مۈشۈك پوقى 1-نومۇر


 

- ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېر(A780)


1- ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېر(A780) مەھسۇلات ئىسمى: 1-ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى مەھسۇلات تىپى: Algha Tab A708 مەھسۇلات باھاسى: 850يۈەن خەلق پۇلى ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى ——————————————————————————– بارلىق مەشغۇلات يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى TFT سېزىمچان ئېكران ئۈستىدە چەكمە شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرچە Android ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەشغۇلات سىستېمىسى قوللىنىلغان، Wi-Fi سىمسىز تور مۇھىتى ئارقىلىق توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈشنى بىمالال قوللايدۇ.(…)

تەكەببۇرلۇق


مەغرۇرلانغۇچى تالاي جازالارغا ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىكى چىداشلىق بېرىش ئەڭ تەس بولغان جازا شۇكى، مەيلى ئۇلار قانچىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىدە ھازىرلىغان بولمىسۇن، ئۇنى كىشىلەر ياخشى كۆرمەيدۇ. مۇبادا، ھېچكىممۇ ئۆزىڭىزگە يەتمەيدىغاندەك ئويلىسىڭىز، بۇ ئوي خاتادۇر. بىراق، سىز كەم دېگەندىمۇ بىرەرسىدىن ئارتۇق تۇرىمەن، دەپ قارىسىڭىز تېخىمۇ خاتالىشىسىز. مەغرۇرلانغۇچى باشقىلارغا ئىش ئۆگىتىشكە ئالدىرايدۇ-يۇ، ئۆزى ھەققىدە ئويلانغۇدەكمۇ ۋاقتى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق ئادەملەر(…)

سوتلاش ۋە جازالاش


ئەسكى ئىش قىلغۇم يوقلۇقى ئۆزۈمگە بەش قولدەك ئايان. مەن ئەسكى ئىش قىلىپ قويغان تەقدىردىمۇ، شارائىت شۇنداق قىلىشقا قىستىغان بولىدۇ. كۆپىنچە ئادەملەر ماڭا ئوخشاش، ئۇلار مۇبادا ئەسكى ئىش قىلىپ قويسا، ئوخشاشلا شارائىت سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. شۇڭا، مەن قانداقمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەشكە تىلىم بارسۇن؟ سىز، بىتاب بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ رەڭگى-روھى جايىدا بولمىغىنى ئۈچۈن ئەيىبلەمسىز ؟ ئۇنىڭ جاراھىتىدىن يىرگىنىپ(…)

ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق


كۆپىنچىلىرىمىز ئىشلىمسەك بولمايدۇ، باشتىن ئاخىر جان تىكىپ ئىشلەيمىز. پەرق، سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزدا. بىر كۈنلۈك ئەمگەكتىن كېيىن ئوبدان ئارام ئېلىش، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ پاك-ساغلام خۇشاللىقلارنىڭ بىرىدۇر. ھېچكىممۇ باي غوجاملارنىڭ مىليونلىغان سائەتلىرىنى ئەيش-ئىشرەتتە ۋە مىڭلاپ ھاياتنى ئىسراپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكىنىنى ھېسابلاپ بېرەلمەيدۇ. ئادەمنى ھەسرەتلەندۈرىدىغان بۇ ئەمەلىيەت مېنى پەرىشان قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر روزىغارنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭغا ئادەمنىڭ(…)

كود يېزىشنى ئۈگىنەمسىز ياكى چەتئەل تىلىنىمۇ؟


ئىلگىرى كىشىلەر خىزمەت ۋە مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن،كەچلىك كۇرۇسلارغا بىرىپ ياكى ئۆزى ماتېرىيال سېتىۋىلىپ ئۆيدە چەتئەل تىلى ئۈگىنەتتى،بىراق،ئەمدىلىكتە بۇ ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك ماقالە كىشىلەرگە شۇنى ھېس قىلدۇردى،يەنى ئىلگىرى ئۈگىنىشخۇمار كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيە تىللىرى ئەمدىلىكتە مودىدىن قالدى،ئۇلارنىڭ ئورنىنى Java قاتارلىق پىروگرامما تىللىرى ئالدى. بۇ گەپ ئاڭلىماققا ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ،بۇ(…)

ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق


قېلىن-ئېغىر ئىگىنلەر بەدەن ھەرىكىتىڭىزگە ئەپسىزلىك تۇغدۇرىدۇ؛ بايلىق سىزنىڭ روھىڭىزنى بېسىپ غۇلىتىدۇ. نامرات كىشى بايغا ھەۋەس قىلسا، ئۇ بايدىن ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتمەيدۇ. بىر مۇنچە تىرىشچانلىق ۋە گۇناھلار بىلەن ئېرىشىلگەن زور بايلىقنىڭ بىرلا ھەقىقىي قىممىتى بار: سىز ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەندە خۇشاللىققا چۆمۈلىسىز. ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ پۇل، مال ۋە روزىغارلىرىنى ئېلىپ كەتسىڭىز، سىز بۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە سىزنىڭ(…)

ئېزىقىش


ئىسلاش ھەسەل ھەرىلىرىنى ئۇۋىسىدىن قوغلاپ چىقارغاندەك، ھاراق ئىچىش ۋە زىيادە تۇيۇپ كېتىشمۇ بىراۋنىڭ ئەڭ ياخشى مەنىۋى قۇدرىتىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. دائىم زىيادە تۇيۇۋېلىش، ئادەمنى ئېرىنچەك، ھۇرۇن قىلىپ قويىدۇ. ھاراققا كۆپ بېرىلىپ كەتسە، نەپسىنى يىغماق تەس بولىدۇ. بىراۋ چىراغ كۆتۈرۈپ، ئۆينىڭ سىرتىدىكى قاراڭغۇ كېچىدە ماڭسا ئۆز يولىنى پەرق ئەتمىكى تەسكە چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئىچى پۇشۇپ، چىراغنى ئۆچۈرىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ(…)

ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات


خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ھەر بىر ئەر-ئايالنىڭ قەلبىنى ماكان تۇتقان. خۇدانىڭ روھى ئولتۇراقلاشقان ئادەم سىزنىڭ جىسمىڭىزنى خۇشاللىق مەنبەسى، دەپ قارىسا خاتالاشقان بولىدۇ. شۇڭا، ئەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر بىر قىز-ئايال زاتى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ھەمشىرىسىدۇر؛ ئايال ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر بىر ئەر زاتى ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ قېرىندىشىدۇر. سىز نىكاھلانغان ۋەلى-ئەنبىيانى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بىر ئادەم مۇقەددەس تۇرمۇشقا قانچە يېقىنلاشقانسېرى(…)

خاتالىق


باشقىلارنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىغا تايىنىپ ئۆز خاتالىقىمدىن قۇتۇلدۇم، دېيىش دۇرۇس ئەمەس. ياق، باشقىلارنىڭ ئەپۇسىغا قاراشلىق بولماي، ئۆز خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇپ يېتىش ئارقىلىقلا ئاڭلىق يوسۇندا ئۇ خاتالىقلاردىن قۇتۇلالسىڭىز، ئاندىن ئۇ خاتالىقلاردىن ھەقىقىي قۇتۇلغان بولىسىز. سىز سادىر قىلغان ھەر بىر خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەر سىزنى چۈشەپ قويىدۇ. دەسلىۋىدە، ئۇ خاتالىق سىزنىڭ چۈشىلىشىڭىزگە نىسبەتەن سىزنى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا كىرىپ قالغاندەك قىلىپ(…)