بامدات نامىزىدىن يېنىپ مەسچىتتىن چىقىشىمىزغىلا مەسچىتنىڭ ئالدىدا 45 ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر دىھقان تاراملاپ ياش تۆككەن ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى.
جامائەت ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىر ئۇغۇل بالام بارئىدى، بىر يېرىم ياشقا كىرگەن. يۇقاپ كەتكىلى ئىككى ئاي بولدى، ھازىرغىچە ئىز-دىرىكى بولمىدى. ئىزدىمىگەن يەر قالمىدى، دىيەنشى،رادىيو ھەممىسىدە ئېلان قىلدۇردۇم. ئانىسىنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمىگىلى ئۇزۇن بولدى. ئابدۇراخمىنىم دەپ يىغلاپلا ياتىدۇ. ئەزىز جامائەت، بىرەسىڭلا كۆرگەن، ئاڭلىغان بولساڭلا دەپ بەرسەڭلا، پەقەت خەۋىرىنى بەرسەڭلالا بۇ پۇلنى بىرىمەن. 20 مىڭ كوي، ساق 20 مىڭ كوي پۇل.
قۇلىدىكى ئىككى باغلام پۇلنى ئەتىراپقا ئۇزاتتى. جامائەتتىن ھېچ بىر سادا كەلمىدى.
ئىمام ئالدىغا چىقىپ
- قېنى جامائەت بۇ كىشىنىڭ بالىسىنىڭ تىزراق تېپىلىشىغا دۇئا قىلايلى
جامائەتنىڭ قول كۈتۈرىشى بىلەن تەڭ بۇ كىشىنىڭمۇ نالە – زارى باشلىنىپ كەتتى.
بار يۇقى بىر ئوغلۇم ئىدى خۇدا !
ئوغلۇمنى ئېلىپ كەتكۈچە جېنىمنى ئېلىپ كەتكىن خۇدا
ئۈزۈڭ خالاپ بەردىڭ مىھرىگە قاندۇرماي ئايرىۋەتتىڭ خۇدا
ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەرگىن! ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەرگىن خۇدا!
بۇكىشىنىڭ ئاھۇ زارىغا چىدىغىلى بولمايتتى جامائەت دۇئادىن يېنىپ بىر ئېغىزدىن تەسەللى قىلىشىپ قايتىشتى .
يېقىندىن بىرى ھەقىقەتەن بالا ئىزدەش ئېلانلىرى كۈپىيىپ قالدى. سىم تۈۋرۈكلىرى، يول ياقىسىدىكى ئېلان قەغەزلىرىنىڭ يېرىمى بالا ئېزدەش ئېلانى ئىدى. بۇرۇنقىدەك ئۇبدان رازى قىلنىدۇ دىمەي 10 مىڭ 20 مىڭ 30 مىڭغىچە سۈيۈنچە نەق بىرلىدۇ دەپ يېزىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
يۈتكەن بالىلارنىڭ چۇڭى بەش ياشتىن تۈۋەن، كىچىكلىرى بىر يېرىم ياش، ئىككى ياشلارغىچە. ئادەمنى ئېچىندۇردىغىنى بىر يۇقاپ كەتتىمۇ زادى چىقمايدىغان بۇلىۋالدى. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ ئۆيدىن چىقارمايدىغان بۇلىۋالدى. ئۆي بالىلارغا قەپەس بولدى. ئۇلار سىرتقا دېرىزىلەردىن تەلمۈرۈپ قارايتتىيۇ چىقالمايتتى. قۇياشنىڭ ھارارىتىدىن، سىرتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، ئاسماننىڭ زۇمرەتتەك كۆكلىكىدىن ھوزۇرلىنالمايتتى. چۇقىرشىپ، ئۈزىنى ئۇنۇتۇپ ئوينىيالمايتتى.
ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا بىرلا ئېغىز گەپ «بالا ئوغۇرلىرى ئاۋۇپ كەتتى»
بالا ئوغۇرلىرى ئەنە شۇنداق يامان نىمىلەرمۇ ؟ ئۇلارنىڭ تاناۋىنى تارتىدىغان، پېيىنى قىرقىدىغانلار يوقمۇ؟
جەمىيەت چەتنىڭ كىنو-فىلملىرىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلارغا مۇھتاج بۇلۇپ قېلىۋاتامدۇ؟
بالىڭىزنى تاپالمىغاندا دەرھال پەيسونى يادىڭىزغا ئالىسىز، ئۇلار بىرنىمىلەرنى خاتىرلىۋالغاندىن كىيىن يىپ ئۇچىغا ئېرىشسە سىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا سالىدۇ.
ئۇلارنىڭ باللىرى يېنىدا سىز بىلەن پەرۋايى پەلەك، سىزدەك يىغلاپ يالۋۇردىغان، تىزلىنىپ يىغلايدىغانلارنى تۇلا كۈرۈپ يۈرىكى قېتىپ كەتكەن.
يىپ ئۇچى پۇتىغا پۇتلاشمىسا ئەسلا يادىغا يەتمەيدۇ، پۇتىغا پۇتلىشىپ بېقىنىغا ئۈسكەندە تۇتسىمۇ بىردەمدىلا يۇقۇردىن ئىگىسى چىقىدۇ دە ساقچىلارنىڭ ئالدىدىن رامبودەك مېڭىپ چىقىپ كىتىدۇ.
قانچىلىغان ئاتىلارنىڭ باغرى قان ؟ قانچىلىغان ئانىلارنىڭ كۈزى بىر يىل ئىچىدىلا پاختىدەك ئاقىرىپ بۇلاققا ئايلىنىپ قالدى؟
مانا مۇشۇنداق ئىگىسىز «ساغلىق»قا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىز. ئەمدىلا پۇتى تىكلەنگەن قۇزۇللىرىمىزنىڭ تىرىسىدە «چىرا تەلپىكى» تىكىپ كىيشىۋاتىدۇ.
بالا پىراقىدا ئانىلارنىڭ كۈزى كۆرمەس، ئاتىلارنىڭ بىلى رۇسلانماس بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ.
پەيسونىڭ ئالدىغا يىغىلىپ قالغان ئادەملەرنى كۈرۈپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقماق بۇلۇپ مەنمۇ قىستىلىپ ئارىغا كىردىم.
-بالا ئوغۇرلاپتىكەن تۇتۇۋاپتۇ دىدى بىرى ئارىدىكىلەردىن
رىشاتكىدىن ئېسىلىپ ئچىگە قارىدىم . ئىشىكنىڭ ئالدىدا 45 ياشلاردىكى بىر ئايال بىلەن 4 ياشلاردىكى بىر قىز تۇراتتى ، قىز يالاڭ باش بۇلۇپ بەزى يەرلىرىنىڭ چېچى يوق ئىدى.
-ئۇرۇپ چېچىنى يۇڭدىۋېتىپتۇ دىدى تۇتۇۋالغاندا نەق مەيداندىن كۆرگەن بىر ئايال .
بۇ خەۋەر تىزلىكتە تارقاپ پەيسونىڭ ئالدىغا بىرمۇنچە ئادەم يىغىلىپ كەتتى. ھەربىرىنىڭ مۇشلىرى تۈگۈلگەن، غەزىپى چىرايىغا تىپىپلا تۇراتتى.
-پەيسودىن قۇيۋىتىدۇ ئۆلتۈرۋەتسەك بۇلىدۇ. دەيتتى بىرى ھومىيىپ
يەنە بىرى ماڭا قۇيۋەتسە چانىۋەتسەم دەيتتى
پەيسودىن بىرنەچچە قېتىم تارقاپ كىتىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئادەم تېخىمۇ ئاۋۇپ كەتتى.
پەيسودىكىلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلالماسلىقىنى پەمىلىدى بولغاي بىرماشىنا ئەكەلدۈرۈپ، قىز بىلەن ئايالنى ماشىنىغا سېلىپ يىغىلىۋالغان ئادەملەرنى بۆسۈپ چىقىپ كەتتى.
-ئارقا تىرىكى كۈچلۈك بىردمدىلا قۇيۋىتىدۇ
-ئا قىزنى قۇتقۇزالىسىلا مەيلىتتىغۇ
-ساقچىلارما قۇتقۇزالماسما
-ساقچىلارنىڭ باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئادەم بىدىكلىرىنىڭ دىگەندەك پاراڭلار بىلەن تارقاشتى.
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى