ئۆزىنى قۇربان قىلىش


سىزنىڭ ھەقىقىي سۆيەلەيدىغىنىڭىز پەقەت خۇدا؛ تۆۋەن كۆرۈشىڭىزگە بولىدىغىنى پەقەتلا ئۆزىڭىزدۇر. ھەر بىر ئادەم ھاياتقا نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ خاسلىقىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىپ يېتەلىسىڭىزلا ئاندىن بۇ خىل چەكسىز ھاياتنى چۈشىنەلەيسىز. كىشىلەر ئۆزلۈكتىن ۋاز كېچىش ئەركىنلىكنى بۇزىدۇ، دەپ بىلىۋېلىشىدۇ، ئەمما، بىزنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىمىز ئىستىبداتلاردىنمۇ ئۆتە(…)

تىرىشچانلىق


ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىڭىزنى يېڭىش−بۇ نام-ئاتاق، بايلىق ۋە تەربىيىلىنىشىڭىزدىنمۇ مۇھىمدۇر. ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. قىيىن ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەڭ. رېئال دۇنيادا ھاياتنى ئۆزگەرتەلەيدىغىنى، تاشقى قائىدە-نىزام ۋە رەسىم-يوسۇنلار بولماستىن، بەلكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز قەلبىدە ئىجتىھات بىلەن(…)

ساختا ئىلىم


كىشىلەر بۇ دۇنيادا داۋاملىق ياشايدىكەن، ئۇلارغا ئۇستازلار نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك. دۇنيادا سان-ساناقسىز ئىلىملەر بار، بىراق سىزگە نېمىنىڭ ئەڭ ياخشىلىقىنى، نېمىنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مەقسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بىرەر پەنمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا سىز توغرا تاللاش ئېلىپ بارالمايسىز. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، زور مىقداردىكى بىلىملەر بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىدارىمىزنىڭ بەكمۇ ئاجىزلىقى چانماقتا، ھاياتىمىزنىڭمۇ(…)

تىلاۋەت


خۇدا ھەققىدىكى ھېكايەتلەرنى ئاڭلاش بىلەنلا خۇدانى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا خۇدانى تونىغىلى بولىدۇ. خۇدانىڭ قانۇنى ھەر بىرىمىزنىڭ دىلىغا يېزىلغان. كىچىك ئوغۇل بالا ئۇخلايدىغان چاغدىمۇ قورچىقىنى ئويناپ تۇرۇۋالسا، بالا باققۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىدۇ. كىشىلەر خۇداغىمۇ مانا شۇنداق ساددا پوزىتسىيىدە بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئەخلاقسىزلارچە ياشىسا، باشقىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلدۇرسا، ئۆزلىرى ئۆزىنىڭ(…)

ئېتىقاد


دىنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىلا بىردىن-بىر ھەقىقىي، باشقىسىنى بولسا يالغان، ساختا دىن دەۋالىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىن چىن ئەمەس. كىشىلەر ھەرقانداق دىنىي ئەقىدىلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى دەپ قارىغۇلارچە ئىشەنگەندە، خۇدا بىزگە بەرگەن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشلەتمىگەن بولىمىز؛ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن كىشىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئېتىقاد بىزگە نېمە(…)

EXCEL دا رەقەمنى خەنزۇچە يېزىققا ئايلاندۇرۇش فورمىلاسى


EXCELداNUMBERSTRING دىگەن رەقەمنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغان فورمىلا يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ بۇ فورمىلىنى EXCELنىڭ فورمىلا قىستۇرۇش رامكىسنى چىكىپ ئىزلىسىڭىز كۇرۇنمەيدۇ ،ئەمما يۇقارقى فورمىلىنى يېزىپ ئىشلەتسىڭىز رەقەمنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ .

زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش


تارىختا، بارچە سىياسىي ئۆزگىرىش ۋە ئىنقىلابلارنىڭ شەپقەتسىزلىكى، بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ. ئەگەر، كىشىلەر زورلۇق كۈچى ئىشلتىشنى بۇرۇنلا ئۆگىنىپ قالمىغان بولسا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەن بولاتتى. سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلار، باشقىلارنى مەجبۇرلاش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەس. بۇنداق ھادىسىنىڭ شەكىللىنىشى ھاماقەتلىك ياكى تەكەببۇرلۇق−بىراق، ھەر ئىككىلىسىدە ئادەمنى ئىززەتلەش-قەدىرلەش مەۋجۇت ئەمەس. −بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن(…)

سوتلاش ۋە جازالاش


كىشىلەر، ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرماسلىق كېرەكلىكىگە ئىشەنمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، تامامەن ئۇلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئەكسىچە قائىدە-يوسۇنلارنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىدىندۇر. باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش، «سىزنى كەچۈردۈم» دېگەن گەپنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماي، بەلكى كۆڭلىڭىزدىن بارچە ئەيىبلەشلەرنى كۆتۈرۈۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ يېتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. بارچە دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ (خرىستىئان ئەقىدىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈپ ئاساسى سۆيگۈدۇر. خرىستىئان(…)

شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق


ئۇششاق بالىلار ئويۇن ئوينىغاندا، ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ، ئەمما ئويۇن ئاخىرلاشسىلا ئۆزلىرىنىڭ قايتىدىن بىرلىشىپ دوست بولۇپ قالىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. بىراق، چوڭلار تەبىقە-قاتلاملار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، دۆلەتلەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر بىرلەشمەستىن شۇ توپ ئارىسىدا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىۋېرىدۇ. ئەگەر، سىز ماختاشلارغا ئېرىشىشتىن زىيادە ئەندىشە قىلسىڭىز، ھەرىكەت قىلمىقىڭىز بەسى مۈشكۈل بولىدۇ. بەزىلەر سىزنى بۇ ئىشىڭىز تۈپەيلى ماختىغان بولسا، يەنە بەزىلەر(…)

پىكىر دەپتىرى


پىكىر تەكلىپ بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!