۈرگەندەك پاكىزلاپتۇ. ئاندىن ئىشەكنى بوينىدىن يىتىلەپ شۇ يەرگە ئېلىپ كەپتۇ.ئىشەكنىڭ بويۇنلىرىنى سىلاپ، قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلاپتۇ. ئىشەك خۇددى بۇ شىۋىرلاشلارنى چۈشەنگەندەك ۋە " مەن تەييار بولدۇم، غۇجام! قېنى بۇيرۇق بەرسىلە " دېگەندەك قۇلىقىنى دىڭ قىلىپتۇ.
" ئەي، جانىۋار! قېنى كارامىتىڭنى زاھىر قىل! ساپ-سېرىق شارچە ئالتۇنلىرڭىنى بىز جاپاكەشلەردىن يوشۇرما! قېنى، ئالتۇن ساڭقا، ئېشەك! "
ب يىگىت خۇددى ئاددى پۇقراغا بۇيرۇق چۈشۈرىۋاتقان باشلىققا ئوخشاش ئىشەككە بۇيرۇق سوقۇپتۇ.
يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرى ئىشەكنىڭ ئارقىسىغا تاشلىنىپتۇ. ئىشەك خۇددى ئۇيىلىپ كەتكەندەك قۇيرىقىنى شىپاڭلىتىپ قويۇپ توختاپ قاپتۇ. ئارىدىن خېلى ئۆتۈپتۇ. ئىشەك قۇيرۇقىنى شىپاڭلاتقانچە تۇرىۋېرىپتۇ. يىگىتلەرنىڭ كۆزىمۇ تېلىشىپتۇ.
" ئىشەكنىڭ قورسىقى ئاچ ئوخشايدۇ. يەنە كىلىپ بۇ يەردە چەتئەلنىڭ ئىسىل پاياندازلىرىغۇ يوق! ھېچ بولمىسا خوتەن گىلىمى بولسىچۇ، ئاستىغا سەپبەرسەك. ئاداش، داستىخاننى يەنە بىر ئېچىپ باقە، ياخشىراق يىمىشلىك چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. " دەپتۇ ب يىگىت بېشىنى قاشلاپ قويۇپ.
ئا يىگىت داستىخاننى خوشياقمىغاندەك يەرگە قويۇپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. بىردەمدىن كېيىن داستىخاندا ئەمدىلا تۇنۇردىن قۇمۇرۇلغان بىر زاغرا نان زاھىر بوپتۇ. س يىگىت ھازىر كىشىلەر دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلىۋاتقان بۇ تەۋەررۈك نانغا ئەڭ ئۆچ ئىكەن. ئۇنىڭ شۇنداق ئۇغۇسى قايناپتۇكى، چالۋاقاپلا كېتىپتۇ. شۇ ئاچچىغىدا تولۇمنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپتۇ-دە، توقماققا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ: " ئۇر توقمۇقۇم ئۇر! ئا ئەبجىقى چىقىپكەتكەن كونا لاتىنى كۆزدىن يوقات! "
توقماق ئاجايىپ ھەيۋە بىلەن كۆككە كۈتۈرلۈپتۇ-دە، داستىخاننىڭ ئۈستىگە باشقۇرىلىدىغان بومبىدەكلا شىدەدەت بىلەن تاشلىنىپتۇ. تۇقماق بىر زەربە بىلەنلا داستىخاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ تاشلاپتۇ. ئا يىگىت بۇنىڭغا چىدىماپتۇ.
" ھەي، پىت! داستىخاننى مەن تاپقان تۇرسام، ساڭا نىم دەز كەتتى؟ داستىخاندىكى نەرسىلەر ھېلىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن باشلاپ ئىستىمال قىلىپ كەلگەن ھالال يىمەكلىكلەر. سېنىڭ تويماس كۆڭلۈڭگە ياقمىسا ھەممىنى كۆزدىن يوق قىلماقچى بولىسەن. ئاشۇ نان بولمىغان بولسا بۇ ۋاقىتقىچە ئاللىقاچان ئۆلۈپ، يەنە بىر دۇنيادا نېمىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭ! ھۇ رەزگى، داستىخانىمنى تۆلە! "
ئا يىگىت س يىگىتكە ساراڭلارچە ئۆزىنى ئېتىپتۇ. س يىگىت چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تۇقماققا قايتا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ: " ماۋۇ كونىلىقتەرەپدارىنى كۆزدىن يوق قىل، توقمىقىم! "
تۇقماق ئەمدى ئا يىگىتكە قاراپ ئېتىلىپتۇ. ئا يىگىت قېچىپ يۈرۈپ تۇقماقتىن بولىشىغىچە تاياق يەپ ھالىدىن كېتىپتۇ. ب يىگىت س يىگىتكە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ تۇقماقنى توختىپ قويۇپتۇ.
" تولا، لامزەللىلىك قىلماي ئىشىكىڭگە بۇيرۇق قىل! بىكار سەنمۇ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرىسە ھېلى! " دەپتۇ س يىگىت قان تولغان ھارغىن كۆزلىرىنى پاقىرىتىپ.
" ئىشىكىم، سەندىن ئۆتىنەي، ماڭىمۇ ئۆزەڭگىمۇ قىلما! كاراماتىڭنى كۆرسەت تىز، ئالتۇن تىزەكلە، ئىشەك! " دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ ب يىگىت يىغا ئارىلاش.
ئىشەك مىدىر-سىدىر قىلماي تۇرىۋىرىپتۇ. ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىگەن س يىگىت تۇقماققا يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. تۇقماق چاقماق تىزلىكىدە ئىشەكنى زەردە بىلەن بىرنى ساپتۇكى، ئىشەكنىڭ بىلى مۈكچىيىپ، قورسىقى يەرگە تىگىپ قاپتۇ. ئاندىن ئىنجىقلاپ تۇرۇپ 5-4 تال تىزەكلەپتۇ. كۈن نۇرىدا يالتىرىغان تىزەك ھاردۇق باسقان يىگىتلەرگە خۇددى ئالتۇندەكلا كۆرىنىپ كېتىپتۇ. يىگىتلەر خۇشال بولۇشۇپ ئۆزىنى ئىشەكنىڭ ئاستىغا ئېتىپتۇ. قارىسا "شارچە ئالتۇن" ئەمەس، ئىسسىق تېزەك! س يىگىتنىڭ يۇمىغىلى خېلى بوپ قالغان قاسماق چاچلىرى تىك تۇرۇپتۇ.
" ئۇر تۇقماق! ماۋۇ قوتۇر ئىشەكنى كۆزدىن يۇقات! " دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ س يىگىت ئۆزىنى كاچاتلاپ.
تۇقماق ئىشەكنى ساۋداشقا باشلاپتۇ. ئا يىگىت بولسا ب يىگىتكە تاشلىنىپ ئۇنى ئاستىغا بېسىۋاپتۇ ۋە گېلىنى سىقىپ تۇرۇپ تۇقماقنى توختىۋېلىشنى ئېيتىپتۇ. تىنالماي يۈزى ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتكەن يىگىت ئاغىزىنى ئاران مىدىرلىتىپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپۇ. توقماق ب يىگىتنىڭ يېنىغىلا چۈشۈپتۇ. ب يىگىت چاققانلىق بىلەن تۇقماقنى ئېلىۋاپتتۇ.
بۇياققا قارىسا ئۈچ گۆھەر ئاچچىقى، ئۇياققا قارىسا تالاش-تارتىش، مەنمەنلىك ئاچچىقىدا ھالسىزلانغان يىگىتلە رقۇم ئۈستىدە يېتىشىپ، بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ.
" ئەمدە بولدىمۇ، داستىخانمۇ يوق بولدى. يەيدىغان نەرسىدىنمۇ ئايرىلدۇق. ھەممىنى قىلغان سەن بەرەز. " دەپتۇ ئەمدى ھوشىغا كەلگەن ئا يىگىت س يىگىتنى قاراپ.
" خوپ بولدى مانا! ھەممىدىن ئايرىلدۇق. ئىشىكىمىزمۇ ئۆلدى. ئۆيىمىزگە قانداق قايتىمىز ئەمدى؟ ئاتا-ئانىمىزدىن،دوست-يارەنلىرىمىزدىن، قىززىق تور ئويانلىرى، پات-پات قىززىپ قويىدىغان ئايىغى چىماس تور مۇنازىرىلىرىدىن....ھەممىدىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. سەن لەنەتكەردى، ئىشەكنى ساق قويغان بولساڭ، ئادەم بار يەرگە بېرىۋېلىشتا ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بار ئىدى.نەدىنمۇ ئاپىرىدە بوپ قولغان بولغىيتتىڭ؟ بۇيەگىمۇ ئۆزۈڭ ئېلىپ كەلگەنتىڭ بىزنى،ئەمدى ئۆلىدىغان بولدۇق. " دەپتۇ ب يىگىتمۇ س يىگىتكە ئالىيىپ تۇرۇپ.
" مەن نېمە قىپتىمە ھەقاسىڭغا؟ ھەقاسىڭنى پۇت-قۇلاڭنى باغلاپ ئېلىپ كەمىدىم بۇيەرگە. ئۆز پۇتۇڭ بىلەن كېلىشتىڭ. كۆڭلۈمگە ياقىمىغادىكىن نېمە بولسا بۇزۇپ تاشلايمە، تىللايمە،ئۇرىمە.... قانداق قىلىشاتتىڭ. گەپ قىلمىسام ئۆزىچە قايناپلا كېتىۋاتىشەنغۇ، ھارامتۈكلەر!.." دەپتۇ بىر كۆزى توقماقتا بىر كۆزى ئىككى يىگىتكە تىكىلگەن س يىگىت.
يىگىتلەر تىرىكلىك بىلەن ئۆلۈم ئارىسدا تېخىمۇ ئەۋزەيلەشكە باشلاپتۇ. ئەمدىلا ئۇچۇق ئاسمان بىردەمدىلا قاپ-قارا بۇلۇتلار بىلەن تۇلۇپتۇ. ئەتراپنى يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىنى ئەيىپلىشى،ئۆز-ئارا دوق قىلىشىلىرى بىر ئاپتۇ. قوپۇپ ئۇرىشاي دىسە پۇت-قولدا جان يوق،بۇرۇنغا ئۆلۈم ھىدى پۇراپلا تۇرغان.. ئاخىرى ئاچچىققا چىدىمىغان ب يىگىت س يىگىتنىڭ قۇلىدا تۇرغان تۇقماققا بۇيرۇق سوقۇپتۇ.
تۇقماق بۇ قېتىم نۇرتىزلىكىدە ئاسمانغا ئۆرلەپتۇ-يۇ، يەر بىلەن ئاسمان ئارىسىدا زادى كىمنى ئۇرۇشنى بىلەلمىگەندەك تۇرۇپلا قاپتۇ. قارىسا ھەممىسى ئەينى چاغدىكى سۆيۈملۈك، ئاقكۆڭۈل بوۋاينىڭ تالاشقاق، جىدەلگە ئاشىق بولغان ئەۋرە-چەۋرىلىرى......بىردەمدىن كېيىن تۇقماق يەرگە قاراپ شۇنچىلىك شىددەت بىلەن تاشلىنىپتۇكى، يىگىتلەر تۇرىۋاتقان يەر ئاستۈن-ئۈستۈن بولۇپ، يىگىتلەرنى ئانا تۇپراق قوينىغا ئاپتۇ. يىگىتللەر
ئۆلۈپتۇ. ئۇر تۇقماق نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپتۇ.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى