-
2010-08-07
قەغەز ئۆلچىمىنى خالىغانچە بەلگىلەش - ["ئەلدىن ئەلگە نەپ"]
ئىدارىدا ئادەتتە كۆپرەك 16k لىك قەغەزنى ئىشلەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئادەتتە word ، Excel قاتارلىقلاردا يېزىپ چىققان نەرسىلەرنى 16k قەغەزگە پىرىنتىر ئارقىلىق بىسىپ چىقىرىمەن. بىراق word نىڭ «بەت تەڭشىكى»نى ئېچىپ قارىسام، بۇ يەردە 16k ئۆلچىمىدە قەغەز يوق ئىكەن. ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغىنى پەقەتلا A4 ئۆلچىمىدىكى قەغەز ئىكەن. ئەلۋەتتە word « بەت تەڭشىكى»(页面设置) دە قەغەزنىڭ ئۆلچىمىنى خالىغانچە بەلگىلى بولسىمۇ، بىراق Excel قاتارلىق بىر قىسىم دىتاللاردا بۇنداق ئىقتىدار يوق بولۇپ، سىز پەقەتلا سىستىما بەلگىلەپ بەرگەن ئۆلچەمدىكى قەغەزلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىسىز. قانداق قىلىش كېرەك؟«بەت تەڭشىكى»دىكى قەغەز ئۆلچەملىرى ئارسىغا 16k قەغەز ئۆلچىمىنى قىستۇرغىلى بولماسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تىپىپ چىقتىم، تۆۋەندە بۇ ئۇسۇلنى تورداشلارغا تونۇشتۇرماقچىمەن.
ئالدى بىلەن كونتىرۇل تاختىسىغا كېرىپ، كونتىرۇل تاختىسىدىن «پىرىنتىر ۋە فاكىس»(打印机和传真) دىگەن تۈر ئىچىگە كىرىمىز.ئاندىن تىزىملىكتىن «ھۆججەت- مۇلازىمىتىر خارەكتىرى»(文件-服务器属性) دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.بۇ كۆزنەكتىن A4 ئۆلچىمىدىكى قەغەز تۈرىنى تاللاپ،تۆۋەندىكى «يىڭى فورمات قۇرۇش»(创建新格式) دىگەن تۈرگە بەلگە قويساق، قەغەز ئۆلچىمى ۋە تۆۋەندىكى قەغەزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئىپادىلەيدىغان كەڭلىك ۋە ئىگىزلىكلىرى تەڭشەش ھالىتىگە كىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ يەرگە قەغەز كەڭلىكىنى 19 غا، ئىگىزلىكىنى 27 گە ئۆزگەرتىپ، باشقا جايلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تەڭشەپ، ئاندىن «جەدىۋەل نامى»(表格名) دىگەن جايدىكى A4 دىگەن خەتنى 16k دىگەن خەتكە ئۆزگەرتىپ،ئۈستىدىكى « فورماتنى ساقلاش»(保存格式) دىگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بىز قۇرغان يىڭى بىر قەغەز ئۆلچىمى تىزىملىككە قوشۇلىدۇ.ياكى رەسىمدىكىگە ئوخشاش قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى سىز خالىغان بىر بىسىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بار دىتال بىلەن بىر نەرسە بېسىپ چىقارماقچى بولۇپ، «بەت تەڭشىكى» دىگەن جايغا قارىسىڭىز، ئۆزىڭىز ھازىر قوشقان، 16k ئۆلچىمىدىكى قەغەز تۈرىنى تاپالايسىز.
سىز يەنە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، باشقا ئۆلچەمدىكى ئۆزىڭىز كۆپ ئىشلىتىدىغان قەغەزلەر ئۆلچەملىرىنى قوشىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەنبە:http://www.korkem.com/bbs