-
2010-09-13
ئەر بارمۇ - [نادىر ئەسەرلەر]
بۇ شىئىر ئەسلىدە ئاقيول مۇنبىرىدىكى "مۇسلىمە0997 " نىڭ ئەسىرى بۇلۇپ، ساقلىۋېلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشى ۋە كاللىسىنى سىلكىۋېلىشى ئۈچۈم بلوگىمغا ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىزلا يۆتكىدىم>
**************************************************
مەن تۆۋەندىكى شېئىرىمنى جەمىيەتتىكى بىر قىسىم «ئېسىل» يىگىتلەرگە قارىتا يازغان، بەزى بىر قىسىملار باركەن خامىيلون كەبى ئۆزگىرەلەيدىغان، بەزى جايلاردا شۇنچىلىك ئېسىل پەزىلەتلىك بۇلالايدىغان، بۇنداق جايلاردا جەمىيتىمىزدە يامان نامىنى ئېلىپ قېلىۋاتقان قىزلىرىمىزنى تىللاپ بىر نىمىگە ئوخشىتىپ قويىدىغان ، بىراق ۋاقتى كەلگەندە شۇنداق قىزلارنى بىر سورۇن بۇلۇشقا تەكلىپ قىلىپ توسۇز ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆ قولى بىلەن ھاراق تاماكا سۇنىدىنغان، مەن بۇ ئەسىرىمنى شۇنداقلارغا قارتا يازغان ، مۇنبەرداشلارنىڭ قالايمىقان ھالدا ئۆزىگە ئېلىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئەر بارمۇ
ئەجىر قىلىپ، تەر تۆكۈپ ئۇرۇق سالسا دېھقانلار،
قۇرۇق قۇيۇپ ئەجىرنى ئۇزۇق بەرمەس يەر بارمۇ؟؟؟
جاپاكەش شۇ دېھقاندەك ئەجىر تۆكۈپ تەر تۆكۈپ،
ئادالەت دەپ قەدەملەر ئالىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟بۈگۈن كۈندە ھەممىسى قاقشايدىكەن قىزلاردىن،
ئەمەس قىزلار ئۇلارچە، ئەخلاقلىق ھەم ئۇزلاردىن.
ئىزدەپ باقماس ئۆزلىرى يۈتۈپ كەتكەن ئىزلاردىن،
چىراي ئەمەس قەلبىنى سۆيىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟بۇزۇلدى دەپ قىزلارنى تىللايدىكەن كەينىدىن،
ھاراق ئىچىپ چېكىشتە يېنىشمايدۇ پەيلىدىن،
تۈن كېچىدە دالدىدا كېلىشمەيدۇ « سەيلىدىن»
لېكىن مەيدە ئۇرۇپ ھەم توسايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟شاراپ سۇندى قىزلارغا غەيۋەت قىلغان يىگىتلەر،
مەس قىلىشتى، كۆڭلىگە پۈكۈپ رەزىل نىيەتلەر.
شاراپ ئىچمەس قىزلارغا مۇش كۆتۈردى «ئەزمەتلەر»
قېنى، ئاجىز قىزلارنى قوغدايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟
ياغلىق ئارتقان قىزلارنى «موماي» دېدى بەزىسى،
يوپكا كەيسە ھەم شۇندا «مەتو» بولدى بەلگىىسى ،
ئوچۇق يەرلەر كۆپەيسە خۇشال بولدى بەزىسى ،
«بىر ماڭىلا تەئەللۇق، ياپقىن» دېگەن ئەر بارمۇ؟؟؟يېقىلسا گەر يوللاردا مەنپەت ئۈچۈن يۆلەيدۇ،
«بىخەتەر» دەپ قىزلارنى ياتاقلارغا زورلايدۇ،
تېيشسا گەر بىچچارە« بىكارغا ئىش بامۇ»دەيدۇ،
مېھىر ئۈچۈن قىزلارنى يۆلەيدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟بىلىپ- بىلمەي تالاي قىز پېتىپ قالدى پاتقاققا،
دېيەلمىگەچ دەردىنى ئەتراپىدىكى تۇنۇش «ياتقا»،
ئىلاج يوقتۇر ئاقىۋەت « بۇزۇق » نامنى ئالماسقا،
كۆكرەك كېرىپ پاتقاقتىن تارتىدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2- كۈنى ئاقسۇ (مۇسلىمە0997)