111139tkwicwmcwwys8mks

كىم سېنى بۇرۇنقى جايدا كۈتىدۇ

سەھەردە ئويغىنىپ،  ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتقىنىمچە، ئۈزۈمنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە كۆرگەن چۈشلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم:

-مەن چۈشۈمدە سىز بىلەن بىكەتتە بىللە تۇرغۇدەكمەن. بىز ماڭا-ماڭا ئازغىشىپ كىتىپتۇق. كۆزئالدىمدا چەكسىز ئادەم دېڭىزى، ھەرقانچە قىلىپمۇ سىزنى تاپالمىغۇدەكمەن. مەن نىشاننى تازا ئىنىق پەرىق ئىتەلمەيمەن سىزمۇ بۇنى بىلىسىز، ھەتتا جەنۇب بىلەن شىمالنىمۇ ئايرىيالمايمەن. سىزنى يۇقىتىپ قويغاندىكى ئۇخىل تۇيغۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ساراسىمىگە سالىدىكەن.

ئۇمىنىڭ بېشىمغا بوش ئورۇپ قۇيۇپ:

-ئەخمەق، بىز ئايرىلىپ كەتمەيمىز. ناۋادا ئايرىلىپ كەتسەكمۇ، مەن سىزنى يەنىلا بۇرۇنقى جايدا ساقلايمەن،-دېدى.

ئايرىلىپ كەتسەكمۇ، مەن بۇرۇنقى جايدا ساقلايمەن-مانا بۇ ئەڭ يېقىملىق مۇھەببەت قەسىمى. بىراق، مۇھەببەت سەپىرىدە سىزنى بۇرۇنقى جايدا ساقلايدىغانلار راستىنلا بارمۇ ؟

جاڭ ئەيلىڭنىڭ« يېرىم ئۆمۈرلۈك قىسمەت» ناملىق ھىكايىسىدە، گومەنجېىن ئىلگىرى شېن شىجۈنگە شۇنداق دېگەنىدى:« سىزگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويايكى، بۇ دۇنيادا، مەيلى قايسى ۋاقىت، قانداق جاي بولسۇن، ھامان بىر كىشى سىزنى ساقلايدۇ، شۇنداق بىرسى ھامان بار بۇلىدۇ.» بىراق، تەقدىر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، مۇھەببەتنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىدا ئىككىسى نۇرغۇن يىل پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپ قايتا ئۇچراشقاندا، مەنجىن ئىلاجىسىز ھالدا شۇنداق دەيدۇ:«بىز ئارقىمىزغا قايتالمايمىز!»

يىللارنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرىدا نەچچە يىللىق چوڭقۇر مۇھەببەتتىن پەقەت چۈشتەك سايىلا قالغان ئىدى. ئىلگىركى ئۈزۈلگەن رىشتىنى ئۇلىماق تولىمۇ تەس ئىدى، قايتا ئۇچراشقاندا ئۇلار تامامەن ناتۇنۇش كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇزاق يىللار ئازاپلىق كەچۈرمىشلەردىن كېيىن، ھەممە نەرسە ئۆزگەرگەچكە، كىشىلەر بۇرۇنقى ئۆتمۈشىگە قايتالمايدۇ. بارلىق مۇھەببەت-نەپرەت، ئايرىلىش-ئازاپلارنىڭ ھەممىسى زېرىكىشلىك، چۆلدەرەپ قالغان ۋاقت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتلىرىگە سىڭىپ كېتىدۇ.

كىم سىزنى بۇرۇنقى جايدا ساقلايدۇ؟

ۋاقىت ئادەمنىڭ تۇرقىنىمۇ، كەيپىياتىنىمۇ ئۆزگەرتىدۇ، ئەسلىدىكى مەنزىرىمۇ ئاللىقاچان يۇقالغان بۇلىشى مۇمكىن. ئېھتىمال ئۇزاق يىللاردىن كېيىن، قالغىنى پەقەت تۆكۈلگەن ياپراقلار بىلەن تولغان بىرپارچە چۆلدەرەپ قالغان زىمىندۇر.

شۇجىڭلېي باش رول ئالغان« مۇھەببەت قاچانغىچە داۋاملىشار» كىنودا بىرسى شۇنداق سورايدۇ:« بىرئادەمنى ياخشى كۆرسە قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بۇلىدۇ؟ نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن، مەن يەنىلا بۇرۇنقى جايدا تۇرالارمەنمۇ ؟ سىزنىڭ مىنى ياخشى كۆرىشىڭىزنى كۈتەلەرمەنمۇ؟»  ئايرىلغاندىن كىيىنكى مۇھەببەت گويا ئۈزۈلمەس قەسەملەرنى بىرتوپ شامال كۆككە ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ.

قېنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. سىزھەقىقى سۆيگىنىڭىزدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىز، ئۇسىزنى يەنىلا ئۆمۈربۇيى بۇرۇنقى جايدا ساقلارمۇ ؟

مېنىڭچە، ھېچكىمدە ئۇنچىلىك جاسارەت يوق. شۇنداق بولغان ئىكەن، يەنىلا ئالدىغا قارىغان، يىڭى بىر قولنىڭ يىتىلىشىگە قول بەرگەن ئەۋزەل !

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2012- يىل 31- دېكابىر 21:42 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*