Gangnam style ℃574

Gangnam stayle

يېقىندا پۈتۈن دۇنيادا سەنئەت ساھەسىگە ئوت قۇيۋەتكەن، كوريەنىڭ gangnam style ناخشىسنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئات مىنىش ئۇسۇلىنى كۆرۋېتىپ، سەھنىگە يېقىن تۇرۋالغان بىر ئايالىنڭ،  بىر قۇلىدا سېرىق ياغلىقتەك بىرنەرسىنى بېشىدىن ئىگىز كۈتۈرۈپ ئايلاندۇرۇپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ھالدا سەھنىدە ئوينىلىۋاتقان ئات مىنىش ئۇسۇلىنىڭ مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ، سەكرەۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ھازىرغا كەلگۈچە بىرە قېتىم ئاشۇنداق تۇيغۇدا بۇلۇپ باققان ۋاقتىمنى ئەسلەپ باقتىم. ئەمما، ئېسىمگە ئالالمىدىم.

مىنىڭمۇ تۇرمۇشتا ياقتۇردىغان نەرسىللىرىم، قىزىقىشلىرىم، ئارزۇلىرىم بار. ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرگە ئېرىشكەندە، مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا خۇشال بۇلىمەن. مىنىڭمۇ بارلىق غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقلارنى ئۇنۇتۇپ، ئىچ-ئىچىمدىن چىقىرىپ ھاياجانلىنىپ باققۇم بار. بىردەم بولسىمۇ ئايىغىنى چىقىرىپ بۇلالمىغان بىر تالاي خاپچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ باققۇم بار. بېسىم يوق، غەم يوق كۈننىڭ قانداق ئۈتىدىغىنىنى ھېس قىلىپ باققۇم بار. ئەمما ئەقلىمگە كەلسەم قۇرساق غېمىدا ئىكەنمەن، قۇرساق غېمى ھەل بولماي تۇرۇپ تۇرمۇش غېمىغا چۈشۈپ قالدىم، تۇرمۇش غېمى ئاسان ھەل بۇلىدىغان غەم ئەمەسكەن. مانا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تۇرمۇش غېمىنى ھەل قىلىمەن دەپ چېپىۋاتىمەن. بۇ يولنىڭ ئاخىرغا قاچان چىقىمەن، قاچان ئۈھ ! تۇرمۇشنىڭ غېمى تۈگەپتۇ، دەپ ئارام ئالارمەن. ئەمما ھازىرغىچە بىرە ئادەمنىڭ بۇ  تۇرمۇشنىڭ غېمىنى تۈگەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بەلكىم مەنمۇ تۈگۈتەرمەن. تۇرمۇشنىڭ غېمىنى تۈگۈتۈپ  غەم-ئەندىشىلەردىن خالى ئۆزۈمنى ئۇنۇتۇپ بىر سەكرەپ باقاي دىگەندە پۇتۇمنى كۈتۈرگۈدەك ماغدۇرۇم قالماس. ئاللا بۇرۇن ئۈچۈنچى پاچاقنىڭ ياردىمى بولمىسا قەدەم ئالالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالارمەن. مىنىڭ ئۆزۈمنى ئۇنۇتۇپ ھاياجانلانغۇدەك پۇرسىتىم مەڭگۈ كەلمەمدۇ ؟ ئىنسانلار يارىلىشتا باراۋەر دەيدىكەن ئۇنداقتا مىنىڭ ئۇ ھۇقۇقۇم نىمىشقا يوق ؟ ئارزۇ بەزەن ۋاقىتتا ئادەم ئالدايدىغان نەرسە ئىكەن، ئۇ ھازىرقى ھالىتىڭ ھەققىدە ئويلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەي كەلگۈسىدىكى بىر نىشاننى كۆرسىتىپلا تۇرۋالىدىكەن، سەن شۇ ئارزۇيۇڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى ئۇنۇتۇپ، ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىپ تىرىشىدىكەنسەن. ئەمما ئۇ ئارزۇغا يەتكەندە ئاللا بۇرۇن سىنىڭ ۋاقتىڭ ئۆتكەن بولىدىكەن. خۇددى بىر تۈپ ياڭاقنى تىكىپ، ئۇنىڭ چوڭ بۇلۇپ،  مىۋە بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىپ، توختىماي پەرۋىش، قىلىپ نەچچە يىللىق كۈچۈڭنى، ۋاقتىڭنى، ياشلىقىڭنى سەرىپ قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈپ مىۋە بەرگەندە، ئارام خۇدا ئولتۇرۇپ ياڭاق يەيدىسەڭ، قۇلۇڭدا ياڭاق چاققۇدەك ماغدۇر قالمىغاندەك بىر ئىش ئىكەن.

 ئويلاپ قالدىم ھازىر مانا شۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنى ئۇنۇتقۇدەك خۇشاللىق يوقمۇ ؟ خۇشاللىق بولمىسا بار نەرسىلەرگە خۇشال بولسام بولماسمۇ ؟ ياشاشنى بىلىش دىگەن چۇقۇم ئارزۇيۇڭغا يەتكەندە ئاندىن خۇشال بۇلىمەن دىمەي، بار نەرسىلەرگىمۇ خۇشال بۇلۇشنى بىلىشنى كۆرسىتەمدىغاندۇ ؟ راست ھازىرقى ھالىتىمدە ھېچ بولمىغاندا بىر سائەت بولسىمۇ غەم-بېسىملارنى ئۇنۇتۇپ بېقىشقا نىمىشقاتىرىشمايمەن،  ئون مىنۇت بولسىمۇ ئۈزۈمنى ئۇنۇتۇپ سەكرەپ باقمايمەن. بەلكىم ئاشۇ سەكرەۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ھېچقانداق غېمى يوق ئەمەستۇر،  بەلكىم غەمنى قانداق ۋاقىتتا يىيىشنى، قانداق ۋاقىتتا سەكرەشنى بىلىدىغاندۇ . . . ؟

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. چاتاقچى
    ۋاقىت: 2012- يىل 4- دېكابىر 04:49 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ماۋۇ تىما بىر ئايدىن كىيىن يوللىنىدىكەن ئەسلى :mrgreen:

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*