ۋاقىت ℃712

مۇزىكىنىڭ چىقىشى بىلەن قەلبىمدە پەيدا بولغان باشقىچە بىر سىزىمنى بۇيەردە تەسۋىرلىيەلمىدىم ، بۇ سىزىم يەتتە يىللار ئىلگىركى مۇساپىر بۇلۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىكى بىرمەزگىللىك تۇرمۇشۇمنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى .

«تىزراق بۇلايلى مەن سلىنى بىريەرگە باشلاپ بارىمەن» دىدى ئېلى ھاجىم ئىسىملىك ئاغىنەم ماڭا قۇرئان تىڭشىتىۋېتىپ «نەگە ؟»دىدىم قۇرئاندىن بېشىنى كۈتۈرمەي تۇرۇپ «بارغاندا بىلىڭلا »دىدى ئۇ . كاللامدا باشلاپ بېرىش ئىھتىمالى بولغان يەرلەرنى بىر قاتار ئويلىدىم دە  «ئادەم كۆپمۇ »دەپ سورىدىم .چۈنكى بۇرۇندىن باشلاپ جاراستاندىن قاچىدىغان ئىچ مىجەزئادىتىم بارئىدى .ئۇ گىپىمگە جاۋاپ بىرىشنىڭ ئورنىغا قۇرئاننى ئۇقىۋەردى .

ئىشىمىزنى تۈگۈتۈپ ئۇ باشلاپ بارماقچى بولغان يەرگە ماڭدۇق . ئۇباشقا يەربولماستىن ئىتتىپاق يۇلىدىكى «سالام دۇنيا تورخانىسى» ئىدى .

بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى تورخانىغا باسقان تۇنجى  قەدىمىم ئىدى .

ئاغىنەم بىر كومپىيوتىرنىڭ بىرسائەتلىكىنى ئېلىپ ئولتۇردى .مەنمۇ بىكارئۇرۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ كەينىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ ئولتۇردۇم .

ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ بىرىنىمۇ چۈشەنمەيتتىم  ئىكراندىكى پەيدا بۇلاۋتقان ،يۇقاۋاتقان نەرسىلەرگە قاراپ گاڭگىراپلا قالغان ئىدىم .

ئاغىنەم بىردەم  رادىئودىكى ئاۋازدەك سۆزلەيتتى . بىردەم بىركىملەرنى تىللايتتى  . «نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر ؟»دىسەم  «بۇ دىگەن چايخانا »دەيتتى . ھېچنىمىنى چۈشۈنەلمىگەنسىرى زىرىكىپ كىتىۋاتاتتىم «ماڭايلى »دىسەم «تېخى ۋاقىت توشمىدى »دەپ قۇيۇپ مەن بىلەن بىپەرۋا ئولتۇراتتى .ئەتىراپتىكىلەرگە قارىسام ھەممىسى يۇغان نائۇشنىكنى قۇلۇقىغا تاقىۋېلىپ بىرى-بىرى بىلەن كارى يوق بىخارامان ئولتۇراتتى . شۇنداق قىلىپ بىر سائەت ۋاقىتنى 4سائەت ئولتۇرغاندەك تەسلىكتە ئۆتكۈزۈپ چىقىپ كەتتۇق .

كىيىنكى قېتىم كىرگەندە مىنىمۇ بىر كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى  ھېچ نەرسىنى ئۇقالمىساممۇ ئەتىراپىمدىكىلەرنى دوراپ بىرنىمىلەرنى قىلىپ ئولتۇردۇم .

مانا شۇنىڭدىن باشلاپ كومپىيوتىر،تور ، چايخانا،تورخانا دىگەنلەر بىلەن ئاستا-ئاستا تۇنۇشۇشقا باشلىدىم . ئازراق بىرنەسىنى بىلگەندىن كىيىن باشقىچە قىزىقىپ كەتتىم ئازراق ۋاقىت تاپساملا تاماقنىمۇ قۇيۇپ يانچۇقۇمغا «روندو پىرەنىك»تىن ئىككى خالتا چۇۋۇپ يانچۇقۇمغا قۇيۋېلىپ تورخانىغا يۈگۈرەيتتىم .بىردىن بىرمەنزىل «سالام دۇنيا»تورخانىسى ئىدى .

پات-پات «باۋيى»قىلدۇق دپ بىركىچە ئۇخلىماي كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ چىقاتتۇق .

تورخانىغا دەسلەپ كىرگەن ۋاقىتلاردا كىرمەكچى بولغان توربىكەتنىڭ ئادىرسىنى توركۆرگۈچنىڭ ئادىرىس سىتونىغا كىرگۈزۈشنىمۇ ئۇقمايتتىم كىرمەكچى بولغان توربىكەتنى تورخانا باشقۇرغۇچىلار ئېچىپ بىرەتتى . تورخانا باشقۇرغۇچىلارمۇ ناھايىتى مەسئۇلىيەتچان بۇلۇپ كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن چاقىرساقمۇ كىلىپ قىلىپ بىرىپ كىتەتتى . قۇلى ئالدراش بۇلۇپ قالسا «بىرمىنۇت توختاپ تۇرۇڭ»دەپ ئىجازەت سورايتتى .

ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ كۈرۈدىغان بىردىن –بىرتوربىكەت ئۇلىنىش(ھازىرقى ئۇلىنىش cnمۇ ياكى comمۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ ئۇلىنىش دەپ بىر توربىكەت بارئىدى »بىلەن مەيىن شامال توربىكىتى ئىدى . بىردىن بىر چايخانا كاككۇك چايخانىسى ئىدى .

كومپىيوتىر ، تور بىلەن بولغان ھاياتىم ماناشۇنداق باشلاندى .ئۈرۈمچىدىكى قەلبىمگە قاققان مىقتەك ئورنىشىپ كەتكەن ئەسلىمىللىرىم مانا شۇ«سالام دۇنيا تورخانىسى» ۋە تور بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتتى .

بۇ مۇزىكا قەلبىمگە ئاشۇ تاتلىق،چۈچۈك ئەسلىمىللىرىم خاتىرلىنىۋاتقان ۋاقىتلاردا باشتىن ئاخىرى شاھىت ئىدى .

قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى قىلالماي تورخانا باشقۇرغۇچىلارنى چاقىرىۋىرىشتىن خىجىل بۇلۇپ ناتۇنۇش ئادەملەردىن يېلىنىش تەلەپپۇزى بىلەن ياردەم سوراۋاتقان چاغلاردا مۇشۇ مۇزىكا قۇلاق تۈۋىمدە بارئىدى .

كۈنلەپ ئولتۇرۇپ قىلغۇدەك ئىش تاپالماي، قۇپۇپ كىتىشكە كومپىيوتىرغا قىيماي ئۇنى-بۇنى ماتىلاپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ،باشقىلارنىڭ كۈرۈۋاتقان سىنلىرىنى ئاچالماي سائەت-سائەتلەپ ئېتىشىپ كەتكەن چاغلاردا باشتىن ئاخىر ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقىنى مۇشۇ مۇزىكا ئىدى .

بىركىچە كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەتتىگەنگە يېقىن چىدىيالماي كومپىيوتىرجوزىسىغا بېشىمنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قالغانچاغلاردا چۈشلىرىمگە چالا-پۇلا كىرىپ قالىدىغان ،بۇيانلىرىمنىڭ ئاغىرىشىغا چىدىيالماي ئويغىنىپ كەتكەن چاغلاردا تۇنجى بۇلۇپ قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالىدىغان مۇزىكا مۇشۇ مۇزىكا ئىدى .

يامغۇر ياققان چاغلاردا بارلىق ئىشلىرىمنى تاشلاپ ،ھۆل بۇلۇپ كىتىشىمگە قارىماي يۈگۈرەپ كىلىپ تورخانىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىمگىلا تۇنجى بۇلۇپ ئاڭلىنىدىغان ئاۋاز مۇشۇ مۇزىكا ئىدى .

يانچۇقتىكى ئاقچىنىڭ قالمايۋاتقىنىدىن تورخانىغا پۇل تۈلىيەلمەي ياكى جىددى ئىش چىقىپ قالغانلىقتىن  بىركۈزەم ئارقىدا تورخانىدىن ئايرىلىشتا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاڭلايدىغان ئاۋاز مۇشۇ مۇزىكا ئىدى .

«سالام دۇنياتورخانىسى »بۇ مۇزىكىغا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىكى تورخانا ئۇچۇق بولغان كۈننىڭ قايسى بىرىدە بارماي چىقىۋاتقىنى مۇشۇ مۇزىكا بۇلاتتى .

كومپىيوتىغا تورغۇلارپ قويسا ۋاقىت ،قېتىم سانىماي قۇيىۋىرىدۇدە !؟ نىمىشقا «نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ دىلكۈيى ناملىق بۇمۇزىكىدىن باشقا مۇزىكا قۇيۇپ باقمايمەن »دەپ سورىيالمايدۇ .

شۇ ۋاقىتتىن بىرى تۇرمۇشۇمدا نۇرغۇن نەرسىلەر پەيدا بۇپتۇ ، يۇقۇلۇپتۇ .  نۇرغۇن ئىشلارنى ئۈگۈنۈپتىمەن ،ئۇنتۇپتىمەن . لېكىن كومپىيوتىر ئىزچىل ھەمراھ بۇلۇپ كەپتۇ دەسلىۋىدە تورخانىغىلا چاپتىم كىينرەك ئويگە كومپىيوتىر ئېلىۋالدىم .

دەسلىۋىدىكى ئادىرىس سىتونىغا كىرمەكچى بولغان توربىكەتنىڭ ئادىرسىنى كىرگۈزۈشنى ئۇقمايدىغان ھالەتتىن بۈگۈنكىدەك مۇستەقىل بىر توربەتنى ماڭدۇرغىدەك ھالەتكە يىتىپتىمەن .ئەمما بۇنىڭغا ئازراقمۇ خۇشال بۇلالمايمەن . چۈنكى تورخانىغاخىراجەت قىلغان پۇللىرىمنى ، كومپىيوتىرئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ باشقا بىر ئىشقا قاراتقان بولسام بىرئىشنى مۇكەممەل ئاياققا ئەچىققان بۇلاتتىم .

ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن بولسام ئۈمۈتجاندەك مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە بىرىنچى بۇلالمىساممۇ ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى بۇلۇشىمدا شەك يوق ئىدى .

ئەمما ئۇلارغا ھەۋەس يوقتە .ئابدۇللا ئابدۇرېھىم دىگەندەك «ئىشىق »(تۇنجى قار ناملىق ئىتوتتىكى سۈزى )

بىركىچە كۈزۈمىز ئچىشىپ كەتسە ئۇلاپ قۇيۇپ كاماردەك ئېچىپ ئولتۇرۇپ كىتىمىز ، ئاش-تاماقتىن قالساقمۇ ۋايسىمايمىز .

بەزىلەر نىڭ «سىز كومپىيوتىر كەسپىدە قانچىلىك ئۇقۇغان »دىگەن سوئالىغا بەرگەن «ئۇقۇمىغان »دىگەن جاۋابىمغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەندە دەپ قۇيىمەن «سىزمۇ كومپىيوتىرغا مەندەك ئىشىق باغلىسىڭىز مەن يەتتە يىلدا يەتكەن سەۋىيەگە 2-3 يىلدا يىتىۋالالايسىز »

بۇ نەرسىگە شۇنچىلىك باغلىنىپ كەتتىمكى بىركۈن مۇشۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ بەللىرىم تېلىپ ،ماغدۇرۇم يېنىپ .پۇت-قوللىرىم ئۇيۇشۇپ،قاش-قاپاقلىرىم قۇلۇشۇپ  .كۆزلىرىم ئېچىشىپ،باشلىرىم قىچىشىپ .كاللام پىقىراپ،پەيلىرىم سىقىراپ  ئورنۇمدىن ئاران تۇرۇپ كەتسەممۇ  كەچتە يەنە مۇشۇ نەرسىگە بىر قارىۋالمىسام ئۇيقۇمنىڭ بىريەرلىرى كەم قالىدۇ .

يەتتە يىل ! يەتتە يىل ۋاقىت سۇدەك ياكى شامالدەك ئۈتۈپ كىتىپتۇ .مىنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىم ،ۋاقتىدا قىلىپ تەگۈتەلىگىنىم ياكى كىچىكتۈرگىنىم بىلەن چاتىقى بولماپتۇ .

قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگەتسەم ئالدىرماپتۇ مۇددەتتىن ئۆتكۈزۈۋەتسەم ساقلاپ تۇرماپتۇ .

ئەمما ئشۇ ۋاقىت ئۆز رېتىمى قائىدىسى بىلەن مېڭىۋىرىپتۇ . غالىپلار ۋاقىتنىڭ قائىدىسىدىن ئۇبدان پايدىلنىپ ۋاقىتنى نەچچە قاتلاپ پايدىلنىپتۇ .مەغلۇپلار ۋاقىتنىڭ قائىدىسىدىن پايدىلنالماي ئۇنى تىللاپ ،قاخشاپ ،يىغلاپ كۈننى ئۆتكۈزۈپتۇ .

بىر سائەتتە قىلىدىغان ئىشنى 10 مىنۇتتا تۈگەتسەڭ ئۇ ۋاقىتنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇنداق ئالاھىدىلىكتىن پايدىلنىمەن دىسەڭ ھەريەردىن تاپالايسەن .

