بۈگۈن5-ئاينىڭ 21-كۈنى دۈشەنبە. يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ چىن ھېسياتى بىلەن شىئىريازىدىغان شائىرى، كۆڭلىدىكىنى ئۇچۇقلا دەۋىردىغان، ئاق كۈڭۈل ، ئېسىل مىجەزلىك توردىشىمىز ياۋاگۈلنىڭ تۇي كۈنى. 

بىلىشىمچەياۋاگۈلنىڭ تۇنجى تۇيى(تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق تۇيى بۇلۇپ قېلىشنى تىلەيمەن)تۇرمۇشقا كىرىپ باقمىغانلارغا تۇرمۇشنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەيلا قالىمەن.
بەلكىم تۆۋەندىكى پاراڭلار ياۋاگۈلنىڭ تۇمۇشىغا ئازراق مەنپەئەت ئېلىپ كىلەلىشى مۇمكىن . . . شۇنداقلا بۇيازمامنى ياۋاگۈلنىڭ تويىغا سوۋغا قىلىمەن . 

نۇرغۇن ياشلار تۇرمۇشنى قانداقتۇر بىرخۇشاللىقنىڭ، مىھىر-مۇھەببەتلىك، راھەت-پاراغەتلىك ھاياتنىڭ باشلانمىسى دەپ قارايدىكەن.


ئەمما بىزكۆرەۋاتقان ئاشۇ خۇشاللىقلارقانچىلىك قۇربانلىق، قانچىلىك چىدامچانلىقلار ئۈستىدە تۇرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايمىز. يات مۇھىتتا، يات مىجەز بىلەن چوڭ بولغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرخىل مۇھىتقا، بىرخىل مىجەزگە كۆنىشى بەدىلىگە، قارشى تەرەپكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى، ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ۋاز كىچىشى بەدىلىگە كىلىۋاتقان ئاشۇ خۇشاللىقلارنى ساقلاپ قېلىشقا كۆپ قىسىم كىشىلەر بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. 

تۇنجى تۇرمۇشقا چىققاندا ئىختىزاد تازا قىينايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپ قىسىم كىشىلەردەئوخشاش بۇلىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ خىل قىيىنچىلىقتىن كۆپ قىسىم بىر جۈپلەر ئۆتۈپكىتىدۇ.

ئىختىزادى مەسىلە ھەل بۇلىشىغا قاراپ ئۆيدە ئايال كىشىنىڭ ۋەزىپىللىرى ئاۋۇپ قالىدۇ، باقمىساڭ بولمايدىغان بىرە-ئىككى بالا، يۇيمىساڭ بولمايدىغان كىر-قات، ئەتمىسەڭ بولمايدىغان ئاش-تاماق، تازىلاپ- رەتلەپ تۇرمىساڭ بولمايدىغان ئۆي- ھۆيلا ئارام.  شۇنىڭ بىلەن ئايال كىشى تۇنۇشقان ۋاقىتتىكىدەك، توينىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكىدەك كىيىملىرى رەتلىك،پۇت-قوللىرى خېنىلىك، چىرايى تەبەسسۇملۇق، شوخ تۇرۇپ بۇلالمايدۇ.


ئەكسىچە ئەركىشى بارغانسىرى ھۇرۇن، ئۆينىڭ بالىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمەس، ھارامزادە بۇلىۋالىدۇ، ئايالىنىڭ بۇرۇنقىدەك پارقىراپ يۈرمىگىنىدىن، سالامەتلىكى ياخشى بۇلۇپ بۇلالمىغنىدىن، ھەرتەرەپتىن بۇرۇنقىدەك رازى قىلىپ بۇلالمىغىنىدىن خۇتۇننىڭ تەمى قالمىغاندەك، قېرىپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ.


سىرتتىكى كۆرگەزمە ئۈچۈنلا پارقىراپ يۈرگەن ئۇۋىسىز قۇشقاچلارغا قاش ئوينىدىغان بۇلىۋالىدۇ. 


بۇنداق ياۋا قۇشقاچلارنىڭ بىردىن-بىر ئالاھىدىكى پارنىك سەيلىرىدەك، قارىماققىلاچىرايلىق كۆرنىدىغاندىن باشقا ئالاھىدىكىلى يوق، ئايالىدەك بىر ئائىلىنىڭ مەجبۇرىيتىنى يۈكلىسە ئايالى قىلغاننىڭ يېرىمىنى قىلالمىسىمۇ ئەركىشى سىياقىغىلامەپتۇن بۇلۇپ سىرتقا يالتىيدىغان بۇلىۋالىدۇ.


مانا بۇ ئىككىنچى قېتىملىق سىناق! نۇرغۇن بىرجۈپلەر مۇشۇ سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ . . .  ئەر كىشىنىڭ كاللىسىدا ئايالىنىڭ چېچىلغاق، تەرسا، جاھىل، ئۆزىنى كۈتۈپ بۇلالمايدىغان، بۇرۇنقىدەك تاتلىق بۇلالمىغان ئەيىپلىرى پار قازىنىدەك قايناپ  ئەلەملىك قىلىپ قۇيىدۇ-يۇ ئەمما، ئايالىنىڭ ئەنەشۇنداق بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئىشلارنى بىرە قېتىممۇ ئويلاپ قويمايدۇ.


ئەگەر ئايالى كۈتۈرۋاتقان ئائىلىدىكى شۇ يۈكنى ئەركىشى كۈتۈردىغان بولسا بىرھەپتىدە ساراڭ بۇلۇپ ئىشتان بېغىنى يەۋىتىشتىن يانمايدۇ.


ئەگەرمۇشۇ سىناقتىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ ئائىلىنى ساقلاپ قالالىسا ئاندىن بىزئۇيەر-بۇيەردە كۆرۈپ قالىدىغان بەخىتلىك بىرجۈپلەر قاتارىغا ئۆتەلىشى مۇمكىن. بەزى ئەرباپلارنىڭ سىتاتىكا قىلىشىچە توي قىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئاجىرشىپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى 50%نى ئىگەللەيدىكەن. 


چۈنكى بۇ ۋاقىتتا مىجەز-خاراكتىرنى چۈشۈنۈش، ماسلىشىش،قۇدىلارئارا چۈشۈنۈش، ئىختىزادى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى يىتىلدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بۇلالماي ئاجىرشىپ كىتىدىغانلار كۆپ ئىكەن.


توي قىلىپ 6يىل ئىچىدە ئاجىرشىپ كىتىدىغانلار 40% نى ئىگەللەيدىكەن. چۈنكى توينىڭ 4-يىلىدىن باشلاپ 6-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئالدىنقى پەسىلدىكى مەسىلىلەرھەل بۇلۇپ، ئايال كىشىنىڭ ئۆزگىرەشكە باشلىغان(يۇقاردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئائىلىنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئايال كىشنىڭ بۇرۇنقىدەك بۇلۇپ بۇلالماسلىقى)ۋاقتى بۇلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا ئاجىرشىپ كىتىشكە سەۋەپچى بۇلىدىغان نەرسە دەل 3-شەخىس بۇلىدىكەن.


گىپىمىزنى يىغساق: مانا مۇشۇ داۋانلار توردېشىمىز ياۋاگۈلنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.


تۇرمۇشقابولقا بىلەن چاقچاق قىلساڭ ئۇ ساڭا بازغان بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.


ياۋاگۈلنىڭمۇبالىلارچە خىيالنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەرقانداق سىناق، قۇربانلىقلار چىداشلىق بىرىپ  مۇشۇ بىر توينى مەڭگۈلۈك قىلىپ كىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


تۇرمۇشتا ئۇچۇق گۆر يوق، ئەگەر بىر ئائىلىدە كۆكلەيمەن دەيدىكەن يۇقۇردىكى سىناقلارغا چىداشلىق بىرىپ، تۇرمۇشنىڭ سۇقۇۋاتقان بازغانلىرىغاقەددىنى پۈكمەي تۇرۇشنى ئۈگەنگىنى ئەۋزەل!  تۇرمۇشتا ياشاش ئۈچۈن ھامان بىركۈنى ئۆگىنىمىز . . .


ئاخىرداياۋاگۈلگە بىر جۈملە سۆز سوۋغا قىلىمەن:« تۇرمۇشتا قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىمەن دىگەندىن ئۆزى ئۆزگىرىپ قارشى تەرەپكە ماسلاشقان ئەۋزەل»
تۇيۇڭلارغامۇبارەك بولسۇن. دىنىڭلا، دۇنيالىقىڭلا، ئاخىرەتلىكىڭلا خەيرىلىك بولسۇن ! سالىھ پەرزەنىتلەر دۇنياغا كىلىپ ئاخىرەتلىكىڭلارنى يۇرۇق قىلسۇن ! 

بۇ تىما ئەسلى بۇيەردە يېزىلغان بېسىڭە

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*