دۇنيادا گۇناھ يوق


مەن خۇدادىن مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىلىڭ، دەپ تىلەيمەن. بىراق، بۇ مۈشكۈلاتلارنى خۇدا ماڭا ھەدىيە قىلغان، ئۇنىڭ مەقسىتى رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشىم ئۈچۈندۇر. ئىگەم قامچىسى بىلەن پادىلارنى ئوت كەتكەن قوتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ، بۇ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر، بىراق، پادىلار ئۆزىگە قامچا تەگمىسىكەن دەپ تىلەيدۇ. كىچىككىنە مۈشكۈلاتلار كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىدۇ، ئەكسىچە، چوڭ مۈشكۈلاتلار بىزنى ھەقىقىي تۇرمۇش، يەنى مەنىۋى(…)

ئىدىيە


ئەقىل-پاراسەت ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بولسۇن ياكى باشقىلار ئىپادىلىگەن ئەقىل-پاراسەت ئىدىيىلىرى بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق. سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇ پاراسەتلىك ئىدىيىلەرنىڭ سىزگە بېرىدىغان ياردىمى ھەرقانداق نەرسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بىز يېڭى بىر خىل ئىدىيىلەرنى ئاڭلىغىنىمىز ھەمدە ئۇنى توغرا تاپقىنىمىزدا، خۇددى تۇغۇلۇپلا ئۇنى بىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. سىزنىڭ روھىي چوڭقۇرلۇقىڭىزدا بۈيۈك ھەقىقەتلەر ساقلىنىپ ياتقان بولىدۇ. دۇنيادا مۇنداق ئىككى(…)

ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك


دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسە، كىشىلەر ئارا سۆيگۈدۇر. سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز سەۋەبلىك بۇ سۆيگۈ بۇزۇلمىسۇن. دەتالاشلار شىددەتلىك كەلكۈن قاش-قىرلارنى بۇزۇۋەتمەكچى بولغاندەك باشلىنىدۇ. قاش-قىرلار بىرلا ئۆرۈلسە، كەلكۈننى توسۇپ بولالماي قالىسىز. دەتالاشلار گەپ-سۆزلەردىن خالىي بولالمايدۇ. −«يەھۇدىيلار قانۇنى»دىن مۇنازىرىلەر ھەرقانداق كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە غەيرى مەقسەت-نىيەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئىچىدە غەزىپىنى قوزغايدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان مانا شۇنداق يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇتلۇقىنى بايقىۋېلىشىمىز(…)

ئېزىقىش


ئەگەر، ئات دەل ۋاقتىدا قەدىمىنى توختاتمىسا، ياخشى ئات باقارمۇ تىزگىننى قويىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئات توختىغانغا قەدەر تىزگىننى كۈچەپ تارتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەسكى ئادەت ۋە ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا سىز ئۇلارنى مەغلۇب قىلالايسىز، بەلكى ئۇلار سىزدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىز تىزگىنلىيەلمەيدىغان نەرسىگە ئېرىشىشنى زىيادە ئارزۇلاپ كەتمەڭ. ھەر قانداق ئادەمدە ھەرقانداق(…)

ھەقىقەت


سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىزدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، خۇدا سىزگە ئاتا قىلغان مەنىۋى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتۇر. بىزنىڭ كاللىمىز بىلەن يۈرىكىمىز ئوخشاشمايدۇ. بىز كاللىمىز ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز. مەنىۋىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز روھىمىز ۋە خۇدانى تۇيۇمىز. ھەقىقەت ھاياتىمىزنىڭ ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى. ھەقىقەت يەككە ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇنى سۆيگۈ يارىتىدۇ. باشقىلارنىڭ(…)

كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق


تىل-ھاقارەتكە قالغىنىڭىزدا، خۇش بۇلۇڭ. ماختاپ ئۇچۇرۇشلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، تەشۋىشلىنىڭ. كىچىك پېئىللىق بولمىسا، ھەر قانداق پەزىلەت−ئالايلۇق، گۈزەللىك، نوپۇز، بايلىق، تەربىيەت، ھەتتا مېھرىبانلىق−ھەممىسى يوقىلىدۇ ياكى ئەكسىگە ماڭىدۇ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خەيرلىك ئىش خۇدانىڭ ھەرىكىتىدۇر، ئۇ سىزسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ۋە تاماملانمايدۇ. سىز ئەقەللىي خەيرلىك ئىشلارغا قول تىققان تەقدىردە، ئۇمۇ ئالاھىدە ئىنئام بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ھەرقانداق ئالاھىدىلىكىڭىز ئۈچۈن بېرىلگەن ھەدىيە(…)

ئۆزىنى قۇربان قىلىش


ئۆزىدىن ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ ھاياتتىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، سىز جىسمانىي ھاياتىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز، ھەقىقىي روھىي ھاياتىڭىز ئاشىدۇ. مۇقەددەس روھىڭىز ئۈچۈنلا ھايۋانىي ھاياتىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئاندىن بۇ ھەقىقىي ئۆز-ئۆزىنى قۇربان بېرىش بولىدۇ. مۇبادا، سىز خۇدا بىلەن ياشىسىڭىز، بۇ پانىي دۇنيانىڭ سىزگە قىلچە كېرىكى قالمايدۇ. قۇياش نۇرى بولمىسا، ئۆسۈملۈكلەر ھايات تۇرالمايدۇ؛ سۆيگۈ-مۇھەببەت بولمىسا، ئادەممۇ ھايات(…)

تىرىشچانلىق


يەر شارىدا تىنچلىق مەۋجۇت ئەمەس، ھەم تىنچلىق بولماسلىقى كېرەك. ھايات، ئەمەلگە ئاشمايدىغان نىشان ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۆرۈشىش دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات تىنچ ئۆتمەيدۇ، تىنچ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن بەلكىم بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ نىشانى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بەلمەيدىغاندىمەن، بىراق، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشتە پەقەت تىرىشچانلىققىلا تايىنىشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل تارىخى مۇنازىرىسىز(…)

ساختا ئىلىم


ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئۆزىنىڭ مەنىۋى سۈپىتىنى ئۆزگەرتكەنچە ياخشىلاپ بېرىش. بىزنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشىمىزگە ياردىمى تېگىدىغان ئىلىملا، ھەقىقىي ئىلىمدۇر. بىلىم چەكسىزدۇر. شۇڭا، بىز بىلىمى مول كىشى بىلىمى ئاز كىشىدىن كۆپ نەرسىنى بىلىدۇ، دېيەلمەيمىز. بىزنىڭ ياش بىر ئەۋلادلىرىمىز زور مىقداردا مۇرەككەپ ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشماقتا، ئالايلۇق، ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى، ئاسترونومىيە، يەر شارىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات(…)

ئېتىقاد


كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خرىستىئان تەلىملىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتسىڭىز، مائارىپىمىزدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تونۇپ يېتەلەيسىز. باشقىلارغا يالغان سۆزلەش، رەزىل قىلمىش، بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ رەزىل بولغىنى ئۆزىڭىزگە يالغان سۆزلەشتۇر، جۈملىدىن، ئېتىقاد جەھەتتە. مەلۇم بىر ئاخىرقى، ھەقىقىي ئېتىقاد دەپ قارالغان ئەقىدىلەر سىزنىڭ ئەقىل-ئىدرىكىڭىز ئارقىلىق توغرىلىقى ئىسپاتلىنىشقا تېگىشلىك. ھەر بىر يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە زەھەر بار؛ دۇنيادا زىيان-زەخمەتسىز يالغانچىلىق يوق. پەقەت ھەقىقەتلا بىخەتەر،(…)