مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر تىما . . . ئۇ ھەرقانداق جانلىقنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ.
ھەرقانداق جانلىقنى ئۆزىگە ئىنتىلدۈرەلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەنزىلى يوق شۇنداقلا مىقدارىمۇ يوق. ئۆزىڭىزنىڭ مۇھەببەتكە تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ئەمما قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز. بىر چاغلاردا ھەممىدىن مەھرۇم ئىدىڭىز مۇھەببەتلىك ھاۋادىن نەپەسلىنىشنى ئۈمۈت قىلاتتىڭىز، بۈگۈن قارىسىڭىز مۇھەببەت ئۈستىڭىزدە ئالتىنچى ئايدىكى قۇياش نۇرىدەك چاقناپ تۇرۇپتۇ. ئەمما، سىز تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھەببەت تەشنالىقىدا قالدىڭىز . . .
ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتى تۇلىمۇ يۇشۇرۇن بۇلىدۇ. . . ئەگەر سىز دوت ئاياللاردىن بولسىڭىز ئىرىڭىزنىڭ يۈرۈكىنى تىڭشىيالماي كۈنلۈكى «مىنى سۆيمەيسەن» دەپ جىدەل قىلىسىز . . . ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى بەك ئاشكارا بۇلىدۇ. ئۇ ئىرىدىن يىتەرلىك جاۋاپقا ئېرشەلمىسە «مەن سىنى سۆيىمەن» دەپ ئۇرشىدۇ.
ئەرلەر مۇھەببەتىكىلا قانائەت قىلمايدۇ. ئۇلار مۇھەببەتنى يۇرۇڭقاش دەرياسىدىكى قاش تېشىدەك چوڭقۇر كۈمۈپ قۇيۇپ، يەنە باشقا غايىللىرى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاياللار مۇھەببەتتە قانائەت قىلغاندا ئۇلارنى ساپانغا قېتىپ يەرھەيدىسەڭمۇ چىرايىدىن تەبەسسۇم يۇقىمايدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈش، كىيىم- كىچەك بايلىقلارغا چۆكۈپ ياشىغان ئاياللار مۇھەببەتتىن قاغجىراپ كەتكەن ئاياللاردۇر .
ئاتا-ئاناڭغا ۋاپاداارلىق مۇھەببىتى بىرىسەن، سۆيگىنىڭگە ھەمكارلىق مۇھەببىتى بىرىسەن، باللىرىڭغا مەسئۇلىيەت مۇھەببىتى بىرىسەن، رەببىڭگە خۇرسەنلىك مۇھەببىتى بىرىسەن، قېرىنداشلىرىڭغا خالىس مۇھەببەت بىرىسەن . . . ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەر بىر مۇھەببەتنىڭ ئورنى بۇلىدۇ ئەمما تۇلا ۋاقىتلاردا سۆيگىنىنىڭ مۇھەببىتى كۆزنى قارغۇ قىلىپ قۇيۇپ باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە پەرۋاسىز قۇيىدۇ.
قۇرسۇقۇڭ ئاچ قالسا ھاياتى كۈچۈڭ ئۇرغۇپ چۇقۇم يىگۈدەك بىر نەرسە تېپىپ قۇرسۇقۇڭنى توقلاشنىى ئويلايسەن، قەلبىڭ ئاچ قالسا ھاياتى كۈچۈڭ ئاجىزلىشىپ، ئۈمۈتسىزلنىپ ئۈلىۋالغۇڭ كىلىدۇ.
ھەي . . . بۇ توغۇردا قەلەم كۆتۈرسەم ئايىغىنى تۈگىتەلمەيدىغاندەك تۇرىمەن. . . بۇ بىر داستان بولمىغاندىكىن ئاز-ئازدىن يازاي . . . مۇھەببەتلىك تىمىلار ئۆزۈلمىگەي.
بىركىملەرنىڭ ئىمزاسىدا كۆرگەن ئىدىم « بىلمىدىم سۆيۈشتىن تەنھالىق ياخشىمىكىن »
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى