9- ئاينىڭ ئەمدىلا باشلىنىشىغا قارىماي ئەتتىگەن تەرەپتە سۇغۇق شامال ئادەمنىڭ تىنىنى خېلىلا جۇغۇلدىتاتتى .جۈرئەت يىلىڭ كىينىۋالغىنىغا ئەپسوسلانغاچ دۇئانى تۈگۈتۈپ قەبرىستانلىقتىن يېنىشىغىلا بىرسىنىپتا ئۇقۇيدىغان قىز ساۋاقدېشى رازىيە بىلەن ئۇچۇرشىپ قالدى ،رازىيە «ئەتتىگەندە ئۈيىڭىزگە بارسام قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتتى دىدى .بۈگۈن باشقا ئىشىم بارئىدى شۇڭا ئەتتىگەن ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بىرەي دەپ سىزنى ئىزدەپ ماڭغان »دەپ بىر لىپاپىنى سۇندى ، «مەن ماڭاي  ئايجامالنىڭ خېتى ئىكەن دۇختۇرخانىدا سىزگە يېزىپتىكەن »دىگەچ جۈرئەتكە خوشمۇ دىمەي كىتىپ قالدى .
ئايجامالنىڭ قازا قىلغىنىغا ئىككى ھەپتە بۇلۇپ قالغان  بولسىمۇ جۈرئەتنىڭ چىرايى تېخىچە ئېچىلمايۋاتاتتى .ھەركۈنى ئەتتىگەن مەسچىتتىن يېنىپلا قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتكەنچە 2-3سائەتلەردىن كىيىن پەيدا بۇلاتتى .


جۈرئەتنىڭ قۇلىدا كۈتۈرۈپ كىرگەن خەتنىڭ ئايجامالنىڭ خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇققان مەريەمخان ئانا ئوغلىنىڭ كۆڭلىنىڭ تېخىمۇ زىدە بۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ   «بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس بالام ! سىزنىڭ قىلغىنىڭىز توغرا .كىيىنكى ئىشلارپۈتۈنلەي اللە نىڭ ئىرادىسى .ئۇنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى . شۇڭا ئۈزۈڭىزنىڭ مەسئۇلىيتى بولمىغان ئىشتا تۇلا ئۈزۈڭىزنى قىينىماڭ !  ما خەتنى ۋاقتىنچە ئۇقۇماي تۇرۇڭ ! كۆڭلىڭىزنى تېخىمۇ زىدە قىلىپ سالمىسۇن. كىينچە كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشكەندە ئۇقۇۋالارسىز  »دىدى جۈرئەتنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ .  «ماقۇل»دىدى جۈرئەت ئۈيگە كىرگەچ ۋە خەتنى كىتاپ-ماتىرياللىرىنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇپ قويدى .
بىرنەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى   جۈرئەت ئايجامالنىڭ ئىشىنى خېلى ئۇنۇتقان بولسىمۇ ئەتتىگەندە مەسچىتتىن يېنىپلا ئايجامالنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ «سۈرە ياسىن»نى بىرقېتىم ئۇقۇشنى تاشلىماي كىلىۋاتاتتى .ئايجامالنىڭ قازاقىلىشىغا ئۈزىنىڭ ئازتۇلا سەۋەپچى بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايتتى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەركۈنى تۇپراق بېشىغا چىقىپ بىرقېتىم دۇئا قىلىپ تۇرغىنىدا ئۈزىنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى.
-ئايجامالنىڭ خېتىدە نىمىلەرنى يېزىپتۇ »دىدى بىركۈنى دەرىس ئارلىقىدا رازىيە
-ئۇقۇمۇدۇم  دىدى جۈرئەت پەرۋاسىزلا ، بۇگەپنى ئاڭلىغان رازىيەنڭ چىرايى تاتىرىپلا كەتتى
-ھوي   بىر ئادمنىڭ ئۈلۈم ئالدىدا يازغان خېتىنىمۇ ئاشۇنداق تاشلاپ قۇيامسىز ؟ئايجامالغا ئازراقمۇ ھېسداشلىق قىلمامسىز ؟ بىلىپ قۇيۇڭ ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىدى !ئۇسىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس !»رازىيە ئۈزىنى تۇتۇۋالالماي خېلىلا قايناپ كەتتى .جۈرئەت قاپىقىنى تۈرگەن پېتى گەپ قىلماي ئولتۇراتتى –
-ئىسىت ! سەندەك ئادەمگە كۈيۈپ قالغان ئاشۇ ساددا ،ئاخماق ئادىشىمنىڭ ئۈزىگە ئاز. ئىسىل ،ئوڭلۇق،ئادەمنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ دەپتىكەنمەن »دىگىنىچە يىغلاشقا باشلىدى .جۈرئەت ئەمدى تاقەت قىلالمىدى رازىيەنىڭ بىردىنلا «سەن»لەپ كىتىشى جۈرئەتنى غەزەپلەندۈرۈپ قويدى
-نىمانچىۋىلا توۋلايسىز؟ئۇ كۈيۈپ قالسا مەن نىمە قىلاي ؟ئۇ كۆيگەن بولسا ئۈزىنىڭ ئىشى مەن ئۇقۇتۇۋالمىدىم . مەنمۇ ئۈزۈمگە چۈشلۇق ئادەم. ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك قىلىش مەجبۇرىيتىم يوق. مىنىڭمۇ ئويلىغىنىم ،تۇتقان يۇلۇم بار  .سىزگە دەپ قۇياي خەتنى ماڭا يېزىپتۇ ماڭا جايىدا تاپشۇرۇپ بىرىپ سىزنىڭ ئىشىڭىز تۈگۈدى. ئۇقۇمدىم ،ئۇقۇمامدىم ئۈزۈمنىڭ ئىشى  سىزئارلىشىۋالماڭ !»دىدى غەزەپ بىلەن .بۇگەپنى ئاڭلىغان رازىيەيۈزىنى تۇتۇۋېلىپ يىغلىغانچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى . جۈرئەتمۇ كەينىدىن چىقىپ رازىيەنىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئارقىغا ئۆتتى ۋە
-ھەرقانداق گپىڭىز بولسا مۇشۇيەردە ھەممىنى دەۋىلىڭ ! مىنىڭ تۇلا ئىچىمنى پۇشۇرماڭ  !»دىدى . ئايجامال بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن ياشيۇقى كۆزلىرى بىلەن جۈرئەتكە قاراپ
-راس گەپنى قىلسام سىزنى پەقەت چۈشەنمەپتىكەنمەن ! ئايجالنىڭ ئۈلۈمى پۈتۈنلەي سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزدىن كىلىپ چىققان ئىش شۇنداق تۇرۇپ سىز ئازراقمۇ ئىچ ئاغىرىتمىدىڭىز بەك   نۇمۇسسىزكەنسىز
-نىمە ؟ نۇمۇسسىز ؟!مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە قىلمىدىم ؟ ھېچنىمە دىمىدىم ؟
-ھېچنىمە قىلمىسىڭىز نىمە دەپ سىزنىڭ يېنىڭىزىن چىقىپلا ماشىنىغا سۇقۇلۇدۇ، ئۇ سىزبىلەن كۈرۈشۈشكە ماڭغاندا ناھايىتى خۇشال ئىدى .
-مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە كارۋاتتا يېتىپتىكەن مىنى كۈرۈپلا جۈرئەت دەپ توۋلىغانچە بوينۇمغا ئېسىلىپ قۇچاقلىدى بۇنىڭ بۇنداق يولسىز قىلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنى كارۋاتقا ئىتتىرۋەتتىم ۋە «نەگە بارسا كۇسۇپ قالغان بۇزۇق نىمىلەر ؟ھەرقايسىڭدەك بۇزۇق نىمىلەر پاك ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ بۇلۇشتۇڭ »دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتىم جۈرئەت ! دەپ توۋلىغىنىچە قالدى
-ئىسىت ! ئىسىت ! سىز بۇزۇقنى كۈرۈپ باقماپسىز ئايجامالغا قىلغان بۇ گىپىڭىز بەك ئېشىپ كىتىپتۇ ئۇ ھەرگىز كۈتۈرەلمەيدۇ ئەمدى بىلدىم ئۇ ئىنىقلا گىپىڭىزنى كۈتۈرەلمەي ئۈزىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتقان گەپ  ھايات بولساق كۈرەرمىز تېخى خۇدا سىزگە بۇزۇقنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئۇبدانلا بىلدۈرۈپ قۇيار .
-مىنى قارغىۋاتامسىز ؟مىنىڭ بۇزۇققا  قېلىشىمنى تىلەۋاتامسىز ؟مىنىڭ گۇناھىم نىمە ؟ئەجەبا بوينۇمغا ئېسىلسا مەنمۇ قۇچاقلاپ تۇرىمەنما ؟
-ھەرقانچە بولسىمۇ بۇزۇق دىمەسلىكىڭىز كىرەكتى ؟
-بۇزۇق بولماي . . . .چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپىلاق بىلەن گەپنىڭ ئاخىرى جۈرئەتنىڭ ئېغىزىدا قالدى . رازىيە يىغلىغان پېتى يۈگۈرەپ كىتىپ قالدى .
جۈرئەت مەڭزىنى سىلىغان پېتى سىنىپقىمۇ كىرمەي ئۆيگە كەتتى .
بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى جۈرئەتنىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ كىتىۋاتاتتى . ئىشلار ناھايىتى نۇرمال كىتىۋاتقان بىركۈنى رازىيە ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ ئايجامالنىڭ گىپى بارلىقىنى، بىرقېتىم كۈرۈشۈشىنى ئېيتتى .گەرچە كۈرۈشكۈسى بولمىسىمۇ رازىيەنىڭ چىڭ تۇرۋېلىشى بىلەن كۈرۈشىدىغان بولدى.  بىراق ئىشلار ئويلىغاندەك بولمىدى. ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە ئايجامال  كىلىپلا بوينىغا ئېسىلدى.  بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك ؟ ئايجامال بىلەن بىر مەھەللىلىك بولغانلىقتىن ئاندا-ساندا ئۇچۇرشىپ قلاتتى . بىراق سالاملىشىپلا ئۈتۈپ كىتەتتى . پاراڭ بۇلۇپ قالسىمۇ دەرىس ،مەكتەپ توغۇرسىدا بۇلاتتى  .ئۇلار ئىلگىرى نە مۇھەببەت نەسۆيگۈ ھەققىدە بىرەر ئېغىزمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان. ئايجامالنى بۇرۇندىنلا يۈزى تۈۋەن، ھايالىق، ئىمانلىق قىز دەپ چۈشۈنەتتى . شۇيەردىن يېنىپ چىققاندىن كىيىن ئايجامالنى نەچچىنى تىللىغان ، قىزلارنىڭ سىرتقى كۈرنىشى ،چىرايلىق چىگىۋالغان ياغلىقى، ئىسلامى كىينىشىگە قاراپلا باھا بەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى .

قېرىشقاندەك شۇ كۈنى ئايجامالنى ماشىنا سۈقۈۋەتتى يەنە كىلىپ ئايجالنى ماشىنا سۇقۇۋەتكەن ۋاقىت جۈرئەت بىلەن كۈرۈشۈپ يېرىم سائەتتىن كىيىن  جۈرئەت بىلەن كۈرۈشكەن ئوينىڭ ئالدىدىلا بولغان ئىدى   دىمەك ئايجامال شۇيەردىن چىقىشىغىلا ماشىنا سۇقۇۋەتكەن ئىدى .«ئەجەبا مىنىڭ گىپىمنى كۈتۈرەلمەي ئۈزىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتقانمىدۇ  ؟»جۈرئەتنىڭ تىنى شۈركىنىپ كەتتى  ئۇنداقتا ئايجامالنىڭ ئۈلۈمىگە جۈرئەت سەۋەپچى بۇلۇپ قالغان بۇلمامدۇ ؟  جۈرئەت رازىيەنىڭ« ئايجالنىڭ ئۈلۈمى پۈتۈنلەي سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزدىن كىلىپ چىققان ئىش»دىگەن گىپىنى ئەسلەپ قالدى
سائەتنىڭ ئىككىگە يېقىنلاپ قالغىنىنى كۆرگەن جۈرئەت پىشىنگە ئالدىراپ تاھارەت ئېلىپ جەينامازغا چىقىشىغىلا تېلىفۇن سايراپ كەتتى  تېلىفۇننى رازىيە ئالغان ئىدى رازىيە بىر قېتىم كۈرۈشۈشنى تەلەپ «سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويمىسام بولمايدىغان ئىش بارئىدى مۇشۇ بىرقېتىم رەنجىمەي ۋاقتىڭىنى چىقىرىڭ كىيىن ئاۋارە قىلمايمەن »دىدى
جۈرئەت پىيالىگە چاينى قۇيۇپ رازىيەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويغاندىن كىيىن «گېپىڭىزنى باشلاڭ »دىگەن مەنىدە رازىيەگە قاراپ قۇيۇپ پىيالىگە قاراپ ئولتۇردى . مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا ئۇچۇراشقاندىن كىيىن .
-ئاۋۋال تۈگۈنكى ئىشقا سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئۈزۈمنى پەقەت تۇتۇۋالالماي قالدىم. ئايجامال شۇ يېشىغا كەپ بولغۇچە بىرەر يات ئەركىشى بىلەن پاراڭلىشىپ  باقمىغان ئەركىشىگە تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى  ئۇ كۈنكى ئىشنى مەنمۇ چۈشۈنەلمىدىم  . ئايجامالنىڭ نىمىشقا ئۇنداق قىلغىنى ئەمدى مەڭگۈ سىر بۇلۇپ قالدى .
بەلكىم بىلمەيدىغانسىز ؟ ئايجامال سىزگە كۈيۈپ قاپتىكەن  بۇ ئىشقا تۆت يىل بۇپتۇ تۆت يىلدىن بىرى ھېچكىمگە دىمەي سىزگىمۇ ئېغىز ئاچماي يۈرۈپتۇ  دەسلىۋىدە سىزنى خىيال قىلىشتىن  ئۈزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈپتۇ   لېكىن قاچۇرۇپ قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ ؟ ھەرقېتىم سىزنى ئەسلىگىنىدە ھوجۇرسىغا كىرۋېلىپ خەت يېزىپتۇ ، سىزگە دىگۈسى بارگەپلىرىنى ،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ،شىرىن خىياللىرىنى ھەممىنى قەغەزگە يېزىش بىلەن ئۈزىگە تەسەللى بىرىپ  سىزگە بولغان كۆڭلىنى سىرپېتى ساقلاپ كەپتۇ .
-مۇمكىنمۇ تۆت يىلغىچە ھېچكىمگە تىنماي يۈرەلىشى تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ .
-مەنمۇ دەسلىۋىدە ئانچە ئىشەنمىگەن كىيىن بارلىق خەتلىرىنى كۆرگەندىم كىيىن ئىشەندىم .خېلى چوڭ دەپتەردىن بىرنى توشقۇزۇپتۇ   .
-ئەمدى نىمىشقا ئاشكارلاپتۇ ؟
-دەسلىۋىدە ئىككىلىمىز ھازىر كىچىك دەپ توي يېشىغا يەتكۈچە ساقلاپ ۋاقتى كەلگەندە دەپتەرنى سىزگە بەرمەكچى بۇپتىكەن .يېقىندىن بىرى ئۈيىگە تۇلا ئەلچى كەپتۇ ھەتتا ئاتا-ئانىسى مەكتەپتىن ئاجىرتىپ توي قىلىپ بەرمەكچىمۇ بۇپتۇ   شۇڭا مىنى ئىزدەپ كەپتىكەن مەنمۇ سىزبىلەن كۈرۈشتۈرمەكچى بولغانتىم .
-دەپتەرچۇ ؟
-دۇختۇرخانىدا سورىغان لېكىن بەرمىدى .«ئۈزۈمدە ئۈمۈت يوق  ئۇ دەپتەرنى بىرىپ بۇ ئىشلارنى ئەمدى ئاشكارلاپ يۈرمەي تۆت يىل ساقلاپتىمەن  تايىنلىق ئاخىرەتكە ئامانەت قىلىپ ئېلىپ كىتەي  اللە ئىمكان بەرسە باقى ئالەمدە بىرەرمەن »دەپ تۇرۋالغانتى    دەپ يىغلاپ كەتتى  رازىيە
-ئاخىرىدا سىزگە ئەسكەرتىپ قۇياي جۈرئەت ئۈزۈڭىزنى بەك چوڭ چاغلايدىكەنسىز .
-ياق مەن ئۈزۈمنى . .
-توختاڭ گىپىمنى بۆلمەڭ  ئۈزۈڭىزنى زىيادە چوڭ چاغلايدىكەنسىز   ئايجامالغا ئۇۋال بۇپمۇ بەك ئېغىر ئۇۋال بولدى  ئەركىشىگە تىكىپ قارىيالمايدىغان بىرقىزنى بۇزۇققا چىقىرىپ قويدىڭىز گەرچە ئارىمىزدا ئاشۇنداق بۇزۇق قىز ئاياللاربولسىمۇ ھەممىمىز ئۇنداق ئەمەس ئۈزۈمىزنىڭ كۆڭلىنى بىرلا ئەرگە بېغىشلايدىغان ، شۇ ئەرنىڭ ئۇتىدا كۈيۈپ سۈيىدە ئاقساقمۇ مىننەت قىلمايدىغان ،ئورنىدىن تۇرالمىسا تەرىتىگە قاچا تۇتۇدىغان ،شۇ ئەر ساراڭ ،لەقۋا ،بىھۇش ،پالەچ بۇلۇپ قالسىمۇ ئۆمۈرىمىزنىڭ ئاخىرغىچە شۇ ئەرنىڭ ئامانىتىنى ساقلاپ  ئۈزىمىزنى پاك تۇتۇپ ئۈتۈپ كىتىدىغان ئاياللارمۇ خېلى بار ئايجامال بىلەن مەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىنمىز ئايجامال نىمە سەۋەپتىن بوينىڭىزغا ئېسىلىپ سالدى بىلمەيمەن ئەمما شۇنى بىلىمەنكى بۇ ئىشتا ئالاھىدە بىر سەۋەپ بار بولمىسا ئايجامالنىڭ كىكىردىكىنى كىسىۋەتسىڭىزمۇ نىكاھلاشتىن ئىلگىرى بارمىقىنىڭ ئۇچچىنىمۇ سىزگە تۇتقۇزماس ئىدى  بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل .  خەيىر بۇ ئىشلارمۇ ئۈتۈپ كەتتى لېكىن شۇنى ئۇنۇتۇپ قالماڭ ئايجامالنىڭ ئۈلۈمىنىڭ باش جاۋاپكارى سىز  ھامان بىركۈن كۈزىڭىزدىن ياش ئەمەس قان ئاققۇزۇپ پۇشايمان يېشى تۈكۈسىز .
-ئۇنداقتا مىنىڭ قىلغىنىم پۈتۈنلەي خاتا كەندە ؟ئۇ قۇچاقلىسا مەنمۇ قۇچاقلاپ تۇرسام بۇلامتى   بىلىدىغانسىز مەھرەم ئىگىسى بولمىغان ئاياللارنىڭ قۇلىنى تۇتۇش، قۇچاقلاش ھارام تۇرسا بىر مۇسۇلمان ئەۋلادى، اللەقا ئىشىنىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىپ سالسام ئۆلگەندە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن ؟
-سىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇڭ دىگەنلىك ئەمەس ھېچ بولمىسا چىرايلىقچە ئولتۇرغۇزۇپ ئىككى ئېغىز گىپىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز بولماسمىدى ؟ھەرقانچە بولسىمۇ تىللىماسلىقىڭىز كىرەكتى تىللىسىڭىزمۇ باشقا گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟باشقىلار قانداق ئۇنى بىلمىدىم ئەمما بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىزبۇنداق ھاقارەتنى كۈتۈرەلمەيمىز .تەقۋادار بولغىنىڭىز ياخشى لېكىن چەكتىن ئاشۇرۋەتسىڭىز تەقۋادارلىقىڭىزمۇ گۇناھكار قىلىپ قۇيۇدۇ .
