• 2010-12-21

    ئىمان + سۆيگۈ = بەخىت - [تەرجىمە]

    بۇ مېنىڭ تۇنجى تەرجىمە ئەسىرىم، تەكلىپ پىكىرىڭىزلەرنى ئايىمىغايسىزلەر.

    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى،  ئۇ پەقەت ئاللاھتىنلا  قورقىدۇ، ئاللاھتىنلا ئەيمىنىدۇ.
    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇ نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق كېرەكلىنى بېلىدۇ، ئۇ باشقىلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.
    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇ ئاسانلىقچە شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ. چۈنكى ئۇ  سىزنىڭ كۆرۈپ قېلىشىڭىزدىن، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىدىن قورقمايدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ئازابىدىنلا قورقىدۇ.
    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇ مەيلى ئەر بولسۇن ۋەياكى ئايال بولسۇن  ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ ئىشلارنى قىلسا ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى  ياخشى بىلىدۇ.
    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ناۋادا بىر چىرايلىق ئايال ئۇنى ئۆزىگە چاقىرسا،  ئاللاھتىن قورقانلىقتىن  ئۇ ئىشتىن دەرھال ئۆزىنى يىراق تارتىدۇ. ئۇ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ئەسكە ئالىدۇ: ئەينى ۋاقىتتا زۇلەيخا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ئۆزى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغىنىدا، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام:" ئى ئاللاھ مېنى بۇ ئايالنىڭ ھىيلى-مىكىرىدىن يىراق قىلغىن" دېيەلىگەن ۋە زۇلايخانىڭ ئازۇدۇرىشىن ئاللاھنىڭ مەرھەممىتى بىلەن ساقلانغان. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ لاياقەتلىك ئەر، ئۇ ھەقىقى ئەركەكلىكنىڭ نادىر ئۈلگىسى.
    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇ بىر ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن نېمنىڭ نۇمۇس، نېمنىڭ ئىززەت-ھۆرمەت ئىكەنلىكىنى بېلىدۇ؛ ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساقلاشنى بېلىدۇ، ئۆزىگە شەيتان نەپەسنىڭ يېقىنلىشىنى توسىدۇ؛ ئۇ نامەھرەم ئەرلەر بىلەن نازلىنىپ تۇرۇپ پاراڭلاشمايدۇ، ھەم ئۇلارغا يېقىنلاشمايدۇ.

    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇ بىر مۇسلىمە بولغانلىقى ئۈچۈن نامەھرەم ئەرلەر بىلەن خىلۋەتتە ئۇچرۇشۇشقا ۋەدىلەشمەيدۇ؛ ئۇ تانسىخانا قاتارلىق ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ئۆتىكىزىلگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ يۈرمەيدۇ؛ ئۇ ئۆزنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ، ئۆمۈر يولدىشىنى ۋە ئائىلىسىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇ؛ ئۇ جەمئىيەتتىكى كوچا-كۇيلاردا بىلەك يوتىلىرىنى ئېچىۋېلىپ ئەرلەنىڭ ھەرخىل گۇناھلارنى سادىر قىلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان نۇمۇسسىز ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ؛ شۇ نەرسە ئېنىققى، كىيىنىش بىر ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ بىر ئايال زاتىنىڭ تەربىيە كۆرسەتكۈچىسى. بىر ئايالنىڭ كىيىنىشىدىن، گەپ-سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەربىيە سەۋىيسىنى كۆرىۋالغىلى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ پەزىلىتىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى،  ئۇ كېلىن ياكى كۈيئوغۇل بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىغا چىن دىلىدىن كۆيىنىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ پەزىلەرنىڭ ئەدەمگەرچىلىكنىڭ ئەقەللىي تەلىپى، بولۇپمۇ ئىمان دەرىخنىڭ مۇھىم شاخچىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ؛ ئۇ  ئاتا-ئانىسىغىمۇ كۆيۈنمەيدىغان كىشىنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش لازىملىقنى بېلىدۇ؛ شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى،  چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا كۆيىنىدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ئادەم  چۇقۇم ئاقكۆڭۈل ئادەم. ئاتا-ئانىسغا كۆيىنىدىغان كىشىلا مۇھەببەتنىڭ نېمىلكىنى، سۆيۈشنىڭ نېمىلكىنى بېلىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ئۆمۈر قولدىشىغا ياخشى بولۇپ كېتەلىشى مۇمكىمۇ؟ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، ئۇنداق ئىمانسىز ئادەمنىڭ كۆزىدە سىز ھېچنىمە ئەمەس. ئۇ خالىسا سىزنى قوغلاپ، باشقا بىرىنى سىزنىڭ ئورنىڭىزغا قويىدۇ. ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئاجرىشىش خۇددى كىيىم ئالماشتۇرغاندەكلا ئىش. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خورلۇق بارمۇ؟

    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇ سىز ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن بولسىڭىزلا، باشقا ئىشلىرىڭىزغا نىسپەتەن كەڭ قورساقلىق ۋە توغرا چۈشىنىش يولىنى تۇتقان بولىدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

    ئىمانلىق ئادەم شۇنداق ئادەمكى، ئۇلار بۇ دۇنيادىمۇ بىرگە بولىدۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن  جەننەتتە بىرگە بولىدۇ.

    شۇڭا سىز ئىمانلىق بىرىنى تاللاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭ ئىمانىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ: سىزنىڭ ئىمانىڭىز لاياقەتلىك ئىمانمۇ؟ سىز ئاشۇ ئىمانلىق لايىققا ماس كېلەمسىز يوق؟  چۈنكى ئىمانلىق كىشى ئىماننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان بىرى بىلەن ھەرگىز بىرگە ياشىيالمايدۇ. سەۋەبى تۇتقان يولى ئوخشاش ئەمەستە. شۇنداق ئىكەن قانداقمۇ بىرگە بولالىسۇن؟

     ئەگەر بىز ئىماننىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنسەك، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشەنسەك، چۇقۇم ئىسلام دىنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى ئايدۇڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز لازىم.
    شۇنى بېلىشىمىز كىرەككى،  قىيامەت كۈنىدىن ھېچ بىرىمىز قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. ئۇ كۈندە ھەر بىرىمىزنىڭ ياخشى-يامان ئەمەللىرىمى ئالدىمىزغا قويىلىدۇ. ئىنسان ئۆزنىڭ ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپات-جازاغا ئېرىشىدۇ. ھېچ كىشى يەنە بىراۋغا، ھەتتا ئاتا بالىغا، بالا ئاتىغا... ياردەم قىلالمايدۇ. ئاللاھقا ئىشەنمىگەن، بۇ كۈنگە ئىشەنمىگەن ئادەمنىڭ ئاقىۋىتىگە ۋايكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ يېقىلغۇلىرىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى جەھەننەمدىن قۇتقازغۇچى بىراۋمۇ بولمايدۇ...

    خەنزۇچە ماقالە ئادرىسى:http://user.qzone.qq.com/616116752/infocenter

    分享到: