تۆۋەندىكى 12 جۈملە بەلكىم سىزگە بىر ئۆمۈر ئەسقېتىشى مۇمكىن
1. چۈشەندۈرۈش مەڭگۈ ئارتۇقچە، سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەمگە چۈشەنچە بېرىش ھاجەت ئەمەس، سىزنى چۈشەنمەيدىغان ئادەمگە بولسا زۆرۈرىيەت ئەمەس!


2. دائىم سىز بىلەن جاڭجاللىشىشنى خالايدىغان ئادەم – سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەمدۇر!
3. سەمىمىيەتكە سەمىمىيەت ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەپسۇس بەزىدە دەل ئەكسىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇئەييەن ئارىلىق ساقلىغىنىڭىزدا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى قوغدىيالايسىز!
4. بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن كارى بولمايدۇ ئەمەس، بەلكى سىز قارشى تەرەپنى زىيادە موھىم ئورۇنغا قويىۋالىسىز ياكى ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ موھىم دەپ قارىۋالىسز!
5. دوست دىمەك سىزنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىپ تۇرۇپ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدۇر. ھەقىقىي دوست سىزنى ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىدىغان ئادەمدۇر!
6. believe (ئىشەنچ) بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە lie (يالغانچىلىق) مۇ بار!
7. ھەقىقىي دوست بىرگە بولغاندا گېپى تۈگىمەيدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى بىرگە بولغاندا گەپلەشمىسىمۇ ئوڭايسىزلانمايدىغان ئادەمدۇر!
8.تاكامۇل ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مۇكەممەل بىرىككەن ئىككى ئادەم ئاندىن ئەڭ    تاكامۇل  بىر جۈپلەرنى ھاسىل قىلىدۇ!
9. قايغۇڭىزدىن شادلانغان ئادەم دۈشمىنىڭىزدۇر. شادلىقىڭىزدىن شادلانغان ئادەم دوستىڭىزدۇر. قايغۇڭىزغا قايغۇرغان ئادەم يۈرىكىڭىزدە ساقلاشقا تېگىشلىك ئادەمدۇر!
10. سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇش بەزىدە تاش يۈرەكلىك ئەمەس، بەلكى ئازابلىنىشتىن ساقلايدىغان قورالدۇر!
11. سىزگە ۋاقىت ئاجرىتىشنى خالىمايدىغان ئادەمگە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ!
12. دۇنياغا نىسبەتەن سىز بىر ئادەم. سىزنى سۆيگەن ئادەمگە نىسبەتەن سىز ئۇنىڭ بارلىقى- كۈللى جاھان.

 

كىشىلىك ھاياتتىكى 11 چوڭ ئىش

1. بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ، ئەمما ئۇ سېنى ياخشى كۆرمىسە، بۇ قاتتىق ئازاب. ئەمما بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ ئازاب.

2. مۇھەببەت تەبەسسۇم بىلەن باشلىنىپ، سۆيۈش بىلەن يېتىلىپ، كۆز يېشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. سەن تۇغۇلغاندا يىغلايسەن. ئەتراپىڭدىكىلەر كۈلىدۇ. ھاياتىڭ ئاخىرلىشىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغىنىڭدا سەن كۈلىسەن، ئەتراپىڭدىكىلەر يىغلايدۇ.

3. ئەڭ يېقىن دوستۇڭ سىلەر ئايۋاندا ئولتۇرغاندا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ، ئەمما سىلەر ئايرىلغاندىن كېيىن ناھايىتى قىزغىن سۆزلەشكىنىڭلارنى ھېس قىلىسەن.

4. بىز ھەقىقەتەن بىر نەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىلا ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆزىمىزدە بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

5. بىر مىنۇتتا بىر ئادەمگە يولۇقىسەن. بىر سائەتتە بىر ئادەمنى ياقتۇرۇپ قالىسەن. بىر كۈندە بىر ئادەمگە كۆيۈپ قالىسەن، ئەمما بەزى ئىشلارغا يولۇققاندا خاتالىق ئۆتكۈزدىڭمۇ؟ دىققەت قىلدىڭمۇ؟

6. تاشقى گۈزەللىكنى قوغلاشما، ئۇ ئادەم ئالدايدۇ. بايلىقنى قوغلاشما، ئۇمۇ تۈگەيدۇ. سېنى كۈلدۈرەلەيدىغان ئادەمنى قوغلاش، چۈنكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئوخشاش، قاراڭغۇ كۈنۈڭنى پاللىدە يورىتىدۇ.

7. ئۆزۈڭنىڭ خىيالىنى سۈرىۋەر، بارماقچى بولغان يېرىڭگە بېرىۋەر، قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى قىلىۋەر، چۈنكى ھايات بىر قېتىملا كېلىدۇ. پۇرسەت قايتا كەلمەيدۇ.

8. مەڭگۈ باشقا ئاياغنى كېيىپ بېقىشقا ئىنتىل، ئەگەر سەن كىيگەن ئاياغ پۇتۇڭنى قىستىسا، باشقىلارنىڭمۇ پۇتىنى قىستىشى مۇمكىن.

9. غەرەزسىز ئېيتىلغان بىر ئېغىز گەپ جېدەل-ماجرانى ئۇلغايتىۋېتىشى مۇمكىن. قاباھەتلىك بىر ئېغىز گەپ ھاياتنى نابۇت قىلىۋېتىشى مۇمكىن، ۋاقتىدا دېيىلگەن بىر ئېغىز گەپ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشى مۇمكىن. دانالىق بىلەن ئېيتىلغان بىر ئېغىز گەپ جاراھەتنى داۋالاپ، باشقىلارغا بەخت تىلىشى مۇمكىن.

10. ساڭا نىسبەتەن نۇرغۇن ئادەمدەك بىلىنگەن بىر ئادەمنى ئۇچرىتىشىڭ ھاياتىڭدىكى ئەڭ قايغۇلۇق ئىش. ئەمما سەن بۇنى كېيىن بايقايسەن. بۇ چاغدا سەن ئارقاڭغا يېنىشقا ئامالسىز. پەقەت تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولىسەن.

11. بۇ گەپلەرنى قەلب خاتىرەڭگە ئوبدان پۈتۈپ، تۇرمۇشتا ئازراق ئىلھامغا مۇھتاج بولغىنىڭدا قارا. ھايات قىممەتلىك، ۋاقتىڭنى ئېقىن سۇدەك بىھۇدە ئۆتكۈزمە.

ئەمدى ستېۋ پائۇل جوبس (Steve Paul Jobs)رەھمىتىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈر دۇنياسىنى ئايلىنىپ چىقايلى

يېقىندا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئالما(Apple) شىركىتىنىڭ بىرلەشمە بەرپا قىلغۇچى پىشىۋاسى، سابىق ئىجرائىيە رەئىسى ستېۋ پائۇل جوبس (Steve Paul Jobs) نىڭ  ھاياتلىق ۋە ئىجادچانلىق ھەققىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇتەپەككۇرانە ھېكمەتلىرى ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىختىرالىرى بىلەن بىرلىكتە  ئىنسانىيەتكە مىراس بولۇپ قالدى.

*پەۋقۇللاددە ئەسەبىيلىككە تولغان،مۇستەققىل مەۋقەگە ئىگە، قاراشلىرى ھەمىشە ئەتراپتىكى ئالامان بىلەن ئوخشىمايدىغان ئەبلەخلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلار ساراڭدۇر، ئەمما بىزنىڭ نەزەرىمىزدە تالانت ئىگىلىرى دەل شۇلار.

*ئىجتىھاد ۋە ئاددىيلىق ئەزەلدىن بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىز بولۇپ كەلدى.ئاددىيلىققا يەتمەك بەلكىم مۇرەككەپلىكتىن تېخىمۇ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. سەن چوقۇم تەپەككۇرىڭنى ئېچىش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىل، شۇنداق  قىلساڭ ھەممە نەرسە ئاددىيلىققا ئايلىنىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ.ئەقەللىي مۇشۇلارنى قىلالىساڭ سەندە مۆجىزە دىگەن باشلىنىپ كېتىدۇ.

*مۇتلەق كۆپچىلىك كىشىلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا،ئۆيىگە كومپىيوتېر سېتىۋېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سەۋەب دەل ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا تۇتاشقان ئالاقە تورىغا ئۇلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا بىز دەل مىسلىسىز بۆسۈشنىڭ ھەقىقى بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتىمىز، مۇتلەق كۆپچىلىك كىشىلەر ئۈچۈنمۇ شۇنداق. بۇ بۆسۈشنىڭ ئەھمىيىتى تېلىفۇنغا ئوخشاشلا ناھايىتى زور ھەم ئۇلۇغ.

*سەن بەزى نەرسىلەرگە يەنى، ئۆز جاسارىتىڭ،تەقدىرىڭ،ھاياتىڭ،پۇرسەتلىرىڭ ۋە باشقا نەرسىلىرىڭنىڭ نەقلىگى ۋە رېئاللىقلىقىغا ئىشىنىشىڭ كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل مېنى ئەزەلدىن ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ باقمىدى.ئۇھەتتا مېنىڭ ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى،تېخىمۇ ئېنىق دىسەم، ئۇ مېنىڭ كەچۈرمىش ۋە مەنزىللىرىمنى  ئىلگىركىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان قىلىۋەتتى.

*ئۆزەمنىڭ ھەرقاچان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى دائىم ئېسىمدە تۇتۇپ كەلدىم.بۇ مەن بىلىدىغان ھەرقانداق مۈشكۈلات،ئوقۇبەت،يوقۇتۇش ۋە نادامەتلەردىن ساقلنىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. ھېچنەرسەڭنىڭ  بولمىغىنى ئۆز قەلبىڭنىڭ تىۋىشلىرىنى تىڭشىماسلىققا سەۋەب بولالمايدۇ.

*ئۇنتۇپ قالمىغىنكى،سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ۋاقتىڭ چەكلىك، ئۇ پەقەت ئۆزەڭگىلا تەۋە. شۇڭا، ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلىپ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا تۇترۇق بولۇپ  ياشىمىغىن.

*بىز ئەزەلدىن بازار تەكشۈرمەيمىز، ھەمدە مەسلەھەتچى بۇزرىكۋارلارنى تەكلىپ قىلمايمىز. بىز پەقەت ئىنسان ئارزۇسىدىكى ئۇلۇغ مەھسۇلاتلارنى ئىختىرا قىلىشنىلا بىلىمىز.

*ئىجادچانلىق بىر ئادەمنىڭ يول باشلىغۇچى ياكى ئەگەشكۈچى بولۇپ چىقىشنى بېكىتىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2012- يىل 19- نويابىر 04:43 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تاللانغان ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن.يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!

  2. جۇغلان
    ۋاقىت: 2011- يىل 29- ئۆكتەبىر 06:12 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    مانا مەن كەلدىم !

    مۇشۇ ھېكمەتلىرىڭىزنى دىمىسەم كەلمەيتتىم! :mrgreen:

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*