بىرمىنۇت. . .

چوڭ بىركۆلدە ياشايدىغان بىرتاشپاقا كۆلنىڭ بۇيىغا ھەركۈنى كىلىپ تۇرىدىغان بىرجۇپ ياۋاغاز بىلەن دوست بۇلۇپ قاپتۇ. ئاي-يىللارئۆتۈپ، كۈنلەرنىڭ كۆل سۈيى تۈگەپتۇ.تاشپاقا بىرجۇپ ياۋاغاز دوستىغا«مەنمۇ ئۇچالىغان بولسام، سۈيى ئەلۋەك جايلارغا سىلەربىلەن بىللە كەتكەن بۇلاتتىم. . . »دەپ يىغلاپتۇ.

شۇىڭ بىلەن، بىرجۇپ ياۋاغاز مەسلىھەتلىشىپ، ئەپچىل چارە ئويلاپ، تاشپاقىنى بىللە ئېلىپ كەتمەكچى بۇپتۇ: ئۇزۇن بىرشاخىڭ ئىككى ئۇچىنى ياۋاغاز چىشلەپتۇ، تاشپاقا ئوتتۇرنى چىشلەپ ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ. بىرجۇپ ياۋاغاھەرقانداق ئەھۋالدا گەپ قىلماسلىقنى جىكىلەپتۇ. . . ئۇلارنىڭ شۇھالەتتە كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىلار چۇرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ « ھوي تاشپاقا!  سىنىڭ ھالىڭ نېمە دېگەن كۈلكىلىك؟!…»دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. تاشپاقا ئاچچىقىنى باسالماي بالىلارنى تىللىماقچى بۇلۇپ ئېغىزىنى ئېچىشىغىلا يەردىكى قۇرامتاشنى ئۈستىگە چۈشۈپ پارچە-پارچە بۇلۇپ كىتىپتۇ.

بۇمەسەلدە ئىپادىلىگەن ئەھۋالنى بىزكۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كىشىلەرئارسىدا دائىم دىگۈدەك ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز.

پىسخولوگىيەلىك ئانالىز بويچە ئېيتقاندا، ئادەم ئاچچىقلىنىپ ئۆزۈنى كونترول قىلالمىغان ھامان ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمە نىسبىتى نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ، بىرمىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن تىزلائەسلىگە كىلىشكە باشلايدۇ. بۇخۇلاسىدىن چۈشۈنىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، سىزئاچچىقىڭىزكەلگەندە ئاغىزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ بىرمىنۇت جىم بۇلۇۋېلىشنى ، مۆلچەرلىگۈسىز كۈڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلىنىپ قالالايسىز. ئاغىزىڭىزنى چىڭ يۇمۇپ تۇرغان بىرمىنۇت ۋاقىت سىزئۈچۈن ھايات ياكى ماماتنى بەلگىلەيدىغان پەيت بۇلۇش ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋېلىپ بىرمىنۇت جىم بۇلىۋالالايدىغان، ھەمدە ئاشۇ بىرمىنۇتتا زادى نىمە ئۈچۈن ئاچچىقانماقچى بولغانلىقىنى، ئاچچىقلىنىشنىڭ زۆرۈرىيتى، ئەھمىيىتى، پايدىسى بارمۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئويلىيالايدىغان ئادەم دانا ئادەمدۇر.

ئادەم نېمە ئۈچۈن ئاچچىقىنىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا، يەنى باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن نارازى بۇلۇش. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەككى، روھىڭىز ۋە تىنىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ-دە سالامەتلىكىڭىز ئېغىردەرىجىدە زىيانغا ئۇچۇرايدۇ. دىمەك، ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى بەدىلىگە ئۆز-ئۆززىنى جازالاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئادەمنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ئۆزكەيپىياتىنى كونترول قىلىشتا ئىادىلىنىدۇ. ئاچچىقى كەلگەندە ئېغىزىنى باشقۇرالماسلىق، توختىماي سۆزلەش، تىل ياغدۇرۇش، ئۆزگىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىش، ھاماقەتلەرنىڭ قىلىقىدۇر. چۈنكى، بىرىنچى بۇلۇپ ھەمدە بەكىرەك جاراھەتلىنىدىغىنى يەنىلاتىل ياغدۇرماقچى بولۇپ ئاغىزىنى ئاچقان ئادەمدۇر.

ئەجداتلىرىمىز: «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇرئەمەس، ئاچچىقىنى يەڭگەن باتۇر»دەپ ئىنتايىن توغرائېيتقان؛ ئاچچىقى كەلگەندە ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزكەيىياتى بىلەن ھىسابلىشىپ نۇرمال مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى«پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاش» دەپ تەمسىل كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، كەيپىياتى بۇزۇلغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان ئادەم پەلەككە تاقاشقان تاغنى يەلكىسىگە ئېلپ كۆتۈرەلەيدىغان گىگانت ئادەمدىنمۇ كۈچلۈكرەكتۇر.

ئامېرىكا پىسخولوگلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئادەم ھاياتىنىڭ 30% پاسسىپ كەيپىياتقا دۇچ كىلىدىكەن ياكى ناچار كەپىيات ئىچىدە ئۆتىدىكەن.

خارۋارد ئونىۋېرىستېتى يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتاربولغان 1600 نەپەر ئادەنى تەقىق قىلىپ، دائىم ئاچچىقلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرك، مىڭە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى ئۆزىنى كونترول قىالايدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقۇرى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

روھسىزلىق، ئۈمىدسىزلىنىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، جىددىيلىشىش، ئۆپكىسىنى باسالماسلىق، تىت-تىت بۇلۇش، تېرىكىش، چىچاڭشىش، رەنجىش، نارازىلىق، نەپرەتلىنىش، غەيۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، بىزارلىق، غەزەپلىنىش قاتارلىق قاتارلىق پاسسىپ كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بۇلۇپ بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت، جاھاندارچىلىق، قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈنمۇ مۆلچەرلىگۈسىز يوقىتىشلارى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەم ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلمەيدىغان ياۋا توڭگۇز ياكى ياۋا ئات ئەمەس.ئادەم شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. تەربىيەلىنىش ئادەمنى ئۇلۇغلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ. مىجەز-خاراكتىرنىڭ قانداق بۇلىشىمۇ تەربىيەلىنىشكە باغلىق. بىزكەيپىياتىمىز ۋە ھېسياتىمىزنىڭ قۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇنى تاۋلاشقا ماھىربولىشىمىز، تۈرلۈك بېسىم، زىددىيەت، خەيىم-خەتەرۋە كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشنى بىلىشىمىز لازىم.

بىرئادەمنىڭ مىجەز خاراكتىرى شۇ ئادەمنىڭ تەقدىرىى بەلگىلەيدۇ. سىزنىڭ بەخت-ئىقبالىڭىزياكى بەخىتسىزلىكىڭىز ئۆز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىغا پايدىلىق.

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 6 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. جۇغلان
    ۋاقىت: 2011- يىل 17- سېنتەبىر 01:33 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    نەخ ئۆزى، دەل مۇشۇ شۇ بىزلەر بىلمەيۋاتقان، بىلىشىمىزقەتئىي زۈرۈر بولغان ئىشلانىڭ بىرى! ھەقىقى ياخشى تىما بوپتۇ، يارايسىز.

    • ۋاقىت: 2011- يىل 17- سېنتەبىر 02:11 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      پىشقەدەم بۇرادىرىم، ئەزىزمىھمىنىم، شاھزادە ئىنىم قارشى ئالىمەن ھەرۋاقىت ;-)

  2. ۋاقىت: 2011- يىل 16- سېنتەبىر 09:55 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالام دوستۇم، بلوگىڭىزنى بىرقۇر كىزىپ چىقىپ خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم، يازمىلىرىڭىز سەرخىلكەن. ;-)

  3. خانئاي
    ۋاقىت: 2011- يىل 16- سېنتەبىر 04:51 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    قېنى ئالدىنقى يازمىدىكى ئۆتكۈرپىكىرلىك تورداشلار. ئۇلارغا ئىجادى يازمىلا يارامدىكىنە

  4. بەرنا
    ۋاقىت: 2011- يىل 16- سېنتەبىر 04:50 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    نادىر يازمىللىرىڭىزدىن پايدىلنىپ كىلىۋاتىمىز سىزگە قۇرۇق رەھمەتتىن باشقىنى قىلىپ بىرەلمەيدىكەنمىز توختاپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*