093036ajjbts51mbfbsbbb

©       سىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئادەم : سىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئادەم سىزنى يۇقىتىپ قويغان بۇلىدۇ، ھەرگىزمۇ سىزئۇنى يۇقىتىپ قويمىدىڭىز. ئايرىلىشى، بەلىكم كىيىنكى ئاچالدا تېخىمۇ ياخشى ئۇچرىشىش ئۈچۈندۇر.«ئايرىلىش، ھاياتتا ئىنتايىن كۆپ ئايرىلىشلار بۇلىدۇ. تەقدىردە پۈتۈلۈپ كەتكەن ئايرىلىشلارغا ئامال يوقتۇر»

©       ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت: ۋاقىت ئېقىن سۇدىنمۇ تىز ئۆتۈپ كىتىدۇ، شۇڭا قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزغا ئالدىراڭ! ئادەم ئۆمۈرىدە ھېچ بولمىغاندا ئۆزىگە يۈز كىلەلىشى كىرەك. ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئامالسىزلىق ۋاقىتتۇر.

©       ئالدىڭىزنى تۇسۇپ تۇرغان تام: بەلكىم بۇ تام سىزنىڭ نەپسىڭىزنى بۇغۇپ قۇيىشى مۇمكىن، بەلكىم سىزنى ھەممىدىن مەھرۇم قۇيىشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنى سۈكۈت ئىچىدە قۇبۇل قىلسىڭىز ئۇنداقتا، ئالدىڭىزدا تۇرغىنى يەنىلا شۇ تام بۇلىدۇ، ئەگەر سىز بىلىڭىزنى رۇسلاپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ خىيالىڭىزدىكىدەك ئۇنچىۋىلا ئۇسال ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.« ھەرگىز ئارقىڭىزغا قايتماڭ ! ئارقىغا قايتسىڭىز، ئاخىردا قايتقۇدەك يىرىڭىز قالمايدۇ! ھاياتلىقتا ئالدىڭىزدا قات-قات تاملار بىلەن تۇسۇلغان ئاتلاپ ئۆتمەكتىن باشقا ئامالىڭىز يوقتۇر)

©       تاللىغىلى بولمايدىغان تۇغۇلۇش: بەزىلەر تۇغۇلىشىدىن خان بۇلىدۇ، بەزىلەر تۇغىلىشىدىنلا ئاق سۆڭەك بۇلىدۇ، دۇنيادا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسە يوق، سىز ئۆزگەرتىشنى خالىسىڭىز تېخىمۇ شۇنداق،« بارلىق مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش جەريانى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق».

©       غەلىتە يالغۇزلۇق: مەيلى ئالى جانابلار بولسۇن ياكى پەسكەشلەر بولسۇن، ھەرقانداق كىشى يالغۇزلۇق ھېسياتىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشى، دائىم ھېچكىم بىلمەيدىغان يالغۇزلۇق ئىچىدە چۆرگىلەپ ئۆتۈشى مۇمكىن.« ھەقىقى سىرداش دوست تاپماق تەس»

©       مەجنۇنلارچە ياخشى كۆرۈش: بۇ بىرخىل شىرىن تەملىك زەھەر، تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغان بىرنەرسە. ئەمما، ياخشى كۆرۈش يەنىلا ياخشى كۆرۈش، ئۇ سۆيگۈ ئەمەس.« ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن كىشىلەر تەرپىدىن ياخشى كۆرۈلىدۇ ھەم نۇرغۇن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، تاللاش بىرلا پەقەت بىرلا قېتىم بولىدۇ. مۇھەببەت قانچىلىك ئادەمنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ، قىسقىغىنا ھاياتتا، دەل توغرا ۋاقىتتا يەنە قانچىلىك ئادەم ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيدۇ …؟»

©       ئامالسىز ئۇنتۇش: بىزئۆمۈربۇيى ئۇنىتمايمىز دەپ قارىغان نۇرغۇن ئىشلار، دەل بىز ياد ئىتىپ تۇرغان كۈنلەردە، ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىدۇ.ھاياتتا دائىم ئەسلىمە بولغانلىق سەۋەبىدىن، بىرخىل گۈزەللىك ئارتۇق بۇلۇپ قالغان.پات-پات ئەسلەپ تۇرۇش، مەڭگۈ ياد ئىتىشتىن ئۈستۈن تۇرغان كۈنلەربارغانسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ.

©       مەڭگۈلۈك ئۆتمۈش:  بىر دەقىقە كىينكى بىردەقىقىنىڭ ئۆتمۈشى، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھامان يۇقىتىپ قۇيىمىز، شۇڭا، بىزنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىمىز ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ قالماسلىقتۇر. مۇنداق بىرگەپنى ئاڭلىغان ئىدىم« دائىم ئۆتمۈشنى كۆزئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن ۋاقتىڭىز، سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان ۋاقتىڭىزدۇر» شۇڭا، گۈزەل ئۆتمۈشنى ئەسلەپ تۇرۇشقا بۇلىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا تارتىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ. مەڭگۈ ئىنتىلىش كىرەك، مەڭگۈ ھازىر ئۈچۈن تىرىشىش كىرەك.

©       باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى: ئېغىز باشقىلارنىڭ، قۇلاق ئۆزىڭىزنىڭ. نېمە دىيىش ئۇلارنىڭ ئىشى، ئاڭلاش، ئاڭلىماسلىق سىزنىڭ ئىشىڭىز. بۇلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يۈزلىنىشنى ئۈگۈنىۋېلىشىمىز كىرەك، ئۇنچە ئىرەن قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

©       ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۆلۈم: ياشاش بىرجەريان، ئۆلۈم بولسا مۇقەررەر نەتىجە، ئەمما ئىز ئۆزىمىزنىڭ رەڭدارلىقى، ۋە ھارارىتىدۇر. ئۆلۈمدىن ساقلانغىلى بولمىغان ئىكەن قورقۇش تېخىمۇ ھاجەتسىز. ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بۇ قازا ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىش كېرەك

خۇلاسە

©       ھاياتتا تىرىشچانلىق ئارقىلىقلا ھەممىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

©       نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىمىز.

©       پەقەت سىزلا ئەمەس مەن ۋە باشقىلارمۇ ئوخشاش.

©       ۋاقىتنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلسەك قايغۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

©       ھېسياتنى مەجبۇرلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلسەك، بىرەركىم ئۈچۈن جاندىن كىچىپمۇ يۈرمەيمىز.

©       ئۇنتۇشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى بىلسەك، بىردەملىك ئۇنتۇش ئۈچۈن مەيۈسلەنمەيمىز.

©       ئۆتمۈشنىڭ ھامان مەۋجۇتلىقىنى بىلسەك، ئۇنى يۇشۇرۇپ ياكى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرمەيمىز.

©       يالغۇزلۇقنىڭ ھامان سايىدەك ئەگىشىپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلسەك، بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنى كونترول قىلالماي قالمايمىز.

©       ئۆلۈمنىڭ ھامان يىتىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلسەك، ھازىرنى چىڭ تۇتالايمىز.

©       بۇلارنى بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنى مەجبۇرى قىيناپ يۈرمەيسىز، كۆڭلىڭىزنى قۇيۋەتسىڭىز ھەممىسى ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ.

©       كۆڭلىڭىز ئاددى بولسۇن، ئۆزىڭىزگە ئۇنچە كۆپ تۈگۈنلەرنى چىگىۋالماڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشىدۇ.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 6 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2012- يىل 30- دېكابىر 06:59 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ھىم … بۇمۇ ياخشىكەن … ماڭا يارىدى …..ماڭا ئادەتتە كۆپ نەرسە ياراپ كەتمەيتى جۇما دەپ قۇياي…ھە ..بىراق بۇ زە …زاغىر تىلىم دىسەم دەھشەت … ئىكەن … :arrow: :| :x

  2. مەدينە
    ۋاقىت: 2012- يىل 27- دېكابىر 01:27 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    شۇنىڭ ئۇچۇن باشقا تەخەللۇس قوللانسام يەنە تۇنۋاپتىلا ھە …….؛.؛.؛
    ئوقۇپ ئنكاس بەرگۇم كەلدىي ……….

  3. مۇھسىنە
    ۋاقىت: 2012- يىل 26- دېكابىر 11:30 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماشا – ئاللاھ بەك ياخشى يىزىپلا

  4. مەدينە
    ۋاقىت: 2012- يىل 25- دېكابىر 13:26 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    بۇلارنىي پەقەت ئوقۇيمىز لىكىن ئۇزگە كەلگەندە ئەمەك قىلماق تەس.
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ياخشي ئەسكەر تىش ياخشي يازما ئۇچۇن

    • ۋاقىت: 2012- يىل 25- دېكابىر 20:30 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خوش كەپتىلا كىچىدىن تېلفۇنغا ئىنكاس يازغانلىق ئۇچۇرى كەپتىكەن. ئىنكاسلىرىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ئۇخلاپ قالغانتىم، تاڭ ئاتقۇچە سىلىنى چۈشەپ چىقىپتىمەن. ئاجايىپ ھە …

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*