-
2010-09-22
ئەركىن ۋاھىدوۋ شېئىرلىرىدىن - [چەتئەل شېئىرىيىتىدىن نەمۇنىلەر]
كەمتەرلىك ھەققىدە
گەرچە شۇنداق مەغرۇر تۇرسىمۇ ،
پىيالىگە ئېگىلەر چەينەك .
شۇنداق ئىكەن مەنمەنلىك نىچۈن،
كىبرۇ–ھەيۋە نېمىگە كېرەك !؟
كەمتەرىن بول، ھەتتا بىر قەدەم
ئۆتمە مەغرۇر ئاستانىسىدىن
پىيالىنى ئىنسان شۇنىڭچۈن ،
سۆيەر دائىم پىشانىسىدىن …!
1956–يىل
共1页 1