كىچىك كارۋات

ھىكايە

روھچىن

چۇڭى 250 كوي, كىچىكى 180 كوي ئىكەن، قايسىنى ئالساق بۇلا؟-خۇتۇن ! دىدى ياسىن زۇمرەتكە قاراپ
-ۋاي خۇتۇن دىمەڭە سەتلىشىپ خەخنىڭ ئالدىدا -دىدى زۇمرەت
-نىمە بۇپتۇ؟ چارشەنبە كۈنى خۇتۇنۇم بۇلىسىزغۇ؟! -
-شۇ چاشەنبە بىر كەلسۇن ئاۋۋال. كىچىكىنى ئالامدۇق بىر چاي جوزىسى ئالمىساق بولمىغۇدەك.
-پاتارمىزمۇ دىدى ياسىن كارۋاتقا قاراپ
-ئەنسىرمەڭ پاتىمىز دىدى زۇمرەت مەنلىك قاراپ
بىر مىتىلرىق كارۋاتتىن بىرنى توكلۇق ھارۋىغا بېسىپ ئىجارە ئالغان ئۆيىگە قاراپ كەتتى


ياسىن ھەرقېتىم كارۋاتقا قارىغىنىدا قېيىن ئانىسىنىڭ زۇمرەتكە «يا ھۈنۈرى يوق، يا خىزمىتى. ساڭا پۇت-قولنى سۇنۇپ ياتقۇدەك كەڭرەك كارۋاتمۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ» دىگەن گىپىنى ئىسىگە ئېلىپ زۇمرەتنىڭ ئالدىدا خجىللىق ھېس قىلاتتى. لېكىن، زۇمرەت بۇ كارۋاتتىن ناھايىتى رازىدەك قىلاتتى. زۇمرەتنىڭ ياسىننىڭ باغرىغا چىڭ چۆكۈپ ياتقىنىدىن كارۋاتتىن چۈشۈپ كىتىشتىن قورقۇپ يېقىن ياتقىنىنى ياكى ياسىننىڭ باغرىغا قانماي چىڭ چاپلىشىپ ياتقىننى ياسىن ئايرىيالماي قالاتتى.
نامراتچىلىق بىركىمگە ھۆددە ئەمەس. ئۇلارنىڭ قۇلىمۇ ئۇزاردى. بىنا ئۆيگىمۇ كۆچۈپ كەلدى. لېكىن، زۇمرەت ئاشۇ كىچىك كارۋاتنى ئالماشتۇرغىلى ئۇنىمىدى. ياسىن چىڭراق تۇرغىنىدا يۇمۇق  كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ« مەندىن يىراقراق، ئازادە ياتقۇڭىز كەلگەن بولسا ئالماشتۇرۇڭ» دىدى. ياسىن شۇۋاقىتتىلا زۇمرەتنىڭ نىمىشقا ياسىنغا يېقىن ياتىدىغانلىقىنى چۈشەندى.
ئىككى يىل بولغاندا زۇمرەت ئۆزىدەك ئوماق قىزدىن بىرنى يەڭگىپ بۇلارنىڭ ئائىلىسىگە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. بۇ كىچىك كارۋاتنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى ئوتتۇردا يىڭى كەلداخۇن ئىككى ياقىدا ئىككى پىشقەدەم ياتاتتى. ئۇلار بەزىدە بۇۋاقنى ئۇيان تارتىپ، بۇيان تارتىپ ئوتتۇر كىچىگىچە ئۇخلىمايتتى.
ياسىن كارۋاتنى ئەمدى ئالماشتۇرۇش كىرەكلىكىنى زۆرۈل دەپ قارىغان بولسىمۇ زۇمرەتنىڭ يەنە رەنجىشىدىن قورقۇپ گەپ قىلمىدى. زۇمرەتنى ئۆزى دىسە ئالماشتۇراي دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن، زۇمرەت ئۇگەپنى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئىككىنچى بالىسى قۇياشتەك يۇملاق ئۇغۇل تۇغۇلدى. ئەمدى بۇ كارۋاتقا بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى سىغمىدى ياسىن كارۋاتنى ئالماشتۇردىغان گەپنى قىلمىدى. زۇمرەت ئاشۇ كارۋاتتا ياتسىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغاندەك قىلاتتى. ياسىن پەسكە ياتاق سېلىپ يەردە ياتتى. زۇمرەت ئىككى بالا بىلەن كارۋاتتا ياتتى .
ئۈچۈنچى بالىسى يەنە قىز تۇغۇلدى. ئەمدى كارۋاتقا زۇمرەتمۇ سىغمىدى، بالىلارمۇ كارۋاتقا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىك كارۋاتنى ئۈچ بالىغا بىرىپ زۇمرەت بىلەن ياسىن يەردە ياتتى ھېچكىم كارۋاتنى كىچىكمۇ كۆرمىدى، ئالماشتۇرۇش گىپىنىمۇ قىلمىدى.
بىرنەچچە قېتىم غىچىرلاپ قالغاندا ياسىن مىخ قېقىپ چىڭىتىپ قويدى.
بالىلار چوڭ بولدى بىر-بىردىن ئۇقۇشقا مېڭىپ ئۇيەردىن ياتلىق بۇلۇپ كەتتى.  ئوغلى توي قىلىپ سىرتتىن ئۆي ئېلىپ، ئايرىم بۇلۇپ چىقىپ كەتتى . بۇ كىچىك كارۋاتتا يەنە زۇمرەت بىلەن ياسىن قالدى. زۇمرەت يەنە ئىلگىركىدەكلا ياسىننىڭ باغرىغا چىڭ چۆكۈپ ياتاتتى ياسىن زۇمرەتنىڭ ئاقارغان چاچلىرىنى ئوڭشاپ چىرايىغا قارىغاندا زۇمرەتنىڭ چىرايىدا يىڭى توي قىلغاندەكلا خاتىرجەملىكنى ھېس قىلاتتى.
بۇ بىر جۈپلەرمۇ ھاياتلىق ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ بىرىپ ئايرىم ئايرىم كارۋاتلىق يەرلىكلەرگە قۇيۇلدى. چوڭ قىزى كارۋاتنى بىرتۇققانلىرىغا بەرمەي ئېلىپ كەتتى ۋە كوريەنىڭ دەپ قۇيىۋالغان 2.5مىتىرلىق كارۋاتنى ئېلىۋېتىپ ئورنىغا بۇ كارۋاتنى قۇيۋالدى. ئىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ خۇشاللىق بىلەن « سىزنى كىچىك كارۋاتقا قۇيۇپ قىستاپ قويمىغاندىمەن » دىدى ئىرى« سەن ياقتۇرغان بولساڭ مەنمۇ ياقتۇردۇم » دىدى.
ئېرى باغرىغا چىڭ چۆكۈپ ياتقان ئايالىنىڭ چىرايىغا قاراپ ھېچ قاچان ھېس قىلمىغان بەخىت ۋە خاتىرجەملىكنى ھېس قىلدى.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. لاچىن
    ۋاقىت: 2012- يىل 3- ماي 22:49 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ماشاالله
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. نىمدىگەن ئىسىل ھايات ئسىل مۇھاببەت
    بەك ئىسىل ھيكايە بوپ تۇ مەيلى ئيمان تەرەپتىن بولسۇن تۇرمۇش مۇھەببەت تەرەپتىن بولسۇن ماڭابەك تەسىر قىلدى
    مۇنبەرنى تاشلىۋەتمەي ئويغاسالدىغان ئسىل يازمالىرىنى ئايمىسلا
    ئاللاھىم ھەربىرمىزگە خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتاقىلسۇن سىلنىڭ قوللىرىغادەرىت بەرمىسۇن.
    داۋامىنى كۇتمەن ;-)

  2. لاچىن
    ۋاقىت: 2012- يىل 3- ماي 22:47 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ماشاالله
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. نىمدىگەن ئىسىل ھايات ئسىل مۇھاببەت
    بەك ئىسىل ھيكايە بوپ تۇ مەيلى ئيمان تەرەپتىن بولسۇن تۇرمۇش مۇھەببەت تەرەپتىن بولسۇن ماڭابەك تەسىر قىلدى
    مۇنبەرنى تاشلىۋەتمەي ئويغاسالدىغان ئسىل يازمالىرىنى ئايمىسلا
    ئاللاھىم ھەربىرمىزگە خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتاقىلسۇن سىلنىڭ قوللىرىغادەرىت بەرمىسۇن.
    داۋامىنى كۇتمەن

    • ۋاقىت: 2012- يىل 4- ماي 06:00 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      مەن يېزىپ تۇرۋاتىمەن. سىلىنى كۆرگىلى بولماس بۇلۇپ كەتتى. كىرىپ تۇرسىلا خۇشاللىقتىن بېشىم كۆككە يىتەتتى

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*