جۈرئەتنىڭ ئۈنى ئىچىگە  چۈشۈپلا كەتتى  رازىيەنىڭ قايتار ۋاقىتتا گىپى بار يوقلىقىنى سورىغاندىمۇ ھېچنىمە دىمىدى  ئايجامالنىڭ ئۈلۈمىگە ئۈزىنىڭ سەۋەپچى بۇلۇپ قالغانلىقىدىنمۇ  ياكى رازىيەنىڭ گەپلىرى بەك ئۈتۈپ كەتتىمۇ بىلگىلى بولمايتتى
جۈرئەت ناھايىتى پەرىشان ھالدا ئۆيگە كىلىپ ئايجامالنىڭ خېتىنى ئېلىپ تۇرۇشىغا مەريەمخان ئانا كىردى ۋە «ئۇقۇڭ بالام بىللە ئاڭلايلى» دىدى  خەت ناھايىتى قالايمىقان يېزىلغان بۇلۇپ خەت يازغۇچىنىڭ خېلى كۈچىگەنلىكىنى چىقىپلا تۇراتتى .خەتنىڭ ھەممە يىرىدە تامچە –تامچە ياشنىڭ ئىزى قالغان ئىدى .
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جۈرئەت ئۇبدان تۇرغانسىز ؟قانداقلا بولمىسۇن مەندىن ئۇبدان تۇرغانلىقىڭىزنى بىلىمەن .كۈنلىرىم ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن ئۆيدىكىلەر گەپنىڭ جايىنى دىمىگەندىمۇ ئۇلارنىڭ ياشلىق كۈزىگە قاراپلا ھەممىنى بىلىۋالدىم  يۈرۈگۈم ئىزىلىپ كەتتى جۈرئەت   ماشىنىغا سۇقۇلغانلىقتىن  ئەمەس سىزنىڭ گىپىڭىزدىن ئىزىلىپ كەتتى  ھەرقېتىم سىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتىن ئىلگىرى قىلغان گىپىڭىزنى ئويلىسام  شۇگەپنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى ئۈلۈپلا كەتكەن بولسامچۇ دەپ قالىمەن  نىمىشقا شۇنداق قىلىپ سالغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قۇياي  شۇكۈنى بۇرۇنلا بېرۋاپتىكەنمەن خېلى ساقلىغاندا دىيىشكەن ۋاقىت بولدى لېكىن سىز ۋاقتىدا كەلمىدىڭىز يېرىم سائەت ئۈتۈپ كەتتى كۈزۈم ئىشىكتە ئىدى لېكىن سىزنىڭ قارىڭىزنى كۆرەلمىدىم   ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم كاللامغا ھەرخىل شۇم خىياللار كىلىۋالدى مىنىڭ نەزىرىمدە سىزتىچ-ئامانلا بولسىڭىز ۋەدىڭىزنى ئۇرۇنلايدىغان ،ۋەدىنى ئىمان قاتارىدا كۈرۈدىغان ئۇغۇل بالا ئىدىڭىز   ئۈزۈمنى تىنىچلاندۇرالماي ياستۇققا بېشىمنى قۇيۇپ ياتتىم سىزنىڭ كىچىكىشىڭىز توغۇرسىدا ھەرخىل خىياللار بىلەن كۈزۈمنى يۇمدىم .
سىرتتا ۋاراڭ چۇرۇڭ چىقىشقا باشلىدى  نىمەئىش بولغاندۇ دەپ چىقسام بىر ماشىنىنىڭ ئالدىدا سىز قانغا مېلىنىپ ياتاتتىڭىز مەن ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالماي جۈرئەت ! دىگىنىمچە سىزنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ياتسام سىزئىشىكتىن كىرىپ كەلدىڭىز سىزنى كۈرۈپ ئۈزۈمنى تۇيىمايلا سىزگە ئۈزۈمنى ئېتىپتىمەن  كۈزۈم ئۇيقۇغا كىتىپ ئاۋۇ قاباھەتلىك چۈش كۈرۈنمىگەن بولسا ئەقلى-ھۇشۇم جايىدا  بولسىلا ھالال نىكاھلاپ بولغۇچە قۇلۇمنىمۇتۇتقازماس ئىدىم  سىز قورققان اللە تىن مەنمۇ قورقاتتىم  سىزئۈمۈت قىلغان جەننەتنى مەنمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم  بۇدۇنيادا سىزلا ئۇلۇغ سىزلا پاك-تەقۋادار ئەمەس مەندىمۇ اللەئىلتىپات قىلغان ئىمان بار.
يەنە بىرگەپ مەن ئۈزۈمنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتمىدىم  ئۇلۇغلارچە ئېيتقان گىپىڭىزنى كۈتۈرەلمەي يۈزۈمنى تۇتۇپ يىغلىغان پېتى چوڭ يولدىن كىسىپ يۈگۈرگىنىم ئىسىمدە ھۇشۇمغا كەلسەم ئۈزۈمنى دۇختۇرخانىدا كۆردۈم   ئۈزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارنىڭ ئەبەدى دەۋزەخكە مەھكۇم بۇلىدىغانلىقىنى بىلىمەن  بۇئىش يۈزبەرمىگەن بولسا سىزسىزمۇ ئۇبدانلا ياشىيالايتتىم .
لېكىن بۇ گەپلەرنى ئەمدى دىگەننىڭ نىمە ئەھمىيتى ئىھتىمال سىز خېتىمنى ئۇقۇشتىن ئىلگىرى قەبرە ئاستىغا كىرىپ كىتىشىم مۇمكىن   .
بىلەمسىز جۈرئەت  ئادەم ئۈزىنىڭ ھامان بىركۈن ئۈلۈپ كىتىدىغىنىنى  بىلىدۇ لېكىن ئۈلۈمىڭنىڭ قەرەلى بىكىتىلگەندىن كىيىن باشقىچە بۇپ قالىدىكەنسەن ئىلگىرى نەپرەتلەنگەن ئادەملىرىڭمۇ سۈيۈملۈك بىلنىدىكەن دۈشمىنىڭ بولسىمۇ چوڭقۇر مىھرىڭ بىلەن ياد ئىتىدىكەنسەن  بىرى-بىرىمىزگە يامانلىق قىلىپ دىلىمىزنى رەنجىتىپ نىمە پايدا تاپارمىز ؟كۈنلىرىمىز مانا مۇشۇنداق قىسقىغىلا ئىكەن مانا مەن پاكىت!
ئىككى كۈن ئىلگىرى شات-خۇرام بىر قىز ئىدىم مانا ئەمدى ئۈلۈم ئالدىدىكى نىمجان قۇشقا ئوخشاپ قالدىم .سەل جېق سۆزلەپ قويدۇم  بەلكىم بۇ ئۆمۈرۈڭىزدە سىزگە يەنە بىرى ئۈلۈم ئالدىدىكى خىياللىرىنى سۆزلەپ بەرمەس .
گەپلىرىم بەك جېق ئىدى لېكىن قۇلۇم چىدۇغىسىز ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ  ئەمما ئامال بار دىگۈم بارگەپلەرنى تۇلۇقراق دەۋېلىشقا تىرشىۋاتىمەن
سىز توغۇرسىدا نۇرغۇن شىرىن خىياللىرىم بارئىدى   سىزنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ تاھارەت سۈيىنى مىنىڭ تەييارلاپ بىرىدىغىنىمنى مەسچىتكە ماڭغىنىڭىزنى كۆرسەم مىنىڭ ئۇزۇتۇپ قۇيدىغىنىمنى ئويلىسام ئىككى دۇنيالىق بەختىمنى تاپقاندەك خۇشال بۇلۇپ كىتەتتىم.
سىزگە كۆڭلۈم باغلىنىپ قالغىلى تۆت يىل بۇپتۇ  تۆت يىلدىن بىرى سۆيگۈڭىزنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۇشۇرۇپ كەلدىم  ئىنسان تائىپىسىگە تېنىپ باقمىدىم  ،ئەتىۋارلىدىم ،سۆيگۈڭىزدىن پەخىرلەندىم ، ھامان بىركۈنى سىزمۇ خۇددى مىنىڭدەك پەخىرلىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەندىم
نەپسىم قىستاپ تىنالمايۋاتىمەن  دۇختۇرنىڭ دىيشىچە مەن كۈچىسەم بولمايدىكەن
تۆت يىللىك ئەقىدىنى مۇشۇنداقلا ئېلىپ كىتىش ئېغىر كىلىۋاتىدۇ  تۆت يىل پەرۋىش قىلىپ ئېچىلدۇرغان گۈللىرىمنى بىرقېتىم پۇرىتالمايلا ئېلىپ كەتمەكچى بۇلىۋاتىمەن .تۆت يىل ساقلاپ كەلگەن شەربىتىمنى بىرقېتىم ئوتلىتالماي ئېلىپ كەتكمەكچى بۇلىۋاتىمەن جۇدالىق قانچە سۇزۇلغانسىرى مىۋىسى شۇنچە شىرىن بۇلۇدۇدەپ ئويلايتتىم   لېكىن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان جۇدالىقنىڭ ماڭا كەلگەندە ئاچچىق مىۋە بىرىشىنى كىم ئويلىيالىسۇن .
دىمەكچى بولغان گەپلىرىم بەك كۆپ ئىدى لېكىن قۇلۇم تىتىرەپ قەلەمنى تۇتالمايۋاتىمەن قالغان گەپلىرىمنى سىزگە ئىزھار قىلىش نىسىپ بولمىغان تۆت يىللىق سۆيگۈمگە ئوخشاش گۆرگە ئەكىرىپ كىتىدىغان بولدۇم
بۇ ھىجران ئىنسان ئەۋلادىغا مەندىن ئاشمىغاي
خەيىر ئامان بۇلۇڭ   ئاخىردا ماڭا تۆت يىلدىن بىرى ئىلھام –مەدەت بولغان ئادىل تۇنىيازنىڭ مۇنۇ شىئىرىنى سىزگە قالدۇرۇپ قۇياي .
ئىنتىلىپ ئۈن-تىنسىز كۆيدۈم بىرىگە
ۋەلېكىن سۆيگۈمنى قىلمىدىم ئىزھار
بولغاچقا ئاھ شۇنداق شىرىن لەززەتلىك
كۈڭۈلنىڭ قېتىدا يىتىلگەن سىرلار

خەيىر  سىزنى اللە قا تاپشۇردۇم
بىتەلەي قىز ئايجامال

يىغا ئارىلاش تىلاۋەت قىلنىۋاتقان قۇرئان ئاۋازىنى ئەتتىگەننىڭ سۇغۇق شامىلى قەبرىستانلىقتىن يىراقلارغا ئېلىپ كىتىۋاتاتتى ئايجامالنىڭ تۇپراق بېشىدا جۈرئەت بىلەن مەريەمخان ئانا كۈن پىشىن بولغىچە ئولتۇردى مەريەمخان ئانىنىڭ يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ گېلى بۇغۇلۇپ كەتكەن ئىدى

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. نىمدىسەم بولا.....
    ۋاقىت: 2011- يىل 8- فېۋرال 05:19 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    :wink: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەلەن تىژلىق تۇلىما؟ بالىۋاقا تىژلىق….ئوبدان يازمىكەنتۇق جۇما~~~~ 8)

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*