10 مىنۇتتا قىلىدىغان ئىشنى 1 سائەتكە سوزساڭ ئۇ سىنىڭ بۇشاڭلىقىڭدىن . بۇنداق بۇشاڭلىق قىلىدىغان ئادەمگە پۇرسەت-شارائىت ھەريەردىن چىقىدۇ . ئەمما ھامان بىركۈنى ئاچلىقتىن
«ئېغىزىمغا قاغىنىڭ پۇقى بولسىمۇ چۈشسىكەن »دەپ ئېغىزىنى ئېچىپ ياتىدىغان ھالەتكە كەپ قالىدۇ .

مۇزىكا ئاخىرلاشتى .ۋاقىتنىڭ سائەت ، مىنۇتلىرى مۇشۇ مۇزىكىدەك ئاخىرلىشۋاتىدۇ ئوخشىمايدىغىنى مۇزىكىنى قايتا قۇيۇشقا بۇلۇدۇ ۋاقىتنى قايتا ماڭدۇرۇشقا بولمايدۇ

 

ۋاقىت

(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ ،

يىللارشۇۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.

ئاققان سۇلار،ئاتقان تاڭلارقايتىلانمايدۇ،

يورغا يىللارئۆمۈرنىڭ يامان ئوغىرسى.

يىللارمەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،

ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۈرۈمەن ئۈلۈمنى.

قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۈڭۈل بۆلمە،

ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

ۋاقىتنى ئاي-يىلغا بۈلەپ ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ ،ۋاقىتنى كۈن-سائەتكە بۈلەپ ئىشلىتىشنى ،كۈن-سائەتكە بۈلەپ ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ مىنۇت،سىكونىتقا بۈلەپ ئىشلىتىشنى ،شۇنداق ئىشلىتىشنى ئۈگۈنۈشىنى ،ئادەت قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

يۈرەكنىڭ ھەربىر سۇقۇشى سىزگە شۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇ

«دىققەت ! ھايات پەقەت سكونت ۋە دەقىقىلەردىن ئىبارەتتۇر »

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 9 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ئىزتۈرك
    ۋاقىت: 2011- يىل 4- فېۋرال 13:37 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز ، ھاياتىمنىڭ 22-باھارىغا قەدەم قۇيۇپتىمەن …ھەي قەدىرلەيلى جۇما””

    • ۋاقىت: 2011- يىل 5- فېۋرال 02:32 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      چوڭلار تەربىيە قىلسا ھە… دەپ قۇيۇپ بىلگىنىمىزچە ئىش قىلىۋىرىمىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ خىل پۇزۇستىيەدە بولغىنىمىز ئۈچۈن ئۈكۈنىدىكەنمىز :arrow:

  2. ۋاقىت: 2011- يىل 4- فېۋرال 12:03 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    پروگراممېرلار ئادەتتە كود يازسا بىرىنچى كودى ئېكرانغا hello world دېگەن خەتنى چىقىرىش بىلەن باشلىنىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق پروگرامما تۈزۈش توغرىسىدىكى كىتابنىڭ بىرىنچى دەرسىدە شۇ خەتنى چىقىرىشتىن باشلايدىغان ئادەت شەكىللىنىپتىكەن. سىزمۇ تور ھاياتىڭىزنى سالام دۇنيادىن باشلاپتىكەنكەنسىز، بېشىدىلا توغرا يولنى بېسىپتىكەنسىز دەپ قالدىم. :mrgreen:

  3. ۋاقىت: 2011- يىل 16- يانۋار 04:25 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    يازمىدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىسمى (لېتپۇللا مۇتەللىپ) دەپ خاتا يېزىلىپ قاپتۇ، تۈزىتىپ قويغايسىز .

  4. ۋاقىت: 2011- يىل 14- يانۋار 23:33 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن بولسام ئۈمۈتجاندەك مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە بىرىنچى بۇلالمىساممۇ ئىككىنچى ياكى ئۈچۈنچى بۇلۇشىمدا شەك يوق ئىدى .

    بىر چاغلاردا قايسىبىر ماتېرىيالدىن مۇنداق ئوقۇغانىدىم:
    ئەگەر ئىنسانلار ماشىنا تەتقىقاتىغا كومپيۇتېر تەتقىقاتىغا كۈچىگەندەك كۈچىگەن بولسا، بىر لېتىر ماي بىلەن يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقالىغۇدەك ماشىنا ياساپ چىقىلغان بولاتتى…

    • ۋاقىت: 2011- يىل 15- يانۋار 00:36 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      كومپىيوتىر ئايىغى چىقمايدىغان ،مۇۋەپپىقىيەت قازانغىلى بولمايدىغان ،ئادەمنى تىز تۈگەشتۈرۋىتىدىغان ئۈنۈمسىز كەسىپتەك بىلنىدۇ … يامان يىرى بۇنەرسىنىڭ خۇمارى يامان .كۈنۈپ كەتسەڭ تاشلىمىقىڭ تەس .

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*