1_130110194407_4

(ھېكمەت مۆئىمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، ئۇنى قەيەردە تاپسا ئېلىۋېلىشقا ھەقلىق) دېگەن ئىكەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم. شۇنداق ھېكمەت ئۇ تۇرمۇشىمىزنى بېيىتىدۇ، قەلبىمىزنى گۈللەندۈرىدۇ. باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش تەجىربىللىرى بىلەن ئورتاقلىشالايمىز.

شۇنداقلا بۇ  بىزگە ھەقسىز دەرىستۇر. ھاياتلىق خەرىتىسىدۇر. مەنمۇ نۇرغۇن يەردىن ئېرشەلمىگەن قەلب ھۇزۇرىغا مانا مۇشۇنداق ھېكمەتلەردىن ئېرىشىمەن. ئۇلارنى تۇرمۇشۇمغا تەتبىقلاشقا تىرىشىمەن. ئۆزگىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەزگەن تەجىربىللىرىدىن پايدىلنىمەن. باشقىلارغا قىلغان نەسىھەتلىرىمدە، تەسەللىلىرىمدە مىسال ئالىمەن. شۇنداق ئۆزگىلەرگە بەرگەن تەسەللىدە ئۇلار چۈشۈنۈپ بۇلالمايدىغان، ھەزىم قىلىپ بۇلالمايدىغان كىتابى گەپلەرنى قىغلاندىن كۆرە مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشتىكى ئاددى مىساللار بىلەن تەسەللى قىلساڭ ئۇلارغا بەكىرەك ياقىدۇ، قۇبۇل قىلالايدۇ. خوش … بۈگۈنمۇ يەنە تۇرمۇش تەجىربىللىرىمدىن 22 جۈملە ئېلىپ كەلدىم.  قېنى بۇ ھىكمەتلەرنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان قېرىنداشلىرىم   مەرھەمەت …

تۇرمۇشتىكى 22 ھېكمەت

1. ئەرزان ئۆيدە ئولتۇرسىڭىزمۇ، ئەرزان ماشىنا ھەيدىمەڭ !

2. دوستىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ .

3. دوستىڭىزغا سىرىڭىزنى ئاشكارىلاشنىڭ ئالدىدا ، ئۈچ قىتىم ئويلىنىڭ .

4. سىزگە مائاش بىرىۋاتقان ئادەمنىڭ مەڭگۈ يامان گىپىنى قىلماڭ .

5. لايىق تاللاشتا ئىنتايىن ئىھتىيات قىلىڭ، چۈنكى ئۇ كىيىنكى ھاياتىڭىزدا بەخىتلىك بولۇش بولالماسلىقىڭىزدا 90% رول ئوينايدۇ .

6.ئەزەلدىن زىيان تارتىپ باقمىغان ئادەمدىن ئىھتىيات قىلىڭ .

7. ھەر كۈنى يىرىم سائەت پىيادە مىڭىڭ.

8. جىددى قۇتقۇزۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .

9. سىزنى سۆيىدىغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭمۇ غىمىنى قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .

10. ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .

11. بالىڭىز ئادىللىق ۋە مۇكەممەللىكنى ئويلىغىنىدا، دەرھال سىزنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان بولسۇن .

12. قاتمۇ ـ قات قىيىنچىلىقتا قالسىڭىزمۇ ، ئامال قىلىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە بولۇڭ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاشۇ ئەسلىمىڭىز بىباھا گۆھەر بولۇپ قالىدۇ.

13. ساياھەتكە چىققاندا ، سومكىڭىزغا ئىسمىڭىز خۇسۇسى تېلفۇنىڭىز  ، دوستىڭىزنىڭ تېلفۇنى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىڭىز يىزىلغان كارتىنى سىلىۋىلىڭ .

14 . كۈندە ئالتە ئىستاكان سۇ ئىچىڭ .

15. مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشكەندىن كىيىن ، تىنىچ ئولتۇرۇپ كۆڭلىڭىز خاتىرجەممۇ ئەمەسمۇ ، تىنىڭىز ساغلاممۇ قانداق ، قەلبىڭىز مىھىر ـ مۇھەببەتكە تولغانمۇ ئەمەسمۇ ئويلىنىپ كۆرۈڭ .

16. ھەر يىلى باھاردا بىر تۈپ كۆچەت تىكىپ قويۇڭ .

17. ياخشى ئويلاپ بىقىڭ : نىكاھنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا باغلىق؛ بىرى ياخشى ئادەمنى تىپىش،يەنە بىرى ئۆزىمۇ ياخشى ئادەم بولۇش .

18. بىراۋنى ئەيىپلەشتىن بۇرۇن ئىچىڭىزدە ئونغىچە ساناق سانىۋىلىڭ .

19. ھەر كۈنى ئائىلە ئىشلىرىڭىز بىلەن شۇغۇنلىنىپ تۇرسىڭىز نىكاھىڭىز مۇستەھكەملىنىدۇ .

20. باشقىلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلغاندا بالىڭىزمۇ ئاڭلىسۇن .

21. بىر ئىغىز دوستانە سۆز ياكى كىچىككىنە بىر ياخشى ئىشنىڭ رولىنى تۆۋەن چاغلىماڭ .

22. بىلىشىڭىز كىرەككى بەخت مال ــ دۇنياغا ، ھوقۇققا ، تەقى ـــ تۇرقىغا باغلىق بولماستىن ، بەلكى سىزنىڭ

ئەتىراپىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىڭىزغا باغلىق .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*