نەچچەكۈن بۇلۇپتۇ ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ چارچاپمۇ قالغاندىمىز ، بۈگۈن پۇت-قۇلىمىزنى سۇنۇپ ئولتۇرۇپ تېخى قۇلاققا كىرىپ باقمىغان بىر قىسىم يۇمۇرلاردىن ھوزۇرلىنايلى.

كۈتۈلمىگەن جاۋاپ

مۇئەللىم مۇھىم بىر نوقتىنى شەرھىلەپ كىلىۋېتىپ سوراپتۇ :

-بىرئادەم خاتالاشقاندىمۇ مۇرەسسەلەشسە، توغرا قىلغاندىمۇ مۇرەسسەلەشسە ،بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

-توي قىلغانلىقنى- دەپتۇ ئولتۇرغانلارىن بىرى.

دىئالوگ

پاراشوت بىلەن سەكرىگەن بىرئەسكەرنىڭ پاراشوتى ئېچىلماي قاپتۇ. يەرگە چۈشۈشكە ئازقالغاندا ھۇدۇقۇپ كەتكەن ئەسكەر كوماندىرنى چاقىرىپ دەپتۇ

ئەسكەر: پاراشۇتۇم ئېچىلمىدى يەرگە چۈشۈشكە ئاز قالدىم.

كوماندىر: ئىنىقلىشىمىزچە سەن چۈشىدىغان يەر شەھەر مەركىزى يېقىن ئەتىراپتا رىمۇنۇتخانا بار يەرگە چۈشۈپلا ئاپىرىپ ئوڭشىتىۋال .

قول كۆتۈرۈش

بىر ئايال كونا بىرماشىنىنى ھەيدەپ كىتىۋاتسا قاتناش ساقچىسى قول كۆتۈرۈپتۇ ماشىنىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە

-مىنىڭ قول كۈتۈرگەنلىكىمنىڭ نىمە مەنىسى بارلىقىنى بىلەمسىز ؟- دەپتۇ

ئەلۋەتتە چۈشەندىم-دەپتۇ ھېلىقى ئايال جاۋاپ بىرىپ – مەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى بولغىلى 40 يىل بولدى

ئىككى خېرىدار

قىش كۈنى بىر خېرىدار ئاشخانىغا كىرىپ ئىشىكنى ياپمايلا ئولتۇرۇپتۇ.

يەنە بىر خېرىدار_ ھەي تالا شۇنچە سۇغۇق تۇرسا ئىشىكنى يېپىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟- دەپتۇ

-تېخى ھېلىلا كىرگەن خېرىدار جاۋاپ بىرىپ دەپتۇ

-سىزنىڭچە ئىشىكنى يېپىۋەتسەم تالا ئىسسىپ قالارمۇ ؟

سىناق

كوماندىر : قاپقاراڭغۇ كىچىدە  سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېغىڭدا بىرى كەينىڭدىن كىلىپ قۇچاقلىۋالسا نىمە دەيسەن؟

ئەسكەر: قەدىرلىگىم، مىنى قۇيۋېتىڭ، دەيمەن-دەپتۇ

چۈش

بىرئايال ئويغىنىپ ئىرىگە دەپتۇ:

مەن بايا بىرچۈش كۆردۈم چۈشۈمدە سىز ماڭا بىر سومكا سوۋغا قىلدىڭىز،سوم كىنى ئاچسام ئىچىدە بىر مەرۋايىت مارجان بارئىكەن،ئېيتىڭە بۇ چۈشنىڭ تەبىرى نىمە ؟

-بۈگۈن كەچتە بىلىپ قالىسىز -دەپتۇ.

ئايالى كەچنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپتۇ

ئېرى كەچتە بىر سومكا سوۋغا قىپتۇ، ئايالى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا سومكىنى ئاچسا ئىچىدىن «چۈش تەبىرى» دىگەن كىتاپ چىقىپتۇ.

توي تەكلىپى

يىگىت: مىنىڭ سىزنى ئىزدىشىمدىكى سەۋەپ قىزىڭىزغا توي تەكلىپى قويغىلى كەلدىم .

قىزنىڭ دادىسى: سەن ئايالىم بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىڭمۇ ؟

يىگىت: پاراڭلىشىپ باقسام بۇلىدۇ. لېكىن، مەن قىزىڭىز بىلەن توي قىلغۇم بارئىدى.

ماختاش

ئايالى: كۈچۈكىمىزگە «بايرون» دەپ ئىسىم قۇيايلى دىسەم ئاپام« شائىرغا ھاقارەت قىلغان بۇلىسەن» دەپ ئۇنىمىدى. مەن يەنە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى قۇيايلى دىسەم ئاپام يەنە ئۇنىمىدى.

ئېرى:ئاپىڭىز بەك توغرا دەپتۇ ئېيتىڭە نىمە دەپ ئۇنىمىدى؟

ئايالى : ئىتقا ھاقارەت قىلغان بۇلىسەن دەپ ئۇنىمىدى

پىخسىق

قەلەندەر بىر پىخسىق باينىڭ ئىشىكىنى چىكىپ سەدىقە تىلەپتۇ

باي: ئىككى كۈن تۇرۇپ قالغان تاماقنى ئالامسەن ؟

قەلەندەر:ئالىمەن

باي: ئۇنداقتا سەن ئۆگۈنلۈككە كەل !

ھىكمىتى

ئېرى: تەڭرى نىمىشقا سىلەر ئاياللارنى بۇنداچ چىرايلىق لېكىن ئەخمەق ياراتقاندۇ ؟

ئايالى: بىزنى چىرايلىق ياراتقاچقا سىلەر بىزنى ياخشى كۆرىسىلەر، بىزنى ئەخمەق ياراتقاچقا سىلەرنى ياخشى كۆرىمىز.

 

بۈگۈنكى يۇمۇرىمىز مۇشۇيەردە توختاپ تۇرسۇن. كاللىڭىز ئازراق بولسىمۇ سەگىپ روھى كەيپىياتىڭىز كۈتۈرلۈپ قالغان بولسا يەنە مۇھىم ئىشلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2011- يىل 17- سېنتەبىر 19:53 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    مۇشۇ كۈنلەردە يۇمۇر ھۈجەيرەم بەك…يوق بوپ قالدى، ھىچ كۈلگۈم كەلمىدى، يالغاندىن كۈلەي ئەمدى :grin:

    • ۋاقىت: 2011- يىل 18- سېنتەبىر 00:00 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ھا ھا ھا بىزنىڭ يۇمۇرلىرىمىز سىلىنىڭ يۇمۇر ھۆجەيرىللىرنى ئويغىتالماپتۇدە :mrgreen:

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*