زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش


كىشىلەر ئۆزىنى دەپلا تالاي ئەسكى ئىشلارنى قىلىشىدۇ. كىشىلەر قىلغان تېخىمۇ ئەسكى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن قىلىنغان ئىشلاردۇر. بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇق ھەرىكەت، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى−ئالدامچىلىق، ئۇرۇش، مەخپىي پايلاش ۋە قەتلى قىلىش. قەتلى ئام قانداقلا بولمىسۇن ئادەم ئۆلتۈرۈشتۇر، مەيلى سىز نېمە ئۈچۈن قەتلى ئام قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇپ قېلىشىدىن قەتئىي نەزەر. ئادەم ئۆلتۈرۈشكە(…)

سۆيگۈ-مۇھەببەت


  پۈتۈن سۆيگۈڭىز بىلەن بارچە ئىنساننى سۆيۈڭ. سۆيۈش ئادىتى يېتىلدۈرسىڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ شادلىق ۋە بەخت-سائادەتكە تولغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. سىز ياخشى ياشىسىڭىزلا كىشىلەرنىڭ ئەيىبلەش ۋە ماختاشلىرى ئەرزىمەس كىچىك نەرسە بولۇپ قالىدۇ، كىشىلەر سىزنى سۆيمەس بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىۋېرىدۇ. مەيلى سىزنىڭ ھاجىتىڭىز چۈشسۇن-چۈشمىسۇن، ۋىجدانلىق ياخشى ئادەملا بولىدىكەن، سىزنى سۆيىدۇ، ئەسكىلەرمۇ يامان كۆزدە قارىيالمايدۇ ياكى زىيان-زەخمەت(…)

روھنىڭ بىردەكلىكى


خۇدا ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە. سىزنىڭ روھىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئويغانسا، ئۇ خۇدا بىلەن باشقا كىشىلەرنىڭ بېرىكىشىگە موھتاج بولىدۇ. ئادەم ئەلدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما، روھ تەنھا قالسا بولمايدۇ. ئۇ، باشقىلار بىلەن بېرىكىشى، كۈللىيات مەنبەسى بىلەن بىرىكىشى زۆرۈردۇر. سىز قانچىكى ئۆز تېنىڭىز ئۈچۈن ياشىغانچە، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىڭىز، بىرىكىشىڭىز شۇنچە ئاز بولىدۇ. ھاياتنى پەقەت(…)

روھنىڭ بىردەكلىكى


سىزنىڭ ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشىڭىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز، ھالبۇكى، بۇ تامامەن سىزنىڭ چەكلىمىلىكىڭىزدىن بولغاندۇر. بىراق، ئەمەلىيەت دەرۋەقە شۇنداقتەك بېلىنىدۇ. ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىش ئارزۇسى قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ ئاۋازىدۇر، خۇدا ھەر بىرىمىزنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي بولۇشىمىزنى كۈتىدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىتى، ئۆز روھىڭىزنىڭ تېنىڭىز ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىنىنى، باشقىلارنىڭ روھى ۋە خۇدا بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇدقا ئايلانغىنىنى كۆرۈش. سىز مۇشۇ(…)

خۇدا


خۇدا پەقەت ئۆزىنى ئىزدەپ تاپقان ئادەملەر ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ. خۇدانى ئىزدىسىڭىز، خۇدا ئۆزىنى سىزگە زاھىر قىلىدۇ. خۇدا تەنھالىقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا تەنھا تۇرغان، سىز ئۇنى ياد ئەتكەندىلا ئاندىن ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزگە بۆسۈپ كىرىدۇ. سىز خۇدانىڭ ئۆز قەلبىڭىزدە ئىكەنلىكىنى سېزەلەيسىز، بۇنداق قىلىش تامامەن مۇمكىن، يەنە كېلىپ ئۇنچىلىك تەس ئىشمۇ ئەمەس. بىراق، خۇدانى بىلىپ(…)

بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر


مۇبادا سىز قېرىندىشىڭىزغا ئۆچلۈك قىلسىڭىز، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ئۆچلۈك قىلغانلىق بولىدۇ. «ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى روھى ئوخشاش» دېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئوخشاش روھ ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، دېيىش كېرەك. سىز ياخشى ئىش قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. باشقىلار ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ياخشى ئىش-ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سىز(…)

روھ


بىزنىڭ ۋىجدانىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى روھنىڭ ساداسىغا جايلاشقان. مۇبادا، سىز ئازاب چەكسىڭىز ئۆز قەلبىڭىزدىن تەسەللىي ئىزدەڭ. كىتاب ياكى ساڭرام-ئىبادەتخانىلاردىن تەسەللىي ئىزدەپ يۈرمەڭ. سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئولتۇراقلاشقان خۇدالا سىزگە ياردەم قولىنى سۇنالايدۇ. ئادەم ئۇچالمايدىغان قۇشقا ئوخشايدۇ، ئۇ پەقەت يەردىلا يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ. بۇ قۇش ئۇشتۇمتۇتلا ئۆز قەلبىدىكى بىر خىل ئۆزىنى ئۇچۇرالايدىغان نەرسىنى سىزىپ يەتكەنىدە، ئۇ ئەركىنلىك ۋە ئىزگۈلۈكلەرنى(…)

ئۆلگەندىن كېيىن


«ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدىغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ كىشىلەر. ئۆزىڭىزنى مۇقەددەس ياراتقۇچىمىزغا تاپشۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ بارچە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىزگۈلۈكلەر ئىكەنلىكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگىمۇ ئايان. شۇنداق بولغاندىلا سىز كەلگۈسىدە ھەممىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىسىز. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قانچىكى مەنىۋى بولغانچە بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا شۇنچىكى ئىشىنىمىز. كەلگۈسىمىزدىكى پەردىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ، زۇلمەت تارقالسا شۇندىلا بىز ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. مەن(…)

ئۆلۈم


ئۆلۈم، بىز ئۆزىمىزنى قورقۇتىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋالغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا قىلچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز پانىي دۇنياغا ئولتۇراقلىشالمايسىز، بەلكى پانىي دۇنيادىن قونالغۇدەك ئۆتىسىز. سىز جىمجىت تۇرۇۋاتقان بىر ئۆيدە ئەمەس، بەلكى چېپىپ كېتىۋاتقان پويىزدا ياشايسىز، ئۇ پويىز سىزنى ئۆلۈم مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۆلسىڭىز پەقەت جىسمىڭىزلا ئۆلىدۇ، ئەمما ھەقىقىي مەڭگۈ ياشاپ قالىدىغىنى، پەقەت سىزنىڭ روھىڭىزلا بولىدۇ.(…)

ھازىردا ياشاش


بىز ۋاقىتنى ئېقىن سۇغا ئوخشىتىمىز، بىراق بۇ خاتا. بۇ خۇددى كېمىدە ئاستا-ئاستا سىلجىۋاتقىنى ۋاقىت دەرياسى ئەمەس، بىز بولغىنىدەك بىر ئىش. بىز كېمىگە ئولتۇرغاندا كېمە ئەمەس، قىرغاق مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. ھايات ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋە قىسقا. بىز قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ يېتەرلىك سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىزگە بېرىپ بولۇشقا ۋاقتىمىز يېتىشمەيدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىش-ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولايلى. ھايات ئۇقۇمى(…)