رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى: مىنىڭ ساھابىللىرىمنى تىللىغان كىشىگە اللەنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ، ئىنسانلارنىڭ لەنىتى بولسۇن !
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى:كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ دەۋىرىمدىكى كىشىلەردۇر(ساھابىلار)، ئۇنىڭدىن قالسا مىنىڭ دەۋىرىمدىكى كىشىلەربىلەن ئۇچۇراشقانلار(تابىئىنلار)، ئۇنىڭدىنمۇ قالسا دەۋىرىمدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچۇراشقانلاربىلەن ئۇچۇراشقانلاردۇر(تەبئى تابىئىنلار).
راس گەپ قىلسام ماۋۇ ھەدىسنىڭ ئايىغىنى قاملاشتۇرالمىدىم. لوغەت ئىزدەش خوش ياقمىدى ۋاقىت بولسا كىيىن تۇلۇقلاپ قۇيارمەن. تەرجىمىسىنى قىلالايدىغانلار ئىنكاس قالدۇرۇپ قويساڭلار تۇلۇقلاپ قۇيىمەن
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى: اللەقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم ئەنسارىلارغا ئاچچىقلانمايدۇ.
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى: ئەي اللە ھەقىقى ھاياتلىق باقى ئالەمدۇر، ئەنسارى ۋە مۇھاجىرلارغا مەغپىرەت قىلغىن !
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى: ئەنسارىلارنى مۆئىمىنلار سۆيىدۇ، مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ. ئەنسارىلارنى سۆيگەن كىشىنى اللە سۈيىدۇ، ئەنسارىلارنى يامان كۆرگەن كىشىنى اللە يامان كۆرىدۇ.
( ئەي رەببىم قەبرىدىن تۇرغىنىمدا ئەنسارىلاربىلەن بىر سەپتە تۇرۇش شەرىپىگە نىسىپ قىلغىن …روھچىن)
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى: ئەرلەرنىڭ كامىلراقلىرى كۆپتۇر، ئاياللاردىن؛ ئىمراننىڭ قىزى مەريەم، پىرئەۋىننىڭ ئايالى ئاسىيە، ۋە ئائىشەدىن باشقا كامىل ئاياللار يوقتۇر، ئائىشەنىڭ پەزىلىتى قۇناق تائاملىرى ئارسىدىكى بۇغداي تامىقىغا ئوخشاشتۇر.
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى:كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ دەۋىرىمدىكى كىشىلەردۇر(ساھابىلار)، ئۇنىڭدىن قالسا مىنىڭ دەۋىرىمدىكى كىشىلەربىلەن ئۇچۇراشقانلار(تابىئىنلار)، ئۇنىڭدىنمۇ قالسا دەۋىرىمدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچۇراشقانلاربىلەن ئۇچۇراشقانلاردۇر(تەبئى تابىئىنلار).
ئەنەس ئىبنى مالىك اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ئەيتۇرلەركى: مەن رەسۇلۇاللە( س ئە ۋ) نىڭ : ئائىشەنىڭ ئارتۇقچىلىقى؛ قۇناق تاماقلىرى ئارىسىدىكى بۇغداي تامىقىغا ئوخشاشتۇر.دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ماۋۇ ھەدىسنىڭ ۋەزنى سەل ئېغىر ئىكەن، تۇلۇق چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغاچقا تىل يۈگۈرتمىدىم.
رەسۇلۇاللە (س ئە ۋ) ئېيتۇرلەركى: ھەسەن ۋە ھۇسەيىن، جەننىتى بولغان ياشلارنىڭ بېشىدۇر.
ھەي … تەرجىمىدىن خېلىلا چىقىپ قاپتىمەن. ئەرەپچە شىئىرلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ يادلاپ يۈرەتتىم
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى