-
2010-08-08
رۇبائىيلار - [دۇردانىلەر]
رۇبائىيلار
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
مىنگەن ئات ،كىيگەن تون بەختىڭ سېنىڭكى ،
تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى .
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن ،بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.راست سۆزنىڭ ھىچ يەردە خىجالىتى يوق ،
يالغان گەپ ياياقتۇر مىنەر ئىتى يوق .
يالغاننىڭ بېغىدا كۆكلىمەس دەرەخ،
يا پىشار ئۈرۈكى ، ياكى قېقى يوق .
تاغ-تاشنى سۇ بۇزار ،ئەلنى ئۆسەك سۆز ،
ئېشەككە چىقىپتۇ ،دېگەندەك مۈڭگۈز .
پىچىرلاپ سۆزلەشنى قويغىن ئۆگىنىپ ،
بولسىمۇ ئىنساننىڭ بارى ساڭا ئۆز.كۆرۈنگەن ئامەتتىن كەتمىگىن چۆچۈپ ،
تاغ كۆچسە كۆچسۇنكى ، سەن يۈرمە كۆچۈپ .
ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ ياشايمەن دېسەڭ ،
ئۆتكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